大数跨境
0
0

تەلەپچان كىشىلەر زادى قانچىلىق قورقۇنۇچلۇق ؟

تەلەپچان كىشىلەر زادى قانچىلىق قورقۇنۇچلۇق ؟ aymehri
2018-01-28
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى:

بەزىلەر يېتىلگەن ئادەملەر ئىككى خىل بولىدۇ، بىر پىشقان ئادەملەر يەنە بىرى ياشانغان ئادەملەر دېيىشىدۇ. كۆپ قىسىم ئادەملەر ئىككىنچى خىلدىكى ئادەملەر قاتارىغا كىرىپ كەتتى. يېشى كىچىكلا تۇرۇپ دائىم ھەممىدىن نارازى بولۇپ، ئۇھسىنىپ يۈرىدۇ. ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە جۈرىتى ۋە ئىرادىسى يوق، قانداق ئىشلارنى قىلسا بىردەملىك قىزغىنلىق سەۋەب بولىدۇ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرالمايدۇ. ئەتىدىن كەچكىچە تېلېفوننى قۇچاقلاپ يۈرگىنى يۈرگەن. مىكرو بىلوگ كۆرۈش، دوستلار چەمبىرىكى كۆرۈش... ئۇنىڭدىن باشقا ئالاھىدە قىزىقىش بولماسلىق، ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېگەچ تېلېۋىزور كۆرۈش.

ھازىرقى سىز مانا مۇنداقمۇ:

تۇرمۇش رېتىم قالايمىقان، ھەر كۈنى ماغدۇرسىز، كەلگۈسى ئۈچۈن تەشۋىشلىنىسىز يۇ لېكىن يەنىلا نىشانسىز ۋە مەنىسىز ھالدا كۈنلىرىڭىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزىسىز.

ھورۇنلۇق كىشىلەر قەلبىنى ئاستا-ئاستا يالماپ يۈتىۋەتكەندە، ئاخىرىدا قالىدىغىنى پەقەتلا مەنىسىزلىك، ئۆزىنى مەنسىتمەسلىك ۋە زىيادە سەزگۈرلۈك.

ۋاڭ شياۋبو مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرنىڭ بارلىق ئازابلىرى ماھىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىغا بولغان غەزىپىدۇر، لېكىن تەلەپچانلىق دەل ھاياتتىكى ئازابلاردىن غالىپ كېلىدىغان ئاساسىي يول»

«ھەرىكەت»

دالى بىلەن كۆرۈشمىگىنىمگە بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. يېقىندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇنى كۆرۈپ قورققىنىمدىن ئېڭىكىم چۈشۈپ قالغىلى تاس قالدى. قارشىمدا تۇرغىنى بەدەن شەكلى مۇستەھكەم، كۈلكىسىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان ياش ئاتا، مەن ئالدىنقى يىلى مۇشۇ ۋاقىتتىكى پۈتۈن بەدىنىنى سېمىز گۆشلەر قاپلاپ كەتكەن 200 جىڭلىق بودەكنى كۆز ئالدىمغا قەتئىي كەلتۈرەلمىدىم. ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ھەيران قالدىم، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قايىل بولدۇم.

يېقىنقى بىر يىلدا ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇزۇنغا يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرۇپتۇ. ھەر كۈنى كەم دېگەندە ئالتە كىلومېتىر، باھار كۈزدە باغچىدا، قىش يازلاردا بولسا چېنىقىش مەيدانىدا.

يۈگۈرۈش ناھايىتى جاپالىق جەريان، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن توساقلاردىن ئۆتۈش لازىم. دالى ئۆزىنى ياخشى چۈشىنىدۇ، ئەگەر يېرىم يولدا توختاپ قالسا خۇددى تېيىز سۇدا توختاپ قالغاندەك، ئىشنىڭ بېلىغا تەگكەندەكلا ئىش بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ھەر كۈنى ئۆزىنى زورلىغان، ئۆزىنىڭ بەدىنىنى بويسۇندۇرۇشنى سىناپ باقماقچى بولغان، كېيىن ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلغان، كۆنگەن، كۆنۈپ قالغان ئاخىرىدا ھەتتا بۇ جەريانىدىن ھوزۇر ئالىدىغان دەرىجىگە يەتكەن.

تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بىر يىللىق چېنىقىش پىلانى:

تۇنجى ئېيىدا، ئۇ خىزمەتكە پىيادە بېرىپ كەلگەن، بېرىپ كېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى 10 كىلومېتىر يول يۈرگەن.

بىر ئايدىن كېيىن، ھەر كۈنى بىر سائەت بالدۇر ئويغىنىپ يۈگۈرۈشنى باشلىۋەتكەن.

ئىككى ئايدىن كېيىن، ھەر كۈنى 5 كىلومېتىر يۈگۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئۈچ ئايدىن كېيىن، بىر سائەتتە 10 كىلومېتىر يۈگۈرۈش ھېچقانچە مەسىلە ئەمەس بولۇپ قالغان.

