

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1. تور ۋە تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولغان، ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى يوق ئەرلەر.
ئېلېكتىرون كەسىپلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇش تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىنتېرنېتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، تۇرمۇشىمىز ھەرخىل ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، ئىنتېرنېت، بىۋاسىتە تارقىتىشلاردىن ئايرىلالمايدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە بىۋاسىتە تارقىتىش ئارىمىزدا بەكرەك ئەۋج ئالغان بولۇپ، نۇرغۇن ياش-ئۆسمۈرلەر بۇنىڭغا مەپتۇن بولدى، سودىگەرلەرمۇ بۇ بازارنى چىڭ تۇتۇپ نۇرغۇن كىشىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى ۋە ئۆزىمۇ پۇل تاپتى. ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلارنىڭ بازىرى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئىتتىك بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ قاينامغا كىرىپ، بەزىلەر ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنغا ۋە بىۋاسىتە تارقىتىشقا «خۇمار» بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرمۇ «تور ئويۇنى ئارقىلىق پۇل تېپىش» چۈشىنى كۆرۈپ، «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ» ئەخمەقلەرچە تورخانىلاردا «جېنىنى تىكىپ» تور ئويۇننى داۋاملاشتۇردى. ئەمما بۇنداق «چۈشنى» كۆرۈۋاتقان كىشىلەر ساماندەك بولۇپ، ئارىدىن بىرەر ئىككىسى «تەلەيلىك ئابۇنت» بولۇپ پۇل تاپقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلار ئاخىرىدا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەي، ۋاقتى ۋە گۈلدەك ياشلىقى قۇرۇق تور ئويۇنلىرى سەۋەبىدىن ئىسراپ بولدى. ئەگەر سىزنىڭ ئوغۇل دوستىڭىز ياكى يولدىشىڭىز كۈن بويى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ۋە بىۋاسىتە تارقىتىش ئويناپ ئولتۇرسا، ئۇ نېمىگە تايىنىپ جان باقىدۇ؟ نېمىگە تايىنىپ سىزنى ۋە بالىلىرىنى باقىدۇ؟ شۇڭا بۇنداق ئەرلەردىن ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى تارتقىنىڭىز ياخشى.
2. پۇل تېپىش ئىقتىدارى يوق، ئاتا-ئانىسىغا يۆلۈنىۋالىدىغان ئەرلەر.
ھازىرقى زامان ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار يېتەرلىك پۇل يىغىپ، بالىلىرىنىڭ جاپا تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ پۇللارنى ئۇلارغا بېرىپ، «گۈزەل ياشلىقىنى» بەخىرامان ئۆتكۈزۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ ئۇلارغا قىلىنغان بىر زىيانكەشلىك بولۇپ، بۇ بالىنى «ئاق نانچى» قىلىپ تەربىيەلەشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە بولۇپ قالىدۇ. نۇرغۇن يىگىتلەر 20 ياشقا كىرىپ تۇرۇقلۇق قانداق پۇل تېپىشنى بىلمەيدۇ، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى قامداشنى ئەسلا بىلمەيدۇ. ئۆزىدە پۇل قالمىسا پەقەت ئاتا-ئانىسىدىن پۇل سوراشنىلا بىلىدۇ. بۇنداق ئەرلەر، ئائىلىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىنىڭ ھۆددىسىدىن ئەسلا چىقالمايدۇ. بەلكىم بۇنداقلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىمۇ قانداق پۇل تېپىشنى بىلمەي، ئاتا-ئانىسى قالدۇرغان مىراسلارنى شىلىپ يەيدۇ.
3. شەخسىيەتچى ئەرلەر
شەخسىيەتچى ئەرلەر دېگىنىمىز، بۇ دۇنيادا پەقەت ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەرلەر بولۇپ، بۇنداق ئەرلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا «ھەرقانداق كىشى ماڭا بويسۇنۇشى، مېنىڭكىنى قىلىشى كېرەك» دېگەن ئىدىيە بار. باشقا كىشىلەر، بولۇپمۇ قىز دوستى بىلەن قانداق ئۆتۈشنى ئەسلا بىلمەيدۇ. ئۇ ھەتتا ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى قانداق قوغداشنىمۇ بىلمەيدۇ. تۇرمۇشتا قانداق مەسىلىگە يولۇقسا سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى قىلچىلىك ئويلىشىپ قويمايدۇ. پەقەت ئۆزىنىڭ خۇشال بولغان-بولمىغىنىنى، ئۆزىگە ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىنى ئويلايدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنسېرى سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلار كىچىككىنە ئىشلا تۈپەيلى ئاجىزلاشقا باشلايدۇ، ئۇنداقتا بۇ مۇھەببەتتە قىز تەرەپ ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلارمۇ؟ مۇھەببەت ئۇزۇن داۋاملىشارمۇ؟ جاۋابى: ياق!
شۇڭا سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا مۇشۇنداق شەخسىيەتچى ئەر پەيدا بولۇپ قالسا، بۇنداق ئەردىن ئۆزىڭىزنى ۋاقتىدا تارتىڭ، ھەرگىزمۇ چىداپ ئۇنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتمەڭ بولمىسا پۈتۈن ئۆمرىڭىز ھەسرەت-نادامەتتە ئۆتىدۇ. چۈنكى«قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدۇ» ئەمەسمۇ.








