

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
كېلىش مەنبەسى: (健康大课程)ساغلاملىق دەرسلىكى ئۈندىدار سالونى
تەرجىمىدە : ئاي مىھرى ئۈندىدار سالونى
بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە،دۆلىتىمىزدە ھەريىلى 30000مىڭدىن ئارتۇق بالا دورىنى خاتا يەۋېلىش سەۋەبىدىن ئاۋازسىز دۇنياغا مەھكۇم بولىدىكەن. يەنە بىر سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدە بالىلار دورا ئىشلەتكەندە كۆرۈلىدىغان ئەكىس تەسىر 12.5% بولۇپ، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ 24.4% بولۇپ، قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ 4 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىكەن.
بالىلارنىڭ بەدەن شەكلى كىچىك بولۇپلا قالماستىن يەنە تېخى يېتىلىپ بولالمىغان، دورانىڭ زەھىرىنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ئاڭلاش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، گاس بولۇپ قېلىش، بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنىش، جىگەر زەخىملىنىش... ئائىلە باشلىقلىرى سەل دىققەت قىلمىسىلا بۇلار بالىنىڭ كېيىنكى ئۆمرىدە ئۇلارنىڭ ئايرىلماس ھەمرايىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
كېلىنىكىدا، بالىلارغا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ تۈرى ئانچە كۆپ ئەمەس. بەزى دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىگە بالىلارنىڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغان بولمايدىغانلىقى ، ھەمدە قانچە ياشلىق بالىغا قانچىلىك مىقداردا بەرسە بولىدىغانلىقى ئېنىق يېزىلىدۇ. لېكىن كۆپ قىسىم دورىلارنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىگە بۇنداق ئىنچىكە يېزىلمايدۇ، پەقەت « تېخى ئېنىق ئەمەس» دەپ يېزىلىدۇ.
بالىلاردىكى زۇكام ، قىزىشقا نىسبەتەن ئىشلىتىدىغان دورىلارغاقارىتا ئاتا-ئانىلارغا مۇنداق ئىككى تەكلىپ بېرىمىز:
بىرىنجى : 2 ياشتىن تۆۋەن بالىلار مۇرەككەپ رېتسىپلىق زۇكام دورىسى ئىچسە بولمايدۇ.
ئىككىنجى : 2ياشتىن 4ياشقىچە بولغان بالىلارغا نىسبەتەن مۇرەككەپ رېتسىپلىق زۇكام دورىسى بېرىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.
مۇرەككەپ رېتسىپ دېگەن نىمە؟ بىر دورىنىڭ ئىچىدە نەچچە خىل دورا تەركىبى بار بولسا مانا بۇ مۇرەككەپ رېتسىپلىق بولىدۇ. ئاتا-ئانىلار دورا تاللىغاندا چوقۇم چۈشەندۈرۈش قەغىزىنى تەپسىلىي كۆرىشى كېرەك.
بوۋاقلارغا نىسبەتەن بىرلا خىل رېتسىپلىق دورىلارنى ئىشلىتىش بىر قەدەر ياخشى. زۇكامنىڭ دائىم كۆرىلىدىغان ئالامەتلىرى بولسا: بۇرنى ئېقىش، يۆتىلىش، قىزىش. بوۋاقلار ئىشلىتىشكە بولىدىغان قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىككى خىل بولىدۇ:
(对乙酰氨基酚)ئاتسىتامىنوفېن ۋە (布洛芬)برۇفېن.
برۇفېننى ئالتە ئايلىقتىن يۇقىرى بالىلار ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كىىچك بالىلارنىڭ ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 3ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغان بالىلار ئاتسىتامىنوفېن ئىشلەتسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كىچىك بالىلارغا نىسبەتەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچكۈزۈش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا چوڭلارنىڭ قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى كىچك بالىلارغا بېرىشكە بولمايدۇ.
