

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1. ئاچ كىشىلەر قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك . قورسىقى ئاچ كىشىلەر قېنىق چاي ئىچسە ، ئاشقازان سۇيۇقلىقىنىڭ ئاجىرلىشىنى تورمۇزلاپ ،ھەزىم قىلىشقا توسالغۇ بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈرەك سېلىش ، كۆز قاراڭغۇلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ .
2. ئاشقازان يارىسى بارلار قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك . ئاشقازان ، ئۈچەي يارىسى ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە سوزۇلما خاراكتىردىكى تارىيىشچان ئاشقازان يەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك . چۈنكى چاي تەركىبىدىكى كوئىفىن ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى غىدىقلاپ ، جاراھەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .
3. يۈرەك ھەركىتى رېتىمسىز كىشىلەر قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك . يۈرىكىنىڭ سوقىشى زىيادە تېز ھەم كۈچلۈك ، يۈرەك ھەركىتى رېتىمسىز كىشىلەر قېنقورسىقى ىق چاي ئىچسە ، چاي تەركىبىدىكى چاي ئىشقارى يۈرەكنى غىدىقلاپ ، يۈرەك ھەركىتىنى تېخىمۇ قالايىقانلاشتۇرۋېتىدۇ .
4. ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار ۋە نېرۋىسى ئاجىز كىشىلەر قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك . كەچلىك تاماقتىن كېيىن قېنىق چاينى كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك . چۈنكى قېنىق چاي نېرۋىنى غىدىقلاپ ، ئۇيقۇسىزلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ .
5. قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان كىشىلەر قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك . چاي تەركىبىدىكى ئىشقار ماددىسى بەدەننىڭ تېمپۇراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ ، قىزىتمىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا چاي ئىشقارىنىڭ يەنە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولغاچقا ، قىزىتمىنى ياندۇرىدىغان دورىلارنىڭ ئۈنىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .
6. ھامىلدار ئاياللار قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك . ئاياللار ھامىلدار مەزگىلىدە قېنىق چاي ئىچسە ، چاي تەركىبىدىكى كوئىفىن يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىپ ، سۈيدۈكنى كۆپەيتىۋېتىدۇ ھەمدە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ . ئېغىر بولغاندا ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
7. بالىلار قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كېرەك . قېنىق دەملەنگەن چاي تەركىبىدە فىنۇل ماددىسى كۆپ بولۇپ ، يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى بىلەن ئاسان رېئاكسىيەلىشىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ، بالىلارنىڭ تۆمۈر ماددىسىنى قوبۇل قىلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ ، ئۇلار تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولۇش خاراكتىرلىك قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .






