
ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىر دانىشمەن ئوغلىغا مۇنداق نەسىھەت قىلغان :
ئوغلۇم ئەگەر سەن مۇرات گۈللىرىڭنىڭ ئېچىلىشىنى خالىساڭ ، تۆۋەندىكى بەش نەرسىگە دىققەت قىل
بىرىنچى : قەھر ـ غەزەپ ئوتىنى مۇلايىملىق سۈيى بىلەن ئۆچۈر
ئىككىنچى : ئەخلاقسىزلىقتىن ۋە پەسكەش ، يامان نىيەتلىك كىشلەرنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن ھەزەر قىل
ئۈچىنچى : ئىشلىرىڭنى توغرىلىق ئاساسىدا قىل . خىيانەت يولىغا قەدەم قويما
تۆتىنچى : يۈز بەرگەن ۋەقە ھادىسىلەرنى چىدام بىلەن ئۆتكۈز ، تاقەتنى قولدىن بەرمە
بەشىنچى : ھېرىس ، تەمە ، ئىغۋا ، بىراۋغا ئازار بېرىشتىن ساقلان






