

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19-قۇرۇلتىيى 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. 15-، 16-ئۆكتەبىر 2200 دىن كۆپرەك قۇرۇلتاي ۋەكىلى 4 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك ئاساسى قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى ۋە 89 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ قېتىمقى يىغىنغا قانىشىش ئۈچۈن، ئايروپىلان، پويىز ۋە ئاپتوبۇس بىلەن ئارقا ئارقىدىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.
يول بويى ۋەكىللەر پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى يۇرتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە ئەڭ كۆپ توختالدى.
زامانىمىزدىكى ئايال يۈگوڭ دەپ تەرىپلەنگەن گۈيجۇ ئۆلكىسى لودىيەن ناھىيەسى ماخۈەي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋەكىل دىڭ يېڭشياڭ مۇنداق دېدى: ئۆزگىرىش ئىنتايىن تېز بولدى، ئىلگىرى كەنتىمىزدىن گۈيياڭغا بېرىش ئۈچۈن يەتتە، سەككىز سائەت يول يۈرەتتۇق. بۇ بىر قانچە يىلدا ماخۈەي كەنتىدە تونېل قېزىلىپ، خۈيشۈي لودىيەن يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولى ياسالدى. ھازىر ماخۈەيدىن گۈيياڭغا ئىككى يېرىم سائەتتە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بىزنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىش مۇساپىمىزمۇ تېز بولدى. جۇڭگودىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىش، ئالغا ئىلگىرىلەش سۈرىتىمۇ تېز بولدى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن شەھىرى نەيدوڭ رايونىنىڭ خەلق ساقچىسى، 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان پارتىيە ۋەكىلى ياۋ چى مۇنداق دېدى: بۇ بەش يىلدا ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى زور بولدى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قولايلاشتى، دوختۇرغا كۆرۈنۈش، مەكتەپتە ئوقۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشتا غەلىبە قازىنىشتىن ئۈمىد بار. خەلقنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بىز پارتىيە رەھبەرلىرىدىن مىننەتدار.
چىڭخەي ئۆلكىسى شىنىڭ شەھىرى چېڭبېي رايونى شىنخەيچياۋ مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋەكىل تيەن شياۋخوڭ ئەل ئىچى سەنئەتچىلىرىنى يېتەكلەپ "چىڭخەي گۈلى 19-قۇرۇلتاينى مەدھىيەلەيدۇ" دېگەن ناخشىنى ئىجاد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم روھىنى قىلچە ئېغىشماستىن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي ھازىرقى تەرەققىيات يولىنى بويلاپ مېڭىپ، تېخىمۇ كۆپ غايىنىڭ ئىشقا ئېشىشى، تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىمىزگە ئىشىنىمىز.
19-قۇرۇلتاينىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىغا ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشمىز.