ئۇزاق مۇددەت بەرداشلىق بېرىشتە سىرتقى بېسىمغا ئەمەس ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە تايىنىدۇ، بۇ دەل تەلەپچانلىق ئېڭى، پەقەت مۇشۇ خىل ئاڭنى ھاياتى كۈچ بىلەن بىرلەشتۈرگەندە ئاندىن ئۈزلۈكسىزلىك شەكىللىنىدۇ.

يۈگۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى ساغلاملىق ئۈچۈن، لېكىن ھازىرقى دالى ئۈچۈن بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭ. ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ يۈگۈرۈش قارىماققا تەكرارلانغان مېخانىك ھەرىكىتىگە ئوخشايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزىگە ئەملەنگەن ئەڭ ساپ ئېنىرگىيەدۇر. يۈگۈرۈش ئۇنىڭغا تاقەتلىك بولۇشنى، چىدامچان بولۇشنى ئۆگەتتى. چىپىلداپ ئاققان تەردىن كېيىنكى بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى.

داۋاملىق تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ سەۋەبى بەلكىم پەقەت بىرلا، لېكىن تەنھەرىكەتتىن ۋاز كېچىشنىڭ سەۋەبى نەچچە مىڭ خىل. لېكىن تەلەپچان ئادەملەر ھېچقاچان ئۆزى ئۈچۈن باھانە ئىزدىمەيدۇ.

«بالدۇر تۇرۇش»

ۋاسكېتبول ماھىرى كوبى مۇنداق دېگەن: «سىز لوس ئانجىلىسنىڭ سەھەر سائەت تۆتتىكى ۋاقتىنى بىلەمسىز؟ سەھەر سائەت تۆتتىكى لوس ئانجىلىس ناھايىتى قاراڭغۇ، لېكىن مەن ھەر كۈنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ لوس ئانجىلىسنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا ماڭىمەن. بىر كۈن ئۆتۈپ كەتتى، لوس ئانجىلىسنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئۆزگەرمىدى. ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، لوس ئانجىلىسنىڭ قاراڭغۇلۇقى يەنىلا ئۆزگەرمىدى. ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، لوس ئانجىلىسنىڭ قاراڭغۇلۇقى يەنىلا شۇ پېتى. لېكىن مەن ئۆزگەردىم، مەن ھازىر مۇسكۇللىرى، جىسمانىي كۈچى تەرەققىي قىلغان تەنھەرىكەت ماھىرغا ئايلاندىم»

كۆردىڭىزمۇ؟ بالدۇر تۇرغانلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى زور.

سەھەر ۋاقتى ناھايىتى قىممەتلىك، ئادەمنىڭ كاللىسى ئوچۇق بولغاچقا ئۆگۈنۈش قىلىشقا ماس كېلىدۇ، ئەگەر سەھەر تۇرپ ھېچ ئىش قىلماي كارىۋاتتا ئۇياقتىن بۇياققا ئۆرۈلۈپ ياتسىڭىز، ئاقىۋەت بىر كۈن بېشىڭىز قېيىپ قاپاق ھالەتتە يۈرىسىز. بىر يىل 365 كۈن، ئەگەر ھەر كۈنى بىر سائەت بالدۇر تۇرسىڭىز 365 سائەت ئۈنۈم ۋاقتىغا ئېرىشەلەيسىز.

ياپونىيەلىك يازغۇچى مۇراكامى خارۇكىنىڭ سەھەر تۇرىدىغان ئادىتى بار، ئۇ ھەر كۈنى سەھەر سائەت تۆتلەردە تۇرۇپ رومان يازىدۇ، ئەزەلدىن سائەت تەڭشىمەيدۇ. قەھۋە دەملەپ ئازراق پىرەنىك يەپلا دەرھال خىزمەتكە چۈشىدۇ، ئارتۇقچە ۋاقىت ئىسراپ قىلمايدۇ. ئەنە شۇنداق سەھەر ۋاقتىنى ياخشى كونترول قىلالايدىغان كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناچار ئەمەس.

مىسال:

مېنىڭ ئىلگىرىكى ساۋاقدىشىم، بىر ياش ئانا، خىزمەتكە چىققىلى ئۈچ يىل بولغان، ھەر كۈنى سەھەردە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان، كېيىن ئۈن تىنسىزلا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىندى.

ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ساۋاقدىشىم، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ھەر كۈنى سەھەر قوپۇپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرغان، يېقىندا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ چوڭ ئەسەرلەرنى يېزىشقا تۇتۇش قىلماقتا.

