

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئاپتور : لىن دېخۇەن
قانداق قىلسام باشقىلار مېنى تېخىمۇ بەكرەك ياىشى كۆرىدۇ؟
تۆۋەندىكى بۇ جاۋاپلارنىڭ بەلكىم سىزگە ياردىمى بولىدۇ.
01
ئېغىزىڭىزغا نىمە كەلسە شۇنى دەۋەرمەڭ،باشقىلار بەك ئىتتىك يېقىن بولۇپ كەتمەڭ.
02
نىمە يەيمىز دېگەن سوئالغا بېرىدىغان :« ئىختىيارىڭىز»دېگەن جاۋاپنى، «سىزنىڭ نىمە يىگىڭىز بولسا شۇنى يەيلى»دېگەنگە ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ.
03
ھەر بىر ئېغىز « ئۇقمايمەن »نى «مەن ئۈگەنسەم بولىدۇ»غا ئۆزگەرتىپ بېقىڭ.
04
چۈشەندىڭىزمۇ؟ دېيىشنىڭ ئورنىغا چۈشەندۈرەلىدىممۇ؟ دېگەننى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ.
05
باشقىلار ئۆزىنى كەمسىتسە بولىدۇ، لېكىن سىز ئەگىشىپ ئۇنى كەمسىتسىڭىز بولمايدۇ.
06
پاراڭلىشىۋاتقاندا باشقىلار كۈلۈمسىرگەن چىراي ئىپادىسى ئەۋەتسە، نىمە دېيىشنى بىلمەي قالسىڭىز، بەك چىرايلىق كۈلىدىكەنسىز، دەپ قويسىڭىز بولىدۇ.
07
چۈشىنەلمەي قالغان ۋاقىتتا سۈكۈت قىلىڭ، مۇشۇنداق بولسا سەل ئەقىللىق كۆرىنىسىز.
08
رەت قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، ھېچكىم سىزنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىڭىزدىن مىننەتدار بولمايدۇ، ئۇلار پەقەت قاچىسىدىكى يەپ بولۇپ، كۆزىنى يەنە قازاندىكىگە تىكىشىدۇ.
09
باشقىلار سىزنى تىللىسا ئاڭلاپ قويۇڭ، باشقىلار سىزنى ماختىغاندا بولسا بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ.
10
باشقىلارنىڭ سىزنىڭ دېگەن گەپلىرىڭىزنى ئېسىدە ساقلىشى ناتايىن، لېكىن ئۇلار سىزنىڭ ئۇلارغا بەرگەن تەسىرىڭىزنى چوقۇم ئېسىدە ساقلايدۇ، شۇڭا گەپ -سۆزلىرىڭىز چوقۇم ئۇلارنى ئىشەندۈرەلىشى كېرەك، يەنە باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭىز كېرەك.
11
بىرسىنىڭ ئالدىدا دېيەلمىگەن گەپلىرىڭىزنى، كەينىدىمۇ دېمەڭ.
12
ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە پاسسىپ ئېنىرگىيە تارقاتماڭ.
13
بىر تونۇشۇشتىلا سىزگە زىيادە يېقىنچىلىق قىلغان ئادەمنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.
14
بەك ئاچچىقىڭىز كەلسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ شۇ بىر ئېغىز گېپىگە چىداپ تۇرۇڭ.
15
چۈشىنىپ يەتسىڭىز، كۆڭلىدە قالسا، ئېغىزىڭىزغا چىقمىسا سىلەر يەنىلا ياخشى دوستلاردىن بولالايسىلەر.
16
مۇناسىۋىتىڭلار ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلىڭ.
17
باشقىلارغا بولغان مەدھىيىڭىزنى ۋە كۆڭلىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ.
18
ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كىشىنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئۆزۈمنى ئىسپاتلايمەن، دەپ يۈرىشى ئارتۇقچە.
19
سىزگە ئۆتمۈشنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغان ئادەم دەل سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز.
20
سەگەك ۋاقتىڭىزدا ئىشلەڭ،
گاراڭ بولۇپ قالغاندا كىتاپ ئوقۇڭ،
ئاچچىقىڭىز كەلگەندە كىتاپ ئوقۇڭ،
يالغۇز قالغاندا پىكىر يۈرگۈزۈڭ.


























