

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئولتۇرۇش ھالىتىدىنمۇ ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى بىلگىلى بولىدۇ ، يەنە كېلىپ ئادەمنىڭ خاراكتىرىگە بۇ خىل ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلى ئىنتايىن توغرا چىقىدۇ . پىسخىكىلىق سىناق : ئولتۇرۇش ھالىتىدىن ئادەمنىڭ خاراكتىرىگە ھۆكۈم قىلىش . تېز كېلىپ سىناپ بېقىڭ .
ئادەمنىڭ چىرايى بىر -بىرىگە ئوخشىمايلا قالماستىن يەنە خاراكتىرىدىمۇ ناھايتى زور پەرقلەر بولىدۇ . بىر ئادەمنىڭ خاراكتىرىنى ئۇنىڭ مەلۇم ئىش - ھەركەتلىرى ئارقىلىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ .ئولتۇرۇش ھالىتىدىن ئادەمنىڭ خاراكتىرىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز .
جاۋابىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىغا قاراڭ
=
=
=
=
=
=
=
=
=
=
=
=
=
=
=
تەكشۈرۈش نەتىجىسى :
Aنى تاللىغانلار :
سىز بىر يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە ئادەم . قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر خىل گۆدەكلىك بار . سىز نۇرغۇن شەيئىي ۋە پائالىيەتلەر ئوتتۇرسىدا ياخشى بولغان ئالمىشىش ئېلىپ بارالايسىز . لېكىن سىزنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بىرلا ئىشقا زېھنىڭىزنى قاراتمىقىڭىز بەك مۈشكۈل .گەرچە سىز پىرىنسىپچان ، خىزمەتنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدىغان ئادەم بولسىڭىزمۇ ،سىز بىلەن ئارلاشقانلار يەنىلا ئۆزىنى ناھايتى ئازادە ھېس قىلىدۇ . مەسىللەرنى ۋە بەزى ئاۋارچىلىقلارنى داۋاملىق تۆۋەن مۆلچەرلەيسىز ، ھەمدە بۇ مەسىلە ، ئاۋارچىلىقلارنى ئۆزىڭىز بىر قوللۇق ھەل قىلىۋېتىشنى ئويلايسىز ، ئەگەر مەغلۇب بولسىڭىز سىز دوستلىرىڭىزدىن ياردەم سوراش ئارقىلىق يەنىلا مەسىلىنى ھەل قىلىسىز ، ئۆزىڭىزگە بەك بېسىم قىلىۋالمايسىز .
Bنى تاللىغانلار:
سىز بارىغا قانائەت قىلمايدىغان خىيالپەرەس .سىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىڭىز ناھايتى مول . كاللىڭىز يېڭىچە ئوي - خىياللار بىلەن توشقان . ئەتراپىڭىزدىكىلەر داۋاملىق سىزنى ئەقىللىق دەپ ماختايدۇ . سىز بىر قېلىپقا كىرىپ قالغان قائىدە - تۈزۈملەرنى ياقتۇرمايسىز . ساياھەتكە چىقىشنى ، يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچىرشىشنى ياخشى كۆرىسىز .سىزنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىڭىزمۇ ناھايتى كۈچلۈك ، نۇرغۇن قارارلارنى ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن چىقىرىسىز ، مەسىلەن : چاچ پاسونىڭىزنى ئالماشتۇرۇش ، خىزمەت ئالماشتۇرۇش ، ھەمكارلاشقۇچىلارنى ئالماشتۇرۇش ھەتتا ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان شەھەرنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار . ئۆز بەختىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا سىز ئەزەلدىن ۋاقىت ئىسراپ قىلمايسىز .
Cنى تاللىغانلار :
سىز بىر ئىشلارنى قارا قىلىشتىن بۇرۇن ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىسىز ، چۈنكى سىز ھەممە ئىشنىڭ توسالغۇسىز ، ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق پۈتىشىنى ئۈمىد قىلىسىز . سىز سەل قۇسۇر ئىزدەشكە ئامراق ، شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىمۇ سەل تەرتىپسىز . لېكىن بۇ خىل تەرتىپسىزلىك ئۆزىڭىزنىڭ لوگىكىسىغا ئۇيغۇن . مۇقىملىشىپ كەتكەن ئىشلارغا نىسبەتەن زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلمەيسىز . باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ، ناھايتى ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلالايسىز ، ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل سۆز تېمىسى ئارىسىدا ھېچ تەمتىرمەيلا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارالايسىز .بۇ ھەۋەپلىك نۇرغۇن دوسلىرىڭىز سىزنى سەل ھاكاۋۇر دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن ، چۈنكى سىز ئاساسەن دېگۈدەك قارشى تەرەپنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقى بىلەن ھېساپلاشمايسىز .
Dنى تاللىغانلار
سىز ئاممىۋى سورۇندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشنى ، ئۇرۇشۇشنى ياقتۇرمايسىز ، ھەم ئاممىۋى سورۇندا ئۇرۇشقان ، بەك يېقىنچىلىق قىلغان ئادەملەرنىمۇ ياقتۇرمايسىز . سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئويى ۋە ھېسياتىنى ئىپادىلەشكە ماھىر . ئىچكى ھېسياتىڭىز سەل مۇتەئەسسىپ ھەم ئەنئەنىۋى .باشقىلار بىلەن ئارلاشقاندا ،سەل ئارلىق ساقلايسىز ، بىر ئىشلارنى بەك كۆڭلىڭىزگە ئالىسىز ، بەك ئەستەيىدىل ، ھەم ھەرقانداق ئىشقا يۈزلىنەلەيسىز .
Eنى تاللىغانلار
سىز بەك سوغۇققان ، ئەڭ ئالدىدا تۇرۇشنى خالىمايسىز . بەك جاھىل ، سەل قاتمال . ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ،ئەزەلدىن يېرىم يولدا ۋاز كەچمەيسىز .ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازى ۋە تاشقى قىياپىتىگە بەك ئەھمىيەت بېرىسىز ، تىرىشىپ ئۆزىڭىزنى ئەڭ ياخشى قىياپەتتە نامايان قىلىشنى ئويلايسىز .لېكىن بۇ يەنىلا سىزنىڭ ئىشەنچىڭىزنى يۇقىرى كۆتىرەلمەيدۇ ، چۈنكى سىز سەل ئاجىز ھەم تەنقىد قوبۇل قىلالمايسىز .











