大数跨境
0
0

يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى يوقىتىدىغان ئون خىل يېمەكلىك

يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى يوقىتىدىغان ئون خىل يېمەكلىك aymehri
2018-04-01
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

 

1. بانان، سۈت:ئاۋۋال بىر تال باناننى ئېزىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا سۈت قوشۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ،20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۈزنى پاكىزە يۇيۇۋەتسە تېرىنى سىلىق ھەمپاقىراق قىلىپ،تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ.
    
2.تۇخۇم ئېقى: تۇخۇم ئېقى بىلەن ھەسەلنى تەكشى ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن يۈزگە سۈرۈپ بەرسە تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ ھەم يۈزدىكى قورۇقلارنى ئازايتىدۇ.
    
3.زەرچىۋە پاراشوكى،سۈت: زەرچىۋە پاراشوكى بىلەن سۈتنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە سۈرۈپ بەرسە ئاپتاپتا كۆيگەن داغنى يوقىتىپ، يۈزدىكى سېرىق تۈكلەرنى ئازايتىدۇ.
    
4.ئارپا، پىشلاق،پەمىدۇر شىرنىسى: ئارپا، پىشلاق، پەمىدۇر شىرنىسنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزگە تەكشى سۈرۈپ،20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۈزنى سۇغۇق سۇدا يۇيۇۋەتسە، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.
    
5.بەرەڭگە پارچىسى:يۈزىدە سەپكۈن ۋە تاتۇق ئىزى بار خانىم-قىزلار خام بەرەڭگە پارچىسىنى يۈزگە چاپلاپ بەرسە، سەپكۈن بىلەن تاتۇق ئىزىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
    
6.تەرخەمەك شىرنىسى:تەرخەمەك شىرنىسى ئەڭ ئېسىل تېرە چىڭايتىش  سۇيۇقلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يۈزگە تەكشى سۈرۈپ15مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، يۈزدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ.
    
7.چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى: چۈچۈك ئاپلىسىن شەربىتى تەبئىي ئاقارتقۇچى ئاگېنت بولۇپ، ئۇنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، ئاپتاپتا كۆيۈپ كەتكەن تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈنۈمى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ.
   
8.ھەسەل: ھەسەلنىڭ تېرىنى سىلىق،پارقىراق قىلىش ھەم قورۇقلارنى ئازايتىش رولى بار.
  
9.ماندارىن شەربىتى: ماندارىن شەربىتى مايلىق تېرىنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى بولۇپ، تېرىسى مايلىق خانىم-قىزلار ئۇنى يۈزىگە سۈرۈپ بەرسە، تېرىدىكى ئارتۇق مايلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىرلىشىنى كونتىرول قىلىدۇ.
10.مۇزپارچىسى: مۇز پارچىسى تەر تۈشۈكچىلىرىنى تارايتىدۇ ھەم قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624