大数跨境
0
0

مانا بۇ سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن تىرىشىدىغىنىڭىزنىڭ سەۋەبى

مانا بۇ سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن تىرىشىدىغىنىڭىزنىڭ سەۋەبى aymehri
2018-03-24
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

سىز  ئەتىگەندە يەنە  ئازراق  ئۇخلىۋېلىشنى تاللىسىڭىز  بولىدۇ،  لېكىن باشقىلار  سەھەر  تۇرۇشنى تاللىدى.

سىز  راھەت –پاراغەتتە  ئۆتۈشنى تاللىسىڭىز  بولىدۇ،  لېكىن باشقىلار  تىرىشىشنى   تاللىدى.

سىز  ئەپلەپ-سەپلەپ خىزمەت  قىلىشنى  تاللىسىڭىز بولىدۇ،  لېكىن  باشقىلار كۆڭۈل  قويۇپ  خىزمەت قىلىشنى  تاللىدى.

نىمە  ئۈچۈن تىرىشىمىز؟

كېيىن  ئاتا-ئانىمىزنىڭ  بىرەر قىيىنچىلىققا  ئۇچرىغاندا  ھېچ ئىككىلەنمەي  بىزنى  ئىزدىيەلىشى، بىزنىڭ  پۇلىمىز  يوقلىقىدىن ئەنسىرەپ  بىزدىن   يوشۇرۇپ يۈرمەسلىكى  ئۈچۈن.

كۈنلەرنىڭ  بىرىدە تۇيۇقسىز  يۆلەنچۈكىمىزدىن  ئايرىلىپ قالساق،  ئۆزىمىز   ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ  مۇستەھكەم  ئارقا تىرىكىمىز  بولالىشىمىز  ئۈچۈن.

ئۆزىمىزگە  ھەم شۇنداقلا  بالىلىرىمىزغا  تېخىمۇ كۆپ  پۇرسەت  يارىتىپ بېرىش  ئۈچۈن.

ئۆزىمىز  ياقتۇرىدىغان  ئىشلارنى  قىلىشقا  يېتەرلىك ۋاقتىمىزنىڭ  بولىشى  ئۈچۈن، ئۆزىمىز  ياقتۇرمايدىغان  ئىشلارنى رەت  قىلىشقا   يېتەرلىك جۈرئىتىمىزنىڭ  بولىشى  ئۈچۈن.

ھېرىپ  چارچاپ ئىشتىن  چۈشۈپ،  ئۆيگە قايتار  يولىمىزدا  بىر نەچچە  يۈەننى  دەپ يول  بويىدىكى  يايمىچىلار بىلەن باھا  تالىشىپ  يۈرمەسلىك ئۈچۈن.

ھەر  قېتىم پەسىل  ئالماشقا،  باھاسىنىڭ  قىممەتلىكىدىن  ئىككىلىنىپ  ئولتۇرماي، ئۆزىمىز  ياقتۇرغان  كىيىملەرنى خالىغانچە  سېتىۋالالىشىمىز  ئۈچۈن.

بىرەر  يەرگە ماڭغاندا  مېترو،  ئاممىۋى ئاپتۇبۇسلاردا  قىستىلىپ  يۈرمەي، ئۆزىمىزگە  ئەڭ  راھەت بىلىنگەن  ئۇسۇلدا  سىرتقا چىقالىشىمىز  ئۈچۈن، يامغۇر   يېغىپ قالسا  ماشىنا  توسالماي قالارمەنمۇ  دەپ  ئەنسىرەپ يۈرمەسلىك  ئۈچۈن.

ئۆزىمىز  ئارزۇ قىلغان  مۇھەببەتكە  ئېرىشىش ئۈچۈن،  پۇل  سەۋەبىدىن ئۆزىمىز  ياخشى  كۆرمەيدىغان كشىلەر  بىلەن بىرگە  ياشاپ  قالماسلىق ئۈچۈن،ھەم   پۇل  سەۋەبىدىن ئۆزىمىز  ياخشى  كۆرىدىغان كىشىدىن  ۋاز  كەچمەسلىك ئۈچۈن.

ئەركىنلىك  بولسا نىمە  قىلغۇسى  كەلسە شۇنى  قىلىش،  مەن يەتمەكچى  بولغان  ئەركىنلىك بولسا  نىمىنى  قىلغۇسى كەلمىسە  شۇنى  قىلمىسا بولىدىغان   ئەركىنلىك.  مانا  بۇ   بىزنىڭ ھازىر  چوقۇم  تىرىشمىساق بولمايدىغانلىقىنىڭ  سەۋەبى.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624