大数跨境
0
0

بۇ بەش جايغا چوقۇم بېرىڭ، ھاياتىڭىزدا ئۆزگىرىش بولىدۇ

بۇ بەش جايغا چوقۇم بېرىڭ، ھاياتىڭىزدا ئۆزگىرىش بولىدۇ aymehri
2017-12-28
0
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


دوختۇرخانا

دوختۇرخانىدىكى  قاتار  كەتكەن  كېسەل  كارۋاتلىرىغا  ،  ئاجىز  بەدىنى  سۆرەپ  يۈرۈپمۇ ھاياتلىقتىن ئۈمىدىنى ئۈزمىگەن  كىشىلەرگە  قاراپ  بېقىڭ .

تۇرمۇشتىن  ئاغىرنىۋەرمەڭ  .  گەرچە  تەقدىر  شۇنچىلىك  ئادالەتسىز  بولسىمۇ  ،  لېكىن  ئۇ  سىزنىڭ  ساغلاملىقىڭىزنى  تارتىۋالغىنى  يوق  .  ساغلام بولغىنىڭىز  ئۈچۈنلا  سىز  نۇرغۇن  كىشىلەردىن  بەخىتلىكسىز .

ھاياتىدىن  ۋاقىتسىز  ئايرىلىپ  قالغان  ئاشۇ  كىشىلەرگە  قاراپ  ، ھاياتتىكى  پىلانلىرىڭىزنىڭ ئىچىگە ساغلاملىق  پىلانىنىمۇ  قوشۇش  كېرەكلىكىنى  ھېس قىلدىڭىزمۇ  ؟  ئازراق  تۈنەڭ  ،  كۆپرەك  بەدەن  چېنىقتۇرۇڭ  ،  بوش  ۋاقىتلىرىڭىزدا ئائىلىڭىزدىكىلەرگە  كۆپرەك  ھەمراھ  بولۇڭ  .


كۇتۇپخانا

كۇتۇپخانىدا  سىز  ھەرخىل  داڭلىق  شەخىسلەر  بىلەن  ئۇچىرشالايسىز ، ئۇلار   پۈتۈن  بايلىقىنى  سىز  ئۈچۈن  كىتاب  جازىلىرىغا  دۆۋىلىۋەتكەن  بولىدۇ .  ساناقسىز  كىتاپلارنى،  كىتاپتىن  بالقىپ  تۇرغان  چېكى  يوق  بىلىملەرنى  كۆرگەندىلا  سىز  ئاندىن  ئۆزىڭىزنىڭ  نەقەدەر  نادان  ،  بىلىمسىز  ئىكەنلىكىڭىزنى  ھېس  قىلالايسىز .شۇ  ئارقىلىقلا  ئۆزىڭىزنى  ئىزدەش  ،  ئۆزىڭىزنى  مۇكەممەللەشتۈرۈش  بوسۇغۇسىغا  قەدەم  قويىسىز .


داڭلىق دۇكان


بۇ  يەردە سىز تۇيۇقسىز  تاۋارلارنىڭ  سىزنىڭ  نەزىرىڭىزدىكى  ناھايتى  مۇۋاپىق بولغان  باھاغا  خالىغانچە  بىر نەچچە  نۆلنىڭ  قوشۇلۇشىنىڭ  ناھايتى  نورمال  ئىش  ئىكەنلىكىنى  بايقايسىز . بەزىدە  سىزنىڭ  بىر ئايلىق  مائاشىڭىز  بىر  سومكىنىڭ  پۇلىغىمۇ  چىقىشمايدۇ .مۇشۇ  زەربە   سىزنىڭ  تىرىشىپ پۇل  تېپىشىڭىزغا  سەۋەپ  بولىدۇ .

ئەلۋەتتە  ،  ئەڭ  مۇھىمى  بۇ  ئەمەس .   مۇھىمى  شۇكى  ،كىشىنى  تولىمۇ  ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ  باھا  ،سىزگە  شۇنى  چۈشەندۇرىدۇكى :كەڭرى  دۇنياغا  نىسبەتەن  بىز   قۇدۇق  ئىچىدىكى  پاقىدەك  ھېچنىمىدىن  خەۋەرسىز ، دۇنيادا  بىز  تېخى  باشتىن   كەچۈرۈپ باقمىغان نۇرغۇن ئىشلار بار ، بۇ  ئىشلاردىن باشتىن كەچۈرۈش ، ھېس قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.


تاغ چوققىسى


تاغ  چوققىسىغا چىققىنىڭىزدا  مۇنداق  ئىككى  ئىشنى بايقايسىز :  بىرىنجى ،  تاغ  تولىمۇ  كىچىك  بىلىنىدۇ . ئىككىنجى  :  ئاسمان  تولىمۇ  كەڭرى  بىلىنىدۇ .

ئېگىزدە  تۇرغىنىڭىزدا  ، يىراقنى كۆرىسىز .  ئەتراپىڭىزدىكى  ئۇششاق - چۈششەك  ئىشلارمۇ  كۆزگە  كۆرۈنمەيدۇ . ھەممىنى  ئېنىق  چۈشىنىپ  يېتەلەيسىز . ھاياتىڭىزدا  قايمۇقۇپ  قايانغا  مېڭىشىڭىزنى  بىلمەي  قالغاندا  ، ئېگىز  تاغ  چوققىسىغا  چىقىپ  يىراقلارغا  نەزەر  سېلىپ  بېقىڭ .


قەبرىستانلىق


ئۆلۈم  ھاياتنىڭ  خاتىمىسى  .  قەبرىستانلىقتا  ئۆلۈمنىڭ  كۆز  ئالدىڭىزدىكىلا  ئىش  ئىكەنلىكىنى  بايقايسىز .  ئۆزىڭىزنىڭ  ئۆلۈمگە  قەدەممۇ  - قەدەم  يېقىنلاپ  كېتىپ  بارغانلىقىڭىزنى  ھېس  قىلىسىز  .  ئاندىن  ھايات  ھەققىدە  قايتىدىن  ئويلىنىسىز  . 

ئۆلۈم  ھەممىمىزنىڭ  بېشىدا  بار  .  بۇ  كۈندىن  قېچىپ  قۇتۇلۇش  مۇمكىن  بولمىغان  ئىكەن ،  ھاياتىڭىزنىڭ  مەزمۇنى  رەڭگارەڭ  بولسۇن ، ھەربىر  كۈننى  مەنىلىك  ئۆتكۈزۈڭ.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624