نۆۋەتتە ئاتا-ئانىلاردا كۆرىلىۋاتقان بالىالارغا دورا بېرىش جەھەتتىكى خاتالىقلار تۆۋەندىكىدەك:
بىرىنجى: بالىلارغا چوڭلارنىڭ دورىسىنى بېرىش.
ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشايدۇ، شۇڭا ھېچنىمە بولماس دەپئويلىشىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراشنى چوقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك.
ئىككىنجى : ئاغزىنى ئېچىۋەتكىلى بەك ئۇزۇن بولغان دورىلارنى بېرىش.
دورىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشتىن بۇرۇنقى ۋە ئاچقاندىن كېيىنكى ئىشلىتىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ.ھەم دورىلار ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ
ئۈچىنجى : بەك كۆپ بېرىۋېتىش ياكى زىيادە ئاز بېرىش.
دورىنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بەلكىم دورىنى ياخشى قويماي بالىلارنىڭ خاتا ئىستىمال قىلىۋېلىشى بولىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا-ئانىلار دورىنىڭ مىقدارىنى خالىغانچە كېمەيتمەسلىكى، دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە بېرىشى كېرەك.
تۆتىنجى : سۈت، مېۋە شەربىتى، مېنىرال سۇ بىلەن دورا بېرىش.
بالىلار ئاچچىقتىن قورقىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا دورىنى سۈت، مېۋە شەربىتى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ بېرىدۇ. لېكىن مېۋە كىسلاتاسى ۋە مېنىرال ماددىلار دورىنىڭ تەركىبى بىلەن رېئاكسىيەگە ئۆتۈپ، دورىنىڭ ئۈنىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
بەشىنجى : زورلاپ دورا ئىچۈرۈش ياكى جىم ياتقۇزۇپ قويۇپ دورا ئىچۈرۈش.
بالىلار يىغلاۋاتقان زورلاپ دورا ئىچۈرگەندە دورا نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىپ بالىدا ئېغىر دەرىجىدىكى نەپەس يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقرىىشى مۇمكىن.
بالىلار جىم ياتقاندا دورا ئىچۈرۈشمۇ ئاقىلانە تاللاش ئەمەس.
ئالتىنجى : كاپسۇللۇق دورىلارنىڭ ئۈستىدىكى قېپىنىئېلىۋېتىپ بېرىش.
كاپسۇللۇق دورىلارنىڭ ئۈستىدىكى قېپىنىڭ دورىنىڭ تەسىرىنى كەينىگە سۈرۈش رولى بار بولۇپ، دورىنىڭ تېشىدىكى قېپىنى ئېلىۋەتكەندە، ئەسلى ئۈچەي يولىدا ئېرىشكە تېگىشلىك دورىلار ئاشقازاندىلا ئېرىپ كېتىشى مۇمكىن.
بالىلارغا دورا بېرىشتە تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:
بىرىنجى : دورا بېرىشتىن بۇرۇن دورىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ياخشى قاراش، خاتا دورا بېرىپ قويماسلىق، چوڭلارنىڭ دورىسىنى بالىلارغا بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش، چوڭلارنىڭ دورا بېرىشىگە توغرا كەلگەندە دورىنىڭ مىقدارى ۋە ۋاقتىنى ئېنىق يېزىپ قويۇش كېرەك.
ئىككىنجى : دورا بەرگەن چاغدا مىقدارى توغرا بولىشى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ياكى چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىكى ئۆلچەم بويىچە بېرىش؛ ۋاقىت توغرا بولىشى، دورا ئىچۈرۈش ئۇسۇلى توغرا بولىشى كېرەك.
ئۈچىنجى : دورا ئىچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، دورىنى بىخەتەر، بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان جايغا قويۇش كېرەك.
تۆتىنجى : دورىلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، بالىلار ئاچالمايدىغان ھالەتتە ، جىددىي ئىزدىگەندە تاپقىلى بولىدىغان جايغا قويۇش كېرەك.






