大数跨境
0
0

گۆشنى بەدەن ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن ئىستېمال قىلىڭ

گۆشنى بەدەن ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن ئىستېمال قىلىڭ aymehri
2018-01-25
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

تېنى ئاجىزلارنىڭ كالا گۆشى يېگىنى ياخشى: كالا گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىل ئامىنو كىسلاتالىرى ئادەم بەدىنىگە باشقا گۆش تۈرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا بەكرەك پايدا قىلىدۇ. كالا گۆشى ئورگانىزمنىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، شۇڭا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان، ئوپېراتسىيە قىلىنغان، داۋالىنىۋاتقان ئادەملەر كالا گۆشىنى ئىستېمال قىلسا بەدەنگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

باھنى كۈچەيتىشتە قوي گۆشى يېگەن ياخشى: قوي گۆشىنىڭ قان تولۇقلاش، ئۆپكە زەئىپلىشىشنى داۋالاش ئۈنۈمى بار. دەم سىقىلىش، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە كېسىلى بار ئاغرىقلارغا ناھايىتى پايدىلىق. قوي گۆشى يەنە بۆرەكنى، باھنى كۈچەيتىپ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇپ، بەدەننى كۈچلۈك ۋە ساغلام قىلىدۇ، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە.

سوغۇقتىن قورقىدىغانلار توخۇ گۆشى يېگەن ياخشى: بۇيەردە دېيىلگىنى، توخۇنىڭ تېرىسىنى ئېلىۋەتتىكەندىن كېيىنكى گۆش، چۈنكى توخۇ گۆشىنىڭ مېيى ئاساسەن تېرىسىدە بولىدۇ. توخۇ گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، سوغۇقتىن قورقۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، چارچاش، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى داۋالاشتا رولى ئىنتايىن چوڭ.

مىكرو ئېلمېنتلارنى تولۇقلاشتا بېلىق، راك يېگەن ياخشى: بېلىق بىلەن راكنىڭ تەركىبىدە ئاليۇمىن، مانگان، مىس، كوبالت، نىكېل، سىنىك، يود، خىلور، گۈڭگۈرت قاتارلىق مىكرو ئېلمىېنېتلار ناھايىتى مول، ھەممىسى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلار.


【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624