大数跨境
0
0

مىكرو ھېكايە : دادا، مېنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز

مىكرو ھېكايە : دادا، مېنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز aymehri
2017-09-28
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


قىز 9  ياشقا  كىرگەن يىلى  ئاق  قان كېسىلى  سەۋەپلىك  دوختۇرخانىغا كىرىپ  قالغاندا، ئۆگەي  ئانىسى دادىسى  بىلەن  ئۇرۇشۇپ ئۆينىڭ  ئۆگزىسىنى  ئۆرىۋېتەي دەپ  قالغان  ئىدى.

دادىسى ھەركۈنى  دوختۇرخانىغا  بېرىپ قىزىنىڭ  ھالىدىن  خەۋەر ئالاتتى، قىزىغا  سەندىن  باشقا ماڭا  ھېچنەرسە  كېرەك ئەمەس، خاتىرجەم  داۋالانغىن،  دەپ تەسەللىي  بېرەتتى.

قىزىنىڭ كۈندىلىك  خاتىرە  يازىدىغان ئادىتى  بار  بولۇپ، ھەركۈندىكى  كەيپىياتى ۋە  كېسەللىك  ئەھۋالىنى كۈندىلىك  خاتىرىگە  يېزىپ ماڭاتتى.

دادىسى بارلىق  بېساتىنى  چىقىرىپ قىزىنى  ئوپىراتسىيە  قىلغۇزماقچى بولغاندا  ئۆگەي  ئانىسىمۇ ئۆزىنىڭ  ئەڭ  ئاخىرقى قارارىنى  ئېلان  قىلدى : بالاڭنى  داۋالاشتا  چىڭ تۇرساڭ، بىزمۇ  ئاجىرشايلى.

بۇ ئۆگەي  ئانىسىنىڭ  تاش يۈرەكلىك  قىلغىنىدىنمۇ  ئەمەس، بەلكى بۇ  ئوپىراتسىيىنى  قىلغاندىن كېيىن  تېخىمۇ  كۆپ قىممەت  باھالىق  ئوپىراتسىيىلەر  ئۇلارنى ساقلاپ  تۇراتتى، ئۇلار  قازان –چۆمۈچلىرىنى  ساتقان تەقدىردىمۇ، ئۇنى  قۇتقۇزۇپ  قالالىشى ناتايىن  ئىدى.

دادىسى تولىمۇ  ئىككىلەندى، ئەگەر  داۋاملىق قىزىنى  داۋالاتسا  ئايالىدىن ئايرىلىپ  قالىدۇ،  ھەممە نېمىسىدىن  قۇرۇق  قالىدۇ، يانچۇقىدا  بىر تىيىن  يوق  ھالەتكە چۈشۈپ  قالىدۇ.لېكىن  ئۇ  تېخى ياش، كېيىن  يەنە  بالىلىق بولسا  بولىدۇ.

مۇشۇلارنى ئويلىغاندىن  كېيىن  ئۇ قىزىنىڭ  تەبىئىي  ھالدا بۇ  دۇنيا  بىلەن خوشلىشىغا  يول  قويماقچى بولدى، بۇنداق  بولغاندا  قىزىمۇ داۋالىغان  چاغدىكى  ئازاپلارنى تارتىپ  يۈرمەيتتى.



قىزى بارا- بارا  خۇدىنى  بىلمەيدىغان بولۇپ  قالدى، لېكىن  ئۇ يەنىلا  كۈندىلىك  خاتىرە يېزىشنى  داۋاملاشتۇرىۋاتاتتى.

ئۇ دادىسىدىن  سورايتتى:"  دادا، سەن مېنى  تاشلىۋەتمەيدىغانسەن؟"

دادىسى بۇنداق  ۋاقىتتا  بەكمۇ ئازاپلىناتتى، لېكىن  كۈلۈمسىرەپ  تۇرۇپ:" خاتىرجەم  بول، كېسىلىڭ  چوقۇم  ياخشى بولۇپ  كېتىدۇ."دەيتتى.

ئۇ خاتىرجەم  ھالدا  دادىسىنىڭ قۇچىقىغا  بېشىنى  قوياتتى.


قىزى بۇ  دۇنيادىن  ئايرىلغاندىن كېيىن، دادىسى  قىزىنىڭ  نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۋېتىپ، ئۇنىڭ  كۈندىك  خاتىرسىنى ۋاراقلىدى.  ۋاراقلاپ  ئەڭ  ئاخىرقى   بەتكە كەلگەندە  ئۇنىڭ  يۈرىكى بىر  نىمە  تىلغاپ ئۆتكەندەك  ئازاپلىنىپ  كەتتى، ئۇ مۇنداق  يازغان ئىدى:

بىلىمەن، دادام ئەمدى  مېنى داۋالاتمايدۇ،  مۇشۇنى  بىلىپ تۇرساممۇ  دادامنىڭ  يەنە، قىزىم سېنى چوقۇم  داۋالاپ  ساقايتىمەن، دېيىشىنى  ئاڭلاشنى تولىمۇ  ئۈمىد  قىلاتتىم. دادام  مېنى ياخشى  كۆرمەس  بولۇپ  قالغانمىدۇ؟

ئوقۇپ مۇشۇ  يەرگە  كەلگەندە  دادىسى ئېسەدەپ  يىغلاپ  كەتتى. مۇشۇ  پەيتتە  ئۇ ئۆزىنىڭ  قىزىنىلا  ئەمەس بەلكى  پۈتۈن  دۇنيانى يوقۇتۇپ  قويغانلىقىنى  ھېس قىلماقتا  ئىدى.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624