

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان " ھورۇنلۇق راكى" دېگەن سۆز مودا بولدى. بۇ بىر ئادەمنىڭ زىيادە ھورۇنلىشىپ كەتكەنلىكىگە مىسال قىلىنغان بولۇپ، زىيادە ھورۇنلۇق راك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى، يۈرەك _مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ بىرلا سۆز كەلتۈرۈپ چىقارغان _____ ھورۇنلۇق.
:ئورۇندىن تۇرۇشقا ھورۇنلۇق قىلىش
دىئابىت كېسىلى، سەكتە
1 دىئابىت كېسىلى
تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا بەك ئۇزاق ئۇخلايدىغانلار ئەتراپىڭىزدا دىئابىت كېسىلى ئەگىپ يۈرگەن بولىشى مۇمكىن، دىققەت قىلىڭ.
2 سەكتە
ھەركۈنى ئۇخلاش ۋاقتى 9 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ سەكتە كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەركۈنى 7 سائەت ئۇخلاشنى ئادەت قىلغانلارنىڭكىدىن %70 يۇقىرى بولىدىكەن.ئۆلۈم نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان ئۇخلاش ۋاقتى 7 سائەت ئىكەن.
3 نەپەس يولى كېسەللىكلىرى
ھۇجرا ئۆينىڭ ھاۋاسىدا ئەتىگەن تەرەپتە بۇلغىنىش ئەڭ ئېغىر بولىدىغان بولۇپ، ھاۋادا كۆپ مىقداردا مىكروب، كېسەللىك ۋىرۇسى، كاربون تۆت ئوكسىد ۋە چاڭ - توزانلار بولىدۇ، بۇنىڭ نەپەس رولىغا زىيىنى ناھايتى چوڭ بولۇپ، ھورۇنلۇق قىلىپ داۋاملىق ئۇخلاۋەرگەندە زۇكام، يۆتەل قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
4 ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرى
ئەگەربەك ئۇزاق ئۇخلىغاندا، ناشتىنى ۋاقتىدا قىلغىلى بولمايدۇ. ئاشقازانئاچ ھالەتتە لۆمۈلدەپ، ئاشقازان سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرلىشى قالايمىقانلىشىدۇ.بۇنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا يامان تەسىرى بار بولۇپ، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى
ئاخشىمى بۇرۇن ئۇخلاش، ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇشنى ئادەت قىلىش كېېرەك. سائەتنى ئورۇندىن تۇرۇشنى مۆلچەرلىگەن ۋاقىتتىن بۇرۇنراق ۋاقىتقا توغۇرلاپ، سائەت جىرىڭلىغاندىن كېيىن ئاۋال پۇت-قولنى بىر ھەركەتلەندۈرۋېتىپ ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇش كېرەك.
:چىش چوتكىلاشقا ھورۇنلۇق قىلىش
يۈرەك كېسىلى، قۇرت يىگەن چىش
1 چىش قۇرتلاش، چىش ئاغرىقى
بىر ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلىقىدا 500 خىلدىن كۆپرەك باكتىريە بولىدىغان بولۇپ، ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا، شۆلگەي سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرلىشى كۆپ مىقداردا ئازىيىدۇ. شۆلگەي سۇيۇقلىقى بولسا باكتىريە ئۆلتۈرۈشتىكى كۈچلۈك قورال. ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى چىش چوتكىلىماسلىق ئېغىز بوشلىقىدا باكتىريەلەرنىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن چىش قۇرتلاش ياكى چىش ئاغرىقلىرى كېلىپ چىقىدۇ.
2 يۈرەك كېسەللىكلىرى
تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، بىر قىسىم ئېغىز بوشلۇقى باكتىريەلىرى ئېغىز بوشلۇقىدىكى يارا ئېغىزى ئارقىلىق قان تومۇرلارغا كىرىدىكەن ھەمدە قان ئايلىنىشى ئارقىلىق بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا بارىدىكەن. ھەمدە بۇ ئورۇنلاردىكى يۇقۇملىنىشنى ھەتتا يۈرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى
ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلاشقا ئادەتلىنىش كېرەك. ئېغىز راھەتلىنىپلا قالماستىن يەنە چىشنى ئاسراشقا ھەمدە ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولىشىغا پايدىسى بار.
:ناشتا قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىش
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، ئۆتكە تاش چۈشۈش
1 ئۆتكە تاش چۈشۈش
ئۇخلاپ ئويغانغاندىن كېيىن ئۆت سۇيۇقلىقىنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئۆت سۇيۇقلىقى بولىدۇ. ناشتا قىلمىغاندا بۇ ئۆت سۇيۇقلىقىنى يىغىلىپ تاش پەيدا قىلىدۇ. ئۆت راكى بىلەن ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئۆت راكىغا گىرىپتار بولۇش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ.
2 تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى
ھەركۈنىناشتا قىلىشنى ئادەتلەندۈرگەن كىشىلەرگە قارىغاندا ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى %27 يۇقىرى بولىدۇ.
3 دىئابىت كېسىلى
ھەركۈنى ناشتا قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا، ناشتىنى بار-يوقنىڭ ئورنىدا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى %25~%28 يۇقىرى بولىدۇ.
