

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئوخشىمىغان كىشىلەر بۇ رەسىمگە قارىغاندا ئوخشىمىغان ساننى كۆرىدىكەن، سىز قانچىنى كۆردىڭىز؟
.
.
.
.
.
.
.
.
.
.
.
.
A.571
B.584
C.521
D.671
E.684
بىرىنجى تۇيغۇڭىزغا تايىنىپ تاللىغان بولسىڭىزلا ئاندىن ئاستىدىكى مەزمۇننى كۆرسىڭىز بولىدۇ جۇمۇ
.
.
.
.
.
.
A、571
سىز زىغىرلاپ ئولتۇرۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيسىز، ئۆزىڭىز سەل زىل، ئىنچىكە، تەپەككۇر سۈرئىتىڭىز تېز، تىنىچلىقنى خالايسىز، ئۇر-چاپ قىلىشنى ياقتۇرمايسىز، بىر ئىشلارغا ھەمىشە باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارايسىز، ئۈن -تىنسىز بەدەل تۆلەشكە كۆنۈپ كەتكەن، شەخسىيەتسىزلىك بىلەن ئۆزىڭىزنى ئاتايسىز،باشقىلارغا ھىيلە ئىشلىتىشنى ئۇقمايسىز، باشقىلارغا ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرەلەيسىز، لېكىن سىز چوقۇم ئەتراپىڭىزدىكى ھەمىشە سىزنى بالاغا تىقىپلا يۈرىيدىغان ، سىزنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان كىشىلەردىن ھەزەر ئەيلىشىڭىز كېرەك، سىز بىر ئاقكۆڭۈل كىشى، دوستلىرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز بەك قىزغىن ھەم سەل ھاڭۋاقتى، لېكىن سىز ئاۋال چوقۇم ئۆزىڭىزنى سۆيۈشنى ئۈگىنىشىڭىز ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىڭىز كېرەك
B、584
سىز ھەممە ئىشقا چىن يۈرىكىڭىزدىن چىقىرىپ مۇئامىلە قىلىسىز، ھەم بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلىسىز، باشقىلارنىڭ سىزنىڭ چىن كۆڭلىڭىز سەۋەبىدىن خۇشال بولغىنىنى كۆرۈشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىسىز.ساختىلىق قىلىشنى ياقتۇرمايسىز،يالغان سۆزلەشنىمۇ ئۆچ كۆرىسىز. باشتىن ئاخىر ھېسياتنى ئىنتايىن مۇھىم كۆرىسىز، كۆڭلىڭىزدە قارشى تەرەپنى سىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم دەپ ئېتىراپ قىلغانلا بولسىڭىز، ئۇنىڭغا ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىسىز، ئۇنىڭدىن ھېچنىمىنى يوشۇرمايسىز، ئۇنى ئالدىمايسىز، ئالدامچىلىق قىلىش سىزنىڭ قېنىڭىزدا يوق، ئىككى يۈزلىمىچىلىكنى تېخىمۇ قاملاشتۇرالمايسىز،ۋىجدانىغا يۈز كېلەلىگۈدەك ياشاش سىزنىڭ ھايات مىزانىڭىز
C、521
سىز بىر قەدەر بالدۇر پىشىپ يېتىلگەن ، ئىدىيىڭىز مۇ ئۆز يېشىڭىزغا ماس كەلمىگەن ھالدا پىشىپ يېتىلگەن، ھەم ئۆزىڭىز مۇستەقىل پىكىر قىلالايسىز، ھەم باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئايايسىز، ئالاقىگە ماھىر، ھەم سوغۇققانلىق بىلەن ھەممە ئىشلارنى ئۆزىڭىز يالغۇز بىر تەرەپ قىلالايسىز، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سىزنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى سېھرىي كۈچىڭىز بار، سىز ھەممىنى بىلىسىز، ھېچقانداق نەرسە سىزنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرالمايدۇ، سىز بەك پىرىنسىپچان، ھەم ئۆزىڭىزنىڭ نىمىگە ئىنتىلدىغانلىقىڭىزنى ناھايتى ئېنىق بىلىسىز، سىز بىر ئىشنى قىلماقچى بولسىڭىز، سىزنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ، ئەگەر قىلىشنى خالىمىسىڭىز ھېچكىم سىزنى زورلاپ قىلغۇزالمايدۇ، خاراكتىرىڭىز بەك ئۆزگىچە
D、671
سىز ئۆز غايىڭىزنى باتۇرلۇق بىلەن قوغلىشالايسىز، بىر ئىشلارغا نىسبەتەن دېگۈدەك كەسكىن بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، لېكىن چوقۇم شۇ ئىشنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە توغرا قىلىشقا تىرىشىسىز، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنالايسىز، توغرا بولسا چىڭ تۇرىسىز، خاتا بولسا ۋاز كېچەلەيسىز.باشقىلار نەزىرىدىكى مۇستەقىل ئادەم ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرگە يولۇققاندا بار كۈچىڭىز بىلەن ئۇنى قوغلىشىسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسىڭىزنى قۇربان قىلىشقا رازى بولىسىز، ياخشى نەتىجە كۆرەلمىسىڭىزمۇ پۇشايمان قىلمايسىز، ئۆزگىچە خاراكتىرگە ئىگە.
E、684
سىز قارىماققا سەل ھاڭۋاقتى، ئوماق. باشقىلار سىزنى تۇغۇلىشىدىنلا شۇنداق ھاڭۋاقتى دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىز ئىنتايىن ئەقىللىق، پەقەت سىزنىڭ دوستلىرىڭىز سىزچىلىك ئەقىللىق ئەمەس، سىز ئۆزىڭىزدىن دۆترەك كىشىلەر بىلەن دوست بولۇشنى ئېغىر ئالمايسىز، سىز بار كۈچىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشىسىز، باشقىلار يولۇققان مەسىلىنى ئۆزگىچە ئۇسۇللار بىلەن ھەل قىلالايسىز، سىزدەك دوستىنىڭ بولغانلىقى ئۇلارنىڭ بەختى، شۇڭا سىز ئازراقمۇ دۆت ئەمەس، سىز راستىنلا بەك ئەقىللىق، پەقەت يالغاندىن ھاڭۋاقتى قىياپەتكە كىرىۋالىسىز، بۇنداق بولغاندا باشقىلار سىز بىلەن ئارلىشىش جەريانىدىمۇ بېسىم ھېس قىلمايدۇ






