

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە لىيۇزەي ناھىيە ئامباللىقىغا تەيىنلەپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر دېھقان ئۇنىڭغا ئەزر قىلىپ كەپتۇ.
دېھقان دەپتۇ :" قوشنا ناھىيىدىكى بىر تۇققىنىمىز بىزنىڭ كالىنى ئىجارىگە ئېلىپ كەتكەن، لېكىن بىزنىڭ ئۆيدە مېيىت ئۇزىتىۋاتقان مەزگىلدىن پايدىلىنىپ ئىجارە ئېلىش تىلخېتىنى ئوغۇرلاپ كېتىپتۇ. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان مەن نەچچە قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كالىنى ۋە ئىجارە ھەققىنى بېرىۋېتىشنى دېگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇ پەقەت تەن ئالمىدى، يەنە تېخى كالىنى مەن سېتىۋالغان دەپ تۇرىۋالدى، لىيۇ بېگىم ئىگە بولۇپ مېنىڭ مۇشۇ ئىشىمنى ھەل قىلىپ بەرگەن بولسا"
لىيۇزەي سوراپتۇ:" ئون نەچچە يىل بولغان ئىش نىمىشقا تېخى ھازىرغىچە ھەل قىلىنمىدى؟"
دېھقان دەپتۇ :" مەن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم مەھكىمىگە ئەرز قىلىپ كەلگەن، لېكىن قولۇمدا تىلخەت يوق ھەم قوشنا ناھىيىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا مەھكىمىدىن بۇ ئىشنى كېچىكتۈرۈپ پەقەت ھەل قىلىپ بەرمىدى"
لىيۇزەي كۆڭلىدە ئويلاپتۇ: بۇ ئىشقا ئون نەچچە يىل بوپتۇ، كالىنى قانداق قايتۇرۋالساق بولار؟ بۇنىڭغا ئاۋال بىر پىلان تۈزۈش كېرەك.
كەينىدىنلا لىيۇزەي ئادەم بۇيرۇپ كوچىدىن ئىككى تىلەمچىنى تۇتۇپ كەپتۇ-دە، ئۇلارنى قورسىقى تويغۇچە مىھمان قىپتۇ، ھەمدە ئۇلارغا ئەھۋالنى بىر قاتار چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ، بىرمۇنچە ئىشلارنى تاپىلاپ زىندانغا سولاپتۇ.
ئىككىنجى كۈنى سوراق قىلىشنى باشلاپتۇ. لىيۇزەي شىرەگە قاتتىق مۇشتلاپ زەردى بىلەن سوراپتۇ:" ئىككىڭ بۇرۇن كالا ئوغۇرلىغانمۇ يوق؟"
ئىككى تىلەمچى ئىقرار بوپتۇ:" شۇنداق بېگىم، بىر كالا ئوغۇرلىغانتۇق..."
لىيۇزەي داۋاملىق سوراپتۇ:" ئىككىڭ كالىنى نەگە ئاپىرىشتىڭ؟"
تىلەمچىلەر جاۋاپ بېرىپتۇ :" قوشنا ناھىيىگە سېتىپ بەرگەنتۇق."
لىيۇزەي دەپتۇ :" نەگە سېتىپ بەرگىنىڭ ئېسىڭدە بارمۇ؟"
تىلەمچىلەر دەرھال بېشىنى لىڭشىتىپتۇ:" ھەئە، ئېسىمىزدە بار، ئېسىمىزدە بار"
لىيۇزەي قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇپتۇ :" ياخشى، ئۇنداق بولسا ئۇلارنى ئاپىرىپ يۈزلەشتۈرۈڭلار!"
قوشنا ناھىيىگە كەلگەندىن كېيىن ئىككى تىلەمچى ئۇدۇللا ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەپتۇ-دە، ياساۋۇللارغا ئېيتىپتۇ :" مۇشۇ ئۆيدىكىلەرگە سېتىپ بەرگەن" دەسلەپتە ئۆي ئىگىسى ئىقرار بولماپتۇ، لېكىن تىلەمچىلەر مۇشۇنىڭغا سېتىپ بەرگەن دەپ چىڭ تۇرۇپتۇ، ئۆي ئىگىسى جىلە بولغىنىدىن ئىجارە ئېلىش تىلخېتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ – دە ، دەپتۇ:" مانا تىلخەت، مەن بۇ كالىنى ئىجارە ئالغان..."
مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپتۇ، ئۆي ئىگىسى شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشكەنلىكىنى بايقاپتۇ، ئىلاجسىزلىقتىن كالىنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپتۇ.






