

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تاماكا ئوتقا شۇنچە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئوت تاماكنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ؛
بېلىق سۇغا شۇنچە ئىشىنىدۇ، لېكىن سۇ بېلىقنى پىشۇرۇپ جېنىدىن جۇدا قىلىدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆزى بىر دۇنيا، كۆرىنىشى بىر دۇنيا، قەلبى بىر دۇنيا. قارىماققا ئىللىق چىراي تۇرغانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك سوغۇقلىقىنى مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايسىز.بەزىلەرنىڭ ئاغزىدا كۈلكە چاقچاق، قوينىدا پالتا-پىچاق؛ يېقىن سىرداشلار بارا-بارا يىراقلىشىدۇ، بىر –بىرىنى جېنىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈشكەنلەرنىڭمۇ ھامان ئايرىلىدىغان بىر كۈنى بولىدۇ.
شۇنداق بىر پۇرسەتلەر كېلىدۇ، سىناش -سىنىلىشلار بولىدۇ، كىم ياخشى، كىم يامان ، كىمنىڭ راست، كىمنىڭ يالغان ھەممىسى كۆڭۈلگە ئايدىڭ بولىدۇ.
شۇنداق بىر پۇرسەتلەر كېلىدۇ، سىناش -سىنىلىشلار بولىدۇ، كىم ياخشى، كىم يامان ، كىمنىڭ راست، كىمنىڭ يالغان ھەممىسى كۆڭۈلگە ئايدىڭ بولىدۇ.
ھايات تولىمۇ قىسقا، ساپ كۆڭۈللەر تولىمۇ ئاز، قەدىرلەشنى ئۈگىنىڭ، سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلەرنى نائۈمىد قويماڭ، سىزگە ئىشەنگەنلەرنى ئالدىماڭ، ئازار يېسە، سىزگە ھەرقانچە ئامراق بولسىمۇ، تارتىشسىمۇ يەنىلا ئايرىلىشنى تاللىشى مۇمكىن.











