

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
40 ياشتىن ئاشقاندا، قەلبىڭىزنى مېھىر -مۇھەببەت بىلەن سۇغۇرۇڭ، يۈزىڭىزنى بولسا كۈلكە بىلەن. تۇرمۇشنى قىرتاق بولسۇن دېسىڭىز، تۇزنى كۆپرەك سېلىڭ، تاتلىق بولسۇن دېسىڭىز شېكەرنى كۆپرەك سېلىڭ. چۈنكە بۇ ۋاقىتتا تۇرمۇشىڭىزنىڭ قانداق تەمدە بولىشى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق.
40 ياشتىن ئاشقاندا، سىز تۇرمۇشىڭىزدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەيسىز. ئۇ يانغا قارىسىڭىز ئاتا-ئانىڭىز، بۇيانغا قارىسىڭىز بالا-چاقا ، نەۋرە - چەۋرىلىرىڭىز. توختام سۇدەك بىر جايدا مۇقىملىشىش سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاساسى.
40 ياشتىن ئاشقاندا تۇرمۇشنىڭ سىزگە كەلتۈرىدىغان بېسىمى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ، ئائىلىنىڭ ئىشلىرى، تۇرمۇش بېسىمى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە چىدىشىڭىز كېرەك. ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەت، خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەت، تۇرمۇشقا بولغان مەسئۇلىيەت، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك.
40 ياشتىن ئاشقاندا، بەدىنىڭىز چوقۇم ساغلام بولىشى كېرەك.بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز كۈندىن –كۈنگە ناچارلىشىدۇ،بىكار ۋاقتىڭىز بولسا كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇڭ، بالىلىرىمغا تايانسام بولىدۇ، دەپ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سىزگە تايانسام بولىتتى، دەپ سىزدىن ئۈمىد كۈتىۋاتقانلار نۇرغۇن.
40 ياشتىن ئاشقاندا، سىزنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنى، نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە قۇدرىتىڭىز يەتمەيدۇ، تۇرمۇش ھەم سىزدە ئۇنچە چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بولىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، سىز چوقۇم ماسلىشىشنى ۋە قوبۇل قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك.
40 ياشتىن ئاشقاندا، يىللار سىزنى ھاياتىڭىزنىڭ ئالتۇن كۈز پەسلىگە باشلاپ بارىدۇ.مەيلى سىز ئىلگىرى قانچىلىك قالتىس بولۇڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىمىگە ئايلىنىدۇ. تىنچلىنىڭ، تەمكىن بولۇڭ، تۇرمۇشىڭىز ئاددىي ئۆتسۇن، سۇنى ئېقىشىغا قويۇپ بېرىڭ.
40 ياشتىن ئاشقاندا ، سىزنىڭ ھاياتىڭىز ئىنتايىن مەزمۇنلۇق بىر كىتاپقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ تۆت پەسلى خاتىرلەنگەن، سىزنىڭ تەجىربىلىرىڭىز، باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىڭىز خاتىرلەنگەن.
40 ياشتىن ئاشقاندا، ئىلگىركى كۈنلەردىكى شىجائىتىڭىز ئاستا – ئاستا سۇسلايدۇ، تېخىمۇ سەمىمىي بولىسىز، ۋەدىلەرگە ئالدىراپ ئىشەنمەيسىز، پىشىپ يېتىلىسىز.
40 ياشتىن ئاشقاندا ھاياتىڭىز ئېلىش ئەمىلى ئۈستىدە بولىدۇ. سىزگە كېرەك بولمايدىغان، سىزنى چارچىتىدىغان ئەخلەت نەرسىلەرنى، ئەخلەت كىشىلەرنى چوقۇم تاشلىشىڭىز كېرەك، شۇ ۋاقىتتىلا سىز تېخىمۇ كۆپ يېڭى بىلىملەرنى سىغدۇرالايسىز، يېڭى كىشىلىك ھاياتىڭىزنى قولىڭىزغا ئالالايسىز.
40 ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن ھاياتنى نەقەدەر قىسقا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا ھاياتىڭىزنىڭ يېرىمى ئاخىرلىشىپ بولغان، ئۆتكەن كۈنلىرىڭىزگە پۇشايمان نەزىرىدە قارىماڭ، چۈنكى دۇنيادا مۇكەممەل نەرسە بولمايدۇ.