ئەڭ يېقىن دوستۇم، سەھەر قوپىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرگەن، ئورۇندىن تۇرۇپ يېرىم سائەت يوگا مەشىق قىلىدۇ، يېرىم سائەت كىتاب ئوقۇيدۇ، 15 مىنۇت ناشتىلىق تەييارلايدۇ. ئىلگىرى ئۇنىڭ تېرىسى سارغۇچ ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ تېرىسى ياخشىلىنىپ سۈزۈلۈپ كەتتى. روھىي ھالىتىمۇ باشقىچە كۆتۈرەڭگۈ بولۇپ كەتتى.

نۇرغۇن ئىشلارنى قىسقا مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا ئانچە چوڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. لېكىن داۋاملىق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئەجىر سىڭدۈرسىڭىز، ۋاقىت كەلگۈسىدە باشقىچە بولغان ئۇسۇلدا سىزگە جاۋاب قايتۇرىدۇ.

سەھەر تۇرۇشقا كۆنمىگەن ئادەملەرگە نىسبەتەن بىر سائەت بالدۇر تۇرۇش ناھايىتى قىيىن ئىش بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ئالدىرىماي كېلىڭ، ئاۋۋال 15 مىنۇت ياكى يېرىم سائەت بالدۇر تۇرۇشنى ئۆگىنىڭ، ئەلۋەتتە شۇنىڭغا لايىق بالدۇر ئۇخلاشنىمۇ ماسلاشتۇرۇڭ. سەھەر تۇرغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان ئەتىگەنلىك تۇرمۇش رېتىمىنى ئىزدەڭ.

تەلەپچان ئادەملەرنىڭ ۋاقىت باشقۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. خىزمىتى قانچە ئالدىراش، تۇرمۇشى قانچە ھارغىن بولسىمۇ ھەممە ئىشلارنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.

ئۇلارنىڭ نىشانى ئېنىق. ھەر كۈن، ھەر ھەپتە، ھەر ئاي، ھەر يىلى نېمە ئىش قىلىش، قانداق نىشانغا يېتىش توغرىسىدا كۆڭلىدە سان بولىدۇ.

تۆۋەندىكىسى بايام سۆزلەپ ئۆتكەن دوستۇم يەنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان ياش ئانىنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىش جەريانى:

2015-يىلى ئۇ 130 جىڭدىن 100 جىڭغا ئورۇقلىغان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان.

2016-يىلى مىڭ كىلومېتىر يۈگۈرگەن، يۈز پارچە كىتاب ئوقۇغان، بىر قېتىملىق مارافونچە يۈگۈرۈشنى تاماملىغان، ئۈچ مەيدان خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەت ئىمتىھانغا قاتناشقان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سالاھىيەت كىنىشكىلىرىگە ئېرىشكەن.

2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ھەر ئايدا 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق يۈگۈرگەن، ھەر ئايدا بەش پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇغان...

بۇ ئۆزگىرىشلەرگە «مۇنەۋۋەر بولۇشقا ئىنتىلىش» ئېڭى ۋە تەلەپچانلىق سەۋەب بولغان.

مەن ئۇنىڭ پىلان جەدۋىلىنى كۆرگەن ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز تەلەپچانلىقنىڭ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، بۇنداق ئادەملەر يەنە قايسى ئىشلارنى قىلالمايدۇ؟

(ئاسپىرانت ئانىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ بىر قىسمى)

ھەر كۈنى سەھەر 5 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئورۇندىن تۇرۇش، بىر سائەت كىتاب ئوقۇش ۋە سوئال ئىشلەش، ئالتە يېرىمدا ئەتىگەنلىك ناشتىلىق تەييارلاش، سائەت 7دە بالىلىرىغا تاماق بېرىپ كىيىملىرىنى كەيگۈزۈش، سائەت 8دە خىزمەتكە مېڭىش.

ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش، ئىككى پارچە كىتاب ئوقۇش، ھەپتىدە بىر كۈن تاماق يېمەي بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەش، دوستلىرى بىلەن بىر قېتىم يىغىلىش.

ئاي ئاخىرىدا بىر ئايلىق ئومۇمىي خۇلاسە چىقىرىش ۋە كېيىنكى ئايلىق پىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش. ئوقۇماقچى بولغان كىتابلىرىنى ئالدىن سېتىۋېلىش، تەكرارلىماقچى بولغان ماتېرىياللارنى ئالدىن رەتلەش.

ھەر يىللىق نىشانى سەككىز يۈز كىلومېتىر يۈگۈرۈش، يۈز پارچە كىتاب ئوقۇش، ئاستا-ئاستا ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئۆتۈش.

تەلەپچان ئادەملەر ناھايىتى قورقۇنچلۇق، لېكىن ئۇلار ھۆرمەتكە لايىق.

بەلكىم بەزىلەر بۇ ياش ئانىنىڭ بىكار ۋاقتى جىق ئوخشىمامدۇ؟-دەپ سورىشى مۇمكىن.

