

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
يىلدا بىر قېتىم بەدەن تەكشۈرۈش قىلسىڭىز ، سالامەتلىكىڭىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ ، لېكىن تەكشۈرۈش ھەققىنىڭ قىممەت بولىشى ئىقتىسادى ئانچە ياخشى بولمىغان ئائىللەر ئۈچۈن باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى . تۆۋەندە سىلەر ئۈچۈن سالامەتلىكنى ئائىلىدىلا تەكشۈرگىلى بولىدىغان بىرنەچچە ئەپچىل ئۇسۇللارنى ئەۋەتتۇق ، قېنى سىزمۇ تېدىن سالامەتلىكىڭىزگە دىياگىنوز قويۇپ بېقىڭ .
ئۆپكە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش
بىرىنجى : نەپەسنى قىسىش
نەپەسنى 50 سېكونت قىسىپ تۇرالىسىڭىز ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ . ( 50 ياشلىقلار 30 سېكونت ، 60 ياشلىقلار 25 سېكونت ) ئەگەر 10 سېكونتتىن تۆۋەن بولسا ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
ئىككىنجى : نەپەس چىقىرىش
چوڭقