

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
يېقىندا توردىن مال سېتىۋالغانلار ئارىسىدا مال قايتۇرۇش قىزغىنلىقى قوزغالدى، بۇ ئەسلىدىمۇ ھېچقانداق تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىش ، چۈنكى رازى بولمىسا قايتۇرۇش بۇ تامامەن كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغىدىغان ھەقىقەت. ئەمما تېخى يېڭىلا توي قىلغان بىر كېلىننىڭ قېيىنئاپىسىغا يازغان ئۇنىڭ ئوغلىنى قايتۇرۋېتىش توغۇرسىدىكى ئىلتىماسىنى كۆرگەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم...
مال قايتۇرۇش ئىلتىماسنامىسى
ھۆرمەتلىك قېيىنئاپا، قېيىنئاتا
ياخشىمۇسىلەر!
مەن 2017- يىلى يىلنىڭ بېشىدا سىلەردىن بىر ئوغۇل سېتىۋالغان ئىدىم، سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم، بۇنىڭغا توي خېتىمىز گۇۋاھ بولالايدۇ.
ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن خاتالىقلار ئۆتتى، شۇڭا مەن مال قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى، تەستىقلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇنىڭ خاتالىقلىرى تۆۋەندىكىچە:
تويدىن ئىلگىرى مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ ماڭا:« سەندىن بۆلەككە قارىمايمەن، ساڭىلا كۆيىنىمەن، سېنى بوزەك قىلمايمەن، خۇش بولساڭ سەن بىلەن بىللە خۇش بولىمەن، خاپا بولۇپ قالساڭ سېنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن، ساڭا قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ھەربىر ئىشىمنى جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ چوقۇم ئورۇندايمەن، ساڭا دېگەن ھەربىر ئېغىز گېپىم مېنىڭ چىن يۈرىكىمدىن چىققان گەپلەر، كۆڭلۈمدە پەقەت سەنلا بار!»دەپ ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى.
تويدىن كېيىنچۇ؟ تويدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ دەيدىغىنى:« قاچان ئىشتىن چۈشىسەن؟»،«بۈگۈن نىمە يەيمىز؟»،«تازلىق ئۆيىدە قەغەز قالماپتۇ، قەغەز سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالما-ھە!» گە ئۆزگەردى.
ئىكىنجى: سېتىۋالغاندىن كېيىنكى پوزىتسىيىسى ناچار
تويدىن بۇرۇن مېنى: « جېنىم، بىر دانەم، يىگانەم، خوتۇن جانابلىرى، سۆيۈملۈكۈم...»دەپ، كۈندە ھەرخىل تاتلىق ئىسىملار بىلەن چاقىراتتى.
تويدىنكېيىن بۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك « ھەي» گە ئۆزگەردى!
ئۈچىنجى: تويدىن بۇرۇن ساختا كۆرىنىش ياساپ مېنى ئالداپتۇ
تويدىن بۇرۇن شىم –كاستىيۇملارنى قاتۇرۇپ كېيىپ، مېنى ئۆزىگە قاراتقان. كىيىمنى ماسلاشتۇرۇشنىمۇ بىلەتتى. قارىماققىلا كىشىگە راھەت تۇيغۇسى بېرەتتى.مانا مۇنداق ...
تويدىن كېيىن قالايمىقانلا كىيىدىغان بولدى، سېسىق پايپاق ، ئاياغلىرىنى ھەممە يەرگە قالايمىقان تاشلايدۇ، ئىشىكتىن چىققۇچە بىر تال چاپاننى ياراشسىمۇ، ياراشمىسىمۇ كىيىپلا ماڭىدۇ، نىم قىلىشىمنى بىلمەي قاراپلا قالىمەن. مانا مۇنداق...
تۆتىنجى: سۈپىتىدە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلدى
تويدىن بۇرۇن تاتلىق گەپلەرنى جىق قىلاتتى، تويدىن كېيىن تاققا-تۇققۇ سۆزلەيدىغان بولدى؛ تويدىن بۇرۇن ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇپ كېتەلمەيتتى، تويدىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولىدىغان بولۇپ قالدىم؛ تويدىن كېيىن ماڭا سۆيگۈ سۆزلىرىنى قىلاتتى، تويدىن كېيىن ساقلا يالغان گەپ قىلىدىغان بولدى؛ تويدىن بۇرۇن «ئۇسسۇدۇم» دېسەم،«ماقۇل جېنىم، مانا ھازىرلا سىزگە سۇ ئەكىلىپ بېرىمەن» دەيتتى، تويدىن كېيىن «ئۇسسۇدۇم» دېسەم، «بېرىپ سۇ ئىچىپ كەل، ماڭىمۇ بىر ئىستاكان ئالغاچ كەل» دەيدىغان بولدى.
بەشىنجى: مۇلازىمىتى ناچارلىشىپ كەتتى
تويدىن بۇرۇن بىر تېلفون قىلسام نەدە بولمىسۇن يېنىمغا ئۈنۈپ بولاتتى،ئاپام داداملارنىڭ ئۆيىدە ھېلى ئۇنى قىلىپ ھېلى بۇنى قىلىپ پەقەت بىكار ئولتۇرمايتتى، سىلەرنىڭ ئۆيدىكىدىنمۇ ئىشچان ئىدى.
تويدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاپام -داداملارنىڭ ئۆيىگە بېرىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشتىن بىرسىلا قالدى: ئۇ بولسىمۇ ئاپام بىر ئۈستەل تاماق تەييارلاپ ئەتىۋارلىق كۈيئوغلىنى ساقلاۋاتقان بولسا...
动图
ئالتىنجى: قالايمىقان ھەق ئالىدۇ
تويدىن بۇرۇن پۇلنىڭ ھەممىنى سەن باشقۇرىسەن دېگەن. تويدىن كېيىن پالانچى ساۋاقدىشىمنىڭ ئايالى يەڭگىپتىكەن، خىزمەتدىشىم توي قىپتىكەن، ئاغىنەم دوختۇرخاندا يېتىپ قاپتىكەن ،خىزمەتداشلار يىغىلدىكەنمىز دېگەن باھانىلەر بىلەن مەندىن قالايمىقان پۇل ئالدى، يەنە تېخى مەندىن ئالغان پۇل بىلەن ئەمەلىي ئىشلەتكەن پۇلىنىڭ ئارلىقىدا خېلى كۆپ پەرق بار.
يەتتىنجى: تويددىن بۇرۇنقى ئۆزى بىلەن ئاسمان زېمىن پەرقلىنىپ كەتتى
تويدىن بۇرۇن مەن يەر سۈپۈرسەم ئۇ سۈرتەتتى،مەن تاماق ئەتسەم ئۇ قاچا يۇياتتى؛ تويدىن كېيىن پول سۈرتكۈچنى قولىغا ئېلىپمۇ سالمىدى، ئۇنى قاچا يۇيۇڭ دېسەم ئۇيانغا سۆرەپ بۇيانغا سۆرەپ ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا يەنە ئۆزۈم يۇيىمەن.
تويدىن بۇرۇن بىر سائەت ئاممىۋى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ مېنى ئالغىلى كېلەتتى، تويدىن كېيىن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ مېنىڭ شىركىتىم ئالدىدىن ئۆتسە ماڭا قاراپمۇ قويمايدۇ.
تويدىن بۇرۇن مەن ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسەم مېنىڭ يىقىلىپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ ماڭا كېچىدە تاماقلارنى توشۇپ كېتەتتى، تويدىن كېيىن مېنىڭ تاماق يېگەن يېمىگىنىم ئۇنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمەيدۇ.
تويدىن بۇرۇن مېنى ئوماق، دەپ ماختايتتى. تويدىن كېيىن ئۇنىڭغا يۈزۈم سېمىز، پۇتۇم قىسقا، بېلىم توم كۆرىنىدىغان بولۇپ قالدىم!
يۇقىرقىلار سىلەرنىڭ ئوغلۇڭلارنىڭ گۇناھى، يەنە باشقا ئىشلارنى مەن بىر –بىرلەپ دەپ ئولتۇرماي. ئىشقىلىپ ئوغلۇڭلاردىن پەقەت رازى بولمىدىم ، شۇڭا مېنىڭ ئەر قايتۇرۇش ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن
كېلىنىڭلاردىن
ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى قىزىق بولسۇن ئۈچۈن دېيىلگەن گەپلەر. ئىككى ئادەمنىڭ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر يەرگە كېلىپ بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تەڭ ئىس چىقارمىقى تولىمۇ مۈشكۈل ئىشتۇر. شۇڭا قەدىرلەڭ، يول تېخى ئۇزاق، ھەربىر جۈپلەرگە بەخىت نېسىپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، ئاخىردا بىز يەنە شۇنداق دېمەكچى :
ئەر، سالاھىيەت دېمەك ئەمەس، بەلكى مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر؛
ئايال،نام –ئاتاق دېمەك ئەمەس، بەلكى كۆيىنىش دېمەكتۇر؛
بىرسى ئېچىلىپ كۈلەلىسە ئاندىن ئىككىلىسى بەخىتلىك بولىدۇ؛
ئىككىلىسى بەخىتلىك بولسا ئاندىن بىر مۇكەممەل ئائىلە بولىدۇ؛
كەمكۈتكىسىز ئادەم بولمايدۇ، چۈشىنىشنىڭ ئۆزى مۇھەببەتتۇر؛
مۇكەممەل ئىش بولمايدۇ،كەڭچىلىك قىلىشنىڭ ئۆزى مېھىردۇر.
مېھىر-مۇھەببەت بولغاندىلا ئاندىن بەخىتلىك ئائىلە بولىدۇ.

