4 سېمىزلىك
ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈن ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنى ھەر ھەپتىدە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ناشتا قىلىدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا بەدەن ئېغىرلىقى 1.9 كىلوگىرام ئېغىر بولىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى
ناشتىدا مەيلى سۈت ئىچىڭ مەيلى بولكا يەڭ، ئۆت خالتىسى ئىچىگە يىغىلىپ قالغان ئۆت سۇيۇقلىقىنى تېشىغا ھەيدىيەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆتكە تاش چۈشۈش ۋە باشقا كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.
:سۇ ئىچىشكە ھورۇنلۇق قىلىش
بۆرەككە تاش چۈشۈش، دوۋساق راكى
1 بۆرەككە تاش چۈشۈش
سۇنى زىيادە ئاز ئىچىش سۇيدۈكنى قويۇلدۇرۇپ قويىدۇ. سۈيدۈك تەركىبىدىكى كىرىستاللار چۆكمىلىشىپ، بۆرەككە تاش چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2 دوۋساق راكى
سۇنى ئاز ئىچىدىغانلارنىڭ دوۋساق راكىغا گېرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بەدەننىڭ سۈمىرىدىغان سۇ مىقدارى ئازلاپ كەتكەندە، سۈيدۈكنىڭ قويۇقلىقى ئېشىپ، سۈيدۈك چىقىرىش ۋاقتى ئۇزىرايدۇ. ئەگەر دوۋساقتا ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى سۈيدۈك ساقلىنىپ قالسا، دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرلايدۇ.
ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
ھەركۈنى 1000~1500 مىللىلېتىر سۇ ئىچىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 3~4 بوتۇلكا مېنىرال سۇ مىقدارىدا بولسا بولىدۇ. ئەتىگەندە 500~1000مىللىلېتىر ، كەچتە 200 مىللىلېتىر ئىچىپ بەرسىڭىز، قالغانلىرىنى تاماق ئارلىقلىرىدا ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
:ھاجەتخانىغا بېرىشقا ھورۇنلۇق قىلىش
دوۋساق ياللۇغى، دوۋساق راكى، ئۈچەي راكى
1 دوۋساق ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى
سۈيدۈكنى ئۇزۇن مەزگىل قىسىۋېلىش بەدەننىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. دوۋساق ياللۇغى قاتارلىق سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا بۆرەك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2 مەزى بېزى ياللۇغى
ئەرلەر ئۇزاق ئولتۇرۇپ، سۈيدۈك قىسىۋالسا يەنە مەزى بېزى ياللۇغىغا گېرىپتار بولىدۇ. بۇ سۈيدۈكنىڭ مەزى بېزىغا قايتا ئېقىپ كىرىشى، مەزى بېزىغا قان تولۇپ قېلىشى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
3 دوۋساق راكى
ئۇزۇن مۇددەت سۈيدۈك كىسىۋېلىش دوۋساق راكىنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن. سۈيدۈك تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددا دوۋساقنىڭ شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ، راكقا ئۆزگىرىشنى تېزلىتىدۇ.
4 ئۈچەي راكى
چوڭ تەرەتنىڭ ئۈچەيدە ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزارغانسىرى، توكسۇننىڭ قايات سۈمۈرلىشىنى شۇنچە تېزلىتىدۇ. بۇ ئۈچەي راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى
ئىلمىي ئۇسۇلى بولسا، ھەر سائەتتە بىر قېتىم كىچىك تەرەت، كۈندە بىر قېتىم چوڭ تەرەتنىڭ بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش.
:ئۆينى يىغىشتۇرۇشقا ھورۇنلۇق قىلىش
زىيادە سەزگۈرلۈك
سەزگۈرلۈك
ئۆيدىكى سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار ئاساسلىقى ئۆيدىكى پەردە،ئۆي سايمانلىرى، كارۋات بۇيۇملىرى ۋە كىرىسلو قاتارلىقلارغا جايلاشقان بولۇپ، داۋاملىق تازلاپ تۇرمىغاندا زىيادە سەزگۈرلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى
ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆينى تازلاپ تۇرۇش، پولنى سۈپۈرۈپ ، سۈرتۈش، دەرىزىلەرنى سۈرتۈش،كىرلىكلەرنى يۇيۇش كېرەك.
ھەركەت قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىش
1 راك كېسىلى
ئادەم بەدىنى ئىممۇنىت ھۈجەيرىسىنىڭ كۆپ قىسمى ھەركەت قىلىش ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. ھەركەت قىلماسلىق ئىممۇنىت ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ. ھەرخىل راك كېسەللىكلىرىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
يۈرەك كېسىلى
تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە 30 ياشتىن ئاشقان ، ھەركەت قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان ئاياللارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى %50 يۇقىرى بولىدىكەن.
3 بۆرەك كېسىلى
ھەركۈنى 8 سائەتتىن ئارتۇق ئورنىدىن قوزغالماي ئولتۇردىغانلارنىڭ بۆرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى ھەركۈنى 3 سائەتتىن ئاز ئولتۇردىغانلارغا قارىغاندا %30 يۇقىرى بولىدىكەن.
4 مېڭە يىگىلەش
ھەركەت قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەردە 60 ياشقا بارغاندىن كېيىن مېڭە يىگىلەش،ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر تېخىمۇ كۆپ كۆرىلىدىكەن.
ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى
ھەركۈنى باشنى تىك تۇتۇپ، مەيدىنى رۇسلاپ توغرا يول مېڭىش ھالىتىدە 30 مىنۇت يول مېڭىپ بېرىش كېرەك.






