大数跨境
0
0

بەدەندىكى ئەڭ سوغۇقتىن قورقىدىغان 7 ئورۇن،قىش پەسلى دىققەت قىلىڭ

بەدەندىكى ئەڭ سوغۇقتىن قورقىدىغان 7 ئورۇن،قىش پەسلى دىققەت قىلىڭ aymehri
2018-01-05
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بەدەندىكى بۇ  يەتتە  ئورۇن قەتئىي  سوغۇقتا  قالسا بولمايدۇ،  چۈنكى  ئۇلار سوغۇقنىڭ  ھۇجۇمىدىن  ئەڭ قورقىدۇ. شۇڭا  ئامال  بار بۇ  يەتتە  ئورۇننى ئىسسىق  ساقلاش،  بولۇپمۇ قەھرىتان  قىش  پەسلىدە ئىسسىق  تۇتۇشقا  ئالاھىدە ئەھمىيەت  بېرىش  كېرەك.



پۇت  قىسىم


پۇت بولسا  بەدەندىكى  سوغۇقتىن ئەڭ  قورقىدىغان  ئەزا، پۇتىڭىز  توڭلىسا  پۈتۈن بەدىنىڭىز  توڭلايدۇ،  بۆرەك، تال ،  ئاشقازان،جىگەر  نېرىپلىرىنىڭ ھەممىسى  پۇت  قىسىمدىن ئۆتىدۇ. پۇت   بىلەن  يۈرەكنىڭ ئارلىقى  ئەڭ  يىراق بولغاچقا  ،  قاننىڭ ئايلىنىش  مۇساپىسىمۇ  بىر قەدەر  ئۇزۇن  بولىدۇ، شۇڭا  داۋاملىق  پۇت قسىمغا  قان  يېتىشمەسلىك ئەھۋالى  كېلىپ  چىقىدۇ.




پۇتنى قېلىن  تۇتۇش  بىلەن بىر  ۋاقىتتا  يەنە ئەڭ  ياخشى  ئامال پۇتنى  ئىسسىق  سۇغا چىلاپ  بېرىش.  بۇنداق بولغاندا  قان  ئايلىنىش ياخشىلىنىپلا  قالماي  يەنە پۈۈتن  بەدەن  ئىسسىيدۇ. 42  سېلسىيە  گىرادۇسلۇق سۇدا  20  مىنۇت ئەتراپىدا  چىلاپ  بەرسىڭىز بولىدۇ. 



بەل قىسىم



بەل بەدەندىكى  ئىككىنجى  سوغۇقتىن قورقىدىغان  ئورۇن.  بۇ  قىسىمغا بۆرەك  جايلاشقان  بولۇپ، بەل  قىسىم  توڭۇپ قالسىلا  بىۋاستە  بۆرەككە  تەسىر قىلىدۇ،  نۇرغۇ   قىزلاردا بالىياتقۇنى  سوغۇق  قاپلاپ كېتىش  ئەھۋالى  مەۋجۇت بولۇپ،  ئەگەر  يەنە سوغۇق  ئۆتۈپ  قالسا ، ھەيىز  ئاغرىتىپ  كېلىش، ھەيىز قالايمىقانلىشىش  ئەھۋالى  كۆرىلىدۇ.

مەيلى قىزلار  بولسۇن  ياكى ئوغۇللار  بولسۇن،  قىش ۋاقتى  بەك  تۆۋەن بەللىك  ئىشتانلارنى  كىيمەسلىكى كېرەك. قولنى  بىر - بىرىگە  سۈرۈپ قىزىتقاندىن  كېيىن  بەل قىسىمغا  قويۇپ  ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ  بەرسىڭىز  بولىدۇ، ئەتىگەن كەچتە  50ـ100  قېتىمغىچە تەكرار  ئىشلەشكە  بولىدۇ.


باش  قىسىم    




باش قىسىم  باشقا  قىسىملارغا نىسبەتەن  سوغۇقتىن  ئانچە قورقمايدىغان  ھېساپلانسىمۇ ،  لېكىن باش  قىىسم  سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا  ئۇچرىسا  ئاسان زۇكام،  بۇرۇن  ياللۇغى، باش  ئاغرىش  قاتارلىق مەسىللەر  كېلىپ  چىقىدۇ. 

