大数跨境
0
0

گۈلنى سۇ ئۆلتۈرىدۇ، ئادەمنى ئاچچىق

گۈلنى سۇ ئۆلتۈرىدۇ، ئادەمنى ئاچچىق aymehri
2018-03-28
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئاغرىپ  قالغان چاغدىكى  ھېسيات

ئەگەر  بىر ھەپتە  ئاغرىپ  قالسىڭىز، سىز  شۇنى  بايقايسىزكى، پۇل  مۇھىم  ئەمەس، ئائىلىڭىزدىكىلەر  ۋە   سالامەتلىك ھەممىدىن  مۇھىم .

ئەگەر  سىز بىر  ئاي قاتتىق  ئاغرىپ قالسىڭىز  شۇنى   بايقايسىزكى، پۇل   بەك  مۇھىم ، ئائىلىڭىزدىكىلەر  ۋە  سالامەتلىكىڭىز  ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم .

ئەگەر  سىز يېرىم  يىل  قاتتىق ئاغرىپ ئورۇن  تۇتۇپ يېتىپ  قالسىڭىز ،  بۇ  ۋاقىتتىكى سىز  كۆز  ئالدىڭىزدىكى بارلىق  مەنپەئەت  ۋە ھوقۇقتىن  كېچىپ ئۆزۈڭگە  ئەڭ مۇھىم  بولغان نەرسىنى  تاللىۋال دېسە  چوقۇم جان  دەپ خالايسىزغۇ  دەيمەن.  

ئەپسۇسلىنارلىقى  شۇكى كۆپ  قىسىم  كىشىلەر يارىسى  ساقايغاندىن  كېيىنلا ئاغرىقنى  ئۇنتۇپ  قالىدۇ. سىزمۇ،  مەنمۇ  شۇنىڭ ئىچىدە.  شۇڭا  بۇ سۆزلەرنى  ئوقىۋاتقىنىمدا  مەن ھاياتىمدا  كىملەرنىڭ ،  قايسى ئىشلارنىڭ  مۇھىملىقىنى،  ئادەمنىڭ ئاددىي  ياشىسىمۇ  ساغلام بولسىلا  بەخىتلىك  ياشىيالايدىغانلىقىنى  چوڭقۇر ھېس  قىلدىم . 

ساغلاملىقققا  نىسبەتەن كىشىلەرنىڭ  مۇنداق  ئوخشىمىغان كۆز  قاراشلىرى  بار :

 ئەقىللىق كىشىلەر :  100  يۈەننى ساغلاملىقىنى  ئاسراشقا  ئىشلىتىدۇ، 50  يۈەنگە  سۇغۇرتا سېتىۋالىدۇ،  10  يۈەنگە كېسەل  كۆرسىتىدۇ،  1 يۈەنى جىددىي  قۇتقۇزۇشقا  ئىشلىتىدۇ؛

ئەخمەق  كىشىلەر : بىر  يۈەننى  ساغلاملىقنى ئاسراشقا  ئىشلىتىدۇ، 10  يۈەنگە دورا  يەيدۇ،  50 يۈەنگە  كېسەل  كۆرسىتىدۇ، 100  يۈەننى  جىددىي قۇتقۇزۇشقا  ئىشلىتىدۇ. 

كۆپ  قىسىم كىشىلەر  ئۆمرىنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى  بىر  ئىككى يىلىدا  بىر  ئۆمۈر تاپقان  تەرگىنىنى  خەجلەپ، ئەكىس  تەسىرى  بار بولغان  دورىلارنى  يەيدۇ، نەچچە  قېتىم  ئوپىراتسىيىگىمۇ  چۈشىدۇ، ئاندىن ... جىمجىتلا  بۇ  دۇنيادىن ۋىدالىشىدۇ...

كېسەلگە  قانداق تاقابىل  تۇرىمىز ؟  جاۋاپ: ئالدىنى  ئېلىش  مۇھىم . 


گۈلنى  سۇ ئۆلتۈرىدۇ،  بېلىق  توقلۇقتىن ئۆلىدۇ،  ئادەمنى  ئاچچىق ئۆلتۈرىدۇ .

قاراپ  بېقىڭ، سىز  قانچە  ياشقىچە  ياشىيالايدىكەنسىز ؟

بىرىنجى : دائىم  ئۆزىنى ئۆزى  كېسىلدۈرۈپ  يۈرىيدىغان ، ئىچى   تار كىشىلەر . ئادەتتە  20~50  ياغقىچە ئۆمۈر  كۆرىدۇ.  مەسىلەن « قىزىل  راۋاقتىكى چۈش»  تىكى لىن  دەييۈدەك .

ئىككىنجى :  دائىم باشقىلارغا  ئاچچىقلاپلا  يۈرىيدىغان، باشقىلارنىڭ  خاتالىقى  ئۈچۈن ئۆزىنى  جازالايدىغانلار  50~60 ياشقىچە  ئۆمۈر  كۆرىدۇ.

ئۈچىنجى :  ھەم ئۆزىدىن  ئاچچىقلىنىپ  ھەم باشقىلارنى  رەنجىتىپلا  يۈرىيدىغانلار 60~70  ياشقىچە  ئۆمۈر كۆرىدۇ. 



تۆتىنجى : دائىم  باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى  كەلتۈرۈپ  قويۇپ، ئۆزى  ئاچچىقلاشنى  بىلمەيدىغان كىشىلەر  ئادەتتە  80 ياشقىچە  ئۆمۈر  كۆرەلەيدۇ.

بەشىنجى :  مەيلى باشقىلار  قانچە  ئاچچىقىنى كەلتۈرسىمۇ  يەنىلا ئۆزىنى  تەمكىن  تۇتالىغان كىشىلەر  90  ياغقىچە ئۆمۈر  كۆرەلەيدۇ .

ئالتىنجى :  باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى  كەلتۈرمەيدىغان،  ئۆزىمۇ ئاچچىقلىمايدىغان  كىشىلەر  100 ياشتىن  ئارتۇق  ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.

نۇرغۇن  كېسەللىكلەر ئاچچىقلىنىشتىن  كېلىدۇ،  شۇڭا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي  دېسىڭىز ئاز  ئاچچىقلىنىڭ. 

ئاچچىقنى  ياندۇرۇش ئۇسۇللىرى:  باشقىلارغا  دەرت تۆكۈش،  ئۆزىنى چەتكە  ئېلىش، ھەركەت  قىلىش،  كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى  بىلەنشۇغۇللىنىش، كاللىسىدىن  ئۆتكۈزۈش،  ئۆزىگە ماس  كېلىدىغان  ئۇسۇللارنى تېپىپ  چىقىش،  ئورۇن ئالماشتۇرۇپ  پىكىر  قىلىش، ۋاز  كېچىشنى  بىلىش، ئىچكى  دۇنياسىنى  موللاشتۇرۇش.  

     










【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624