بۇ ياش ئانا بولسا مەلۇم بىر ئېلانچىلىق شىركىتىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، ئەتىگەن سائەت 9دىن كەچ سائەت 10غىچە نورمال خىزمەت قىلىدۇ، ئالدىراشلىق دەرىجىسىنى دېمىسەممۇ بولىدۇ. ئۇ ئەسەبىيلەرچە پىلانىنى ئىجرا قىلىۋاتقان چاغدا ۋاقىت ئۇنىڭغا بىر پارچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىق چاقىرىق قەغىزىنى قالدۇرغان.

ۋاقىت تەرتىپىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالىسىڭىز ئاجايىپ بولغان ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز، پىلان جەدۋىلىدىكى ھەربىر نىشانىڭىزنى بىر-بىرلەپ پۈتتۈرگەن ۋاقتىڭىزدا قەلبىڭىزدىكى رازىلىق تۇيغۇسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ۋەزىپىڭىزنى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى ئازابلىرىڭىزنى يوقىتىشقا يېتىدۇ.

«تەلەپچانلىق»

ئاۋۋال ئۆزىڭىز بىلەن كېلىشىڭ

تۇرمۇشتا مۇنداق ئادەملەرمۇ بار:

سېمىز، ئۆزىنىڭ ئاغزىنى باشقۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك كۈچ قۇۋۋىتىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئويلاپ باقمىغان.

دائىم كېچىلىرى ئىسمېنا قېتىپ ئىشلەپ، بۇ سەۋەنلىكنى باشلىقىغا ئارتىپ، باشلىقىدىن ئاغرىنىپلا يۈرىدۇ، ئەزەلدىن ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇپ كەچلىك ئىسمېنىدىن قۇتۇلۇشنى ئويلاشمايدىغانلار.

باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا، پۇلغا ۋە گۈزەللىكىگە ھەۋەس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تەقدىر تەلىيى دەپ قارايدىغانلار.

راستنى ئېيتقاندا بۇ رېئاللىقتىن قاچقانلىق، تېخى يېتىلمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى.

سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، ئوخشاشلا باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن سىزنىڭمۇ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلالىغانلىق بىر ئادەمنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكنىڭ بەلگىسى.

ھەقىقىي تەلەپچان كىشى كۆپ ۋاقىتنى ئاغرىنىش، ھەسەت قىلىش، نالە قىلىش بىلەن ئۆتكۈزمەيدۇ. ئەكسىچە ئۆزى بىلەن كېلىشىپ رېئاللىققا توغرا قارايدۇ. مەسئۇل بولماقچى بولغان ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

«ئۆزىنىڭ مۇكەممەلسىزلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك»

ھەر قانداق ئادەمنىڭ مۇكەممەل بولمىغان بىر تەرەپى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يوشۇرۇن ھالدا ئۆزىمىزنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشىمىز، لايىقىدا ئۆزىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

«مۇستەقىللىقنى ئۆگىنىش»

ئادەملەر ھەددىدىن زىيادە شاۋقۇن بولغان سىرتقى مۇھىتتا ياشاپ چارچىغان ۋاقىتتا، شارائىتقا ماسلىشىش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا مۇستەقىل كىتاب ئوقۇپ، خەت يېزىپ رەسىم سىزىپ دېگەندەك ئىشلارنى قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى چۈشىنىش كېرەك. داۋاملىق مىننەتدارلىق بولۇش لازىم، چۈنكى ئاغرىنىش ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئۇ پەقەت سىزنى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرىۋېتىدۇ.

تەلەپچان ئادەم ئۆز ھاياتىنى كونترول قىلالايدۇ

پەيلاسوپ كانت مۇنداق دېگەن: «ئاتالمىش ئەركىنلىك ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش كۆرۈش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى باشقۇرۇشتۇر»

ئۆزىڭىزنى بۇرۇنقى جاپالىق تۇرمۇشىقا زورلىماڭ. ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق، سىزنى ئۆزگەرتەلەيدىغان، ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىڭىز لازىم. مەسىلەن يۈگۈرۈش، رەسىم سىزىش، خەت يېزىش، تاماق ئېتىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىش...دېگەندەك.

نۇرغۇن ئىشلاردا تىرىشسىمۇ ياخشى بولغان نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا بىراقلا بەل قويۇۋەتمەي ھەر كۈنى ئاستا-ئاستا ئىلگىرلەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ئىقتىدارىڭىزنى ھېس قىلىڭ، يىراقتىكى نىشانىڭىزغا يېقىنلىشىڭ.

ئادەم تەلەپچان بولمىسا، ئۇنى ھېچكىم قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئەگەر سىز ھازىرقى ئاددىي، نەتىجىسىز تۇرمۇشىڭىزنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى تەلەپچانلىقتىن باشلاپ ئۆزگەرتىڭ...


【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624