

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
قىز يىگىتى بىلەن ئىككىنجى كۈنى ئەتىگەن سائەت يەتتىدە خەلىق ئىشلار ئىدارىسىغا بېرىپ توي خېتى ئالىدىغانغا دېيىشتى. ئۇ يىگىتتىن نىمىشقا مۇنچە ئەتىگەن بارىدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى، يىگىت كۈلۈپ تۇرۇپ :« بىز ئەتە بىرىنجى بولۇپ توي خېتى ئالمىساق بولمايدۇ، ئەتە بىرىنجى بولۇپ توي خېتى ئالغان بەخىتلىك بىر جۈپلەردىن بولىمىز.» دېدى.
قىز كۈلۈپ تۇرۇپ قوشۇلدى. لېكىن ئىككىنجى كۈنى ئەتىگەندە قىز تۇرىدىغان كوچىدا يول ياساش سەۋەبىدىن ماشىنا خېلى ئۇزۇن توسۇلۇپ قالدى. بۇ ۋاقىتتا سائەت يەتتە بولاي دېگەن ئىدى، قىز يۈگۈرۈپ دېگۈدەك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىغا باردى.
بۇ ۋاقىتتا يىگىت تىت-تىت بولغىنىچە خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا قىزنىڭ كېلىدىغان يولىغا قاراپ تۇراتتى. خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. گەرچە ئۇلار ئالدىن كېلىشىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىزمەتچى خادىملار 20 مىنۇت كېچىكىپ قالسا نۆۋەتنىڭ كېيىنكىلەرگە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى.
ئاخىر قىزنىڭ سايىسى كۆرۈندى. ئۇ يولنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرۇپ يىگىتكە قاراپ قول پۇلاڭلاتتى، يىگىت قىزغا قاراپ ۋارقىرىدى:« تېز ئۆتۈڭ!» قىز ئىككىلەنگىنىچە بايىلا يانغان قىزىل چىراققا قاراپ تۇرۇپ قالدى-دە، يىگىتكە ئۈچ مىنۇت ساقلاپ تۇرۇڭ دېگەن مەنىدە قول ئىشارىسى قىلدى.
يىگىت خاپا بولدى، قىزىل چىراققا قارىماي ئۆتىۋېرىڭ دېگەن مەنىدە قول ئىشارىسى قىلدى. قىز سەل ئىككىلەنگىنىچە يولنىڭ قارشى تەرىپىدە مىدىرلىماي تۇراتتى. ئۇزاققا سوزۇلغان ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن قىز يولدىن ئۆتۈپ يىگىتنىڭ يېنىغا كەلدى.
يىگىتنىڭ چىرايى قارىداپ كەتكەن ئىدى، ئۇ گەپ –سۆز قىلماستىن قىزنىڭ قولىدىن تۇتتى –دە ئۇدۇل خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئىچىگە قاراپ يۈگۈردى. ئۇلار ئىچىگە كىرگەندە خىزمەتچى خادىملار كېيىنكى بىر جۈپلەر ئۈچۈن كېنىشكە بېجىرىشكە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار يەنە قايتىدىن بىرىنجى بولۇپ ئۈلگۈردى. يىگىت بۇنىڭدى بەكمۇ خۇشال بولدى. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن قىز يىگىتنىڭ قولىنى قويىۋەتتى- دە خىزمەتچى خادىمغا قاراپ دېدى :« كەچۈرۈڭ، بىز توي خېتى بېجىرمەيدىغان بولدۇق، مېنىڭچە بىز تېخى ياخشى ئويلۇشۇپ بولالماپتۇق.» قىز كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى.
يىگىت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ چىقتى –دە سەۋەبىنى سورىدى، قىز جايىدا مىدىرلىماي تۇرۇپ مۇنداق دېدى :« بايامقى ئۈچ مىنۇت سەۋەبىدىن.»
يىگىت ۋارقىراشقا باشلىدى:« بايام سىز كېچىكىپ قالدىڭىز، سىزنى يولدىن ئۆتۈڭ دېسەم تېخى ئەزمىڭىزنى ئېزىپ ئۆتمىدىڭىز، مەن سىزنى ئەيىبلىمىسەم، سىز تېخى مەندىن رەنجىۋاتامسىز؟»
قىز مۇنداق دېدى:« چۈنكى بۇ ئۈچ مىنۇت مېنىڭ بىخەتەرلىكىمگە بېرىپ تاقىشىدۇ. ئەگەر بىر ئەر ئۆزىنىڭ ئۈچ مىنۇت ۋاقتى ئۈچۈن ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمىسا،بۇنداق ئەرگە قانداقمۇ خاتىرجەم بىر ئۆمرىنى تاپشۇرغىلى بولسۇن؟»