قىش ۋاقتى  سىرتقا  چىققاندا باشقا  چوقۇم  پوسما كىيىش  كېرەك.پوسما  پېشانە قىسىمنى  توسۇپ   تۇرالىسا تېخىمۇ  ياخشى.  باش تەرلىگەندە  پوسمىنى  ئېلىۋېتىشكە ئالدىرىماسلىق  كېرەك.ئىسسىق  جايغا بېرىپ  تەر  قۇرىغاندا ئاندىن  پوسمىنى  ئېلىۋەتسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن  باشقا  ئەتىگەن تەرەپتە  چاچنى  تاراپ بېرىش  باش  تېرىسىنى قىزىتىپ،  قان  تومۇرلارنى ئاچىدۇ.



بويۇن


بويۇن بولسا  بەدەندىكى  مۇھىم ئۆتكەللەرنىڭ  بىرى.  ئۈستى تەرەپ  باشقا  ،  تۆۋەن  تەرەپ پۈتۈن  بەدەنگە  تاقىشىدىغان بولۇپ، سوغۇق  ئۆتۈپ  قالسىلا بويۇن  ئومرۇتقا  كېسىلى، باش  ئاغرىقى  قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

قىش پەسلى ئىمكانقەدەر  ئۆرە  ياقىلىق كىيىملەرنى  كىيىش  كېرەك. بولۇپمۇ  ياشانغابلار  سىرتقا چىققاندا  چوقۇم  شارپا ئورىۋېلىشى  كېرەك،  بۇنىڭ  يۇقىرى قان  بېسىم،  يۈرەك مېڭە  قان  تومۇر كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن  پايدىسى بار.  



تىز  قىسىم


تىز قىسىمغا  سوغۇق  ئۆتۈپ قالسا  بوغۇم  موسكۇللىرى ۋە  قان  تومۇرلارنىڭ يىغىلىپ  قېلىشىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،  بوغۇم  ئاغرىقىغا سەۋەپ  بولىدۇ.

تىزنى چوقۇم  ئىسسىق  تۇتۇش، تىزلىق  ياكى  تىز قىسمى  قېلىنلىتىلغان  ئىشتانلارنى كىيىش  كېرەك، ھەركەت  قىلغاندا  بەك نورمىدىن  ئاشۇرۋەتمەسلىك  كېرەك.  



قۇلاق




قۇلاق تېرىسى  بىر  قەدەر نېپىز  بولۇپ،  ئاستى قىسىمدا  سوغۇقتىن  قوغداپ تۇرىدىغان  ماي  يوق، شۇڭا  ئاسانلا  ئۈششۈپ  قالىدۇ. 

قىش پەسلى  قۇلاقنى  توسۇپ تۇرالايدىغان  پوسمىلارنى  كىيىش، قۇلاق  ماسكىسى  تاقىۋېلىش كېرەك.  ئەتىگەن  كەچتە قۇلاق  سۇپۇرىسىنى  5-10 مىنۇتقىچە  ئۇۋۇلاپ  بەرسە بولىدۇ.



بۇرۇن


بۇرۇنمۇ سىرت  بىلەن بىۋاستە  ئۇچىرشىدىغان ئەزا  بولۇپ،  توڭۇپ قالسا  چۈشكۈرۈش،  بۇرنىدىن سۇ  ئېقىش  ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ،  ئىلگىرى  بۇرۇن يالۇغى  بار  بىمارلارنىڭ ئەھۋالى  تېخىمۇ  ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.

سىرتقا چىققاندا  ماسكا  تاقىۋالسىڭىز بولىدۇ،  ھەركۈنى  ئەتىگەن كەچتە  بۇرۇننىڭ ئىككى  تەرەپنى بويلاپ  ئاستى - ئۈستى    يۆلىنىش بويىچە  ئۇۋۇلاپ  بەرسىڭىز بولىدۇ.





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624