

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىرىنجى پارچە رەسىم بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى: تۇرمۇشتا ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىش، بىر –بىرىنىڭ قەدرىگە يېتىش ناھايتى مۇھىم.
تۇرمۇش ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس، ئەگەر سىز تۇرمۇشنى ئىنتايىن ئاسان ھېس قىلىۋاتقان بولسىڭىز، چوقۇم باشقا بىرسى سىزنىڭ ئورنىڭىزدا سىز تارتىشقا تېگىشلىك ئاشۇ جاپانى تارتىۋاتىدۇ.
سىز ئۈچۈن ئېغىر يۈكنى كۆتۈرىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەردىن مىننەتدار بولۇشنى ئۈگىنىڭ.
ئىككىنجى پارچە رەسىم بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى: ئىدىيىدە ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر قىلىش سىزگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ.
بىر ئادەم بىر قارىغۇ دوستىنى ئۆيىگە كەچلىك تاماققا چاقىرىپتۇ، تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ ئادەم ئۆيىگە قايتماقچى بوپتۇ. دوستى ئۇنىڭغا بىر چىراقنى يورىتىپ بېرىپتۇ ھەم ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ، بۇنىڭدىن قارىغۇ ئادەم ئىنتايىن خاپا بوپتۇ:« مېنىڭ كۆزۈمنىڭ كۆزرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ماڭا چىراق تۇتقۇزۇپ قويغىنىڭ نېمىسى، مېنى مازاق قىلىۋاتامسەن؟»
دوستى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:« مەن سەندىن ئەنسىرگەچكە شۇڭا ساڭا چىراق تۇتقۇزۇپ قويدۇم.سەن كۆرەلمىسەڭ، باشقىلار سېنى كۆرەلەيدۇ ئەمەسمۇ، مۇشۇنداق بولغاندا ئاندىن باشقىلار سېنى سوقىۋەتمەيدۇ.» بۇنىڭدىن قارىغۇ ئادەم بەكمۇ تەسىرلىنىپتۇ.
چۈشىنىش ئوخشاش بولمىسا، نەتىجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا چوقۇم بىر ئىشلاردا ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر قىلىشنى ئۈگىنىشىمىز كېرەك.
ئۈچىنجى پارچە رەسىم: ئوخشاش بىر ئىشقا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ سىزگە بېرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ پىكىر قىلىش ئۆزىگە ھەم ئۆزگىگە بولغان ھۆرمەت.
سىزنىڭ بىر قىزىڭىز بار، سىز قىزىڭىزنىڭ توي قىلغاندا ناھايتى كۆپ تويلۇققا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. سىزنىڭ بىر ئوغلىڭىز بار، ئوغلىڭىز توي قىلماقچى بولغاندا سىز يەنە قارشى تەرەپ سالغان تويلۇقنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكىنىدىن رەنجىيسىز. سىزنىڭ بىر كېلىنىڭىز بار، سىز كېلىنىڭىزنىڭ ھورۇنلۇقىدىن، ئۆيدىكى ئىشلارغا بەك چات كېرىۋالغانلىقىدىن نارازى بولىسىز، سىزنىڭ قىزىڭىز بار، سىز قىزىڭىزنىڭ قېيىنئاپىسىنىڭ ئۆيىدە ئۆينىڭ چوڭ ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلىسىز. سىز ماشىنا ھەيدىگەندە پىيادە ماڭغانلاردىن بىزار بولىسىز، پىيادە ماڭغاندا بولسا ماشىنا ھەيدىگەنلەردىن بىزاربولىسىز. سىز باشقىلارغا ئىشلەۋاتقاندا خوجايىننىڭ پىخسىقلىقىدىن، زومىگەرلىكىدىن رەنجىيسىز، ئۆزىڭىز خوجايىن بولغاندا بولسا خىزمەتچىڭىزنىڭ ھورۇنلۇقىدىن ، ھېچ ئىشنى قىلالمايدىغانلىقىدىن رەنجىيسىز. سىز خېرىدار بولسىڭىز ساتقۇچىلارنى پۇلدىن باشقا ھېچنىمىنى تونىمايدىغاندەك ھېس قىلىسىز، ناۋادا سىز مال ساتقۇچى بولسىڭىز خېرىدارلارنى توختىماي قۇسۇر ئىزدەيدىغاندەك ھېس قىلىسىز.
ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ باشقىارغا باھا بەرمەڭ، كۆپرەك باشقىلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئۆزىڭىزگە قاراپ بېقىڭ.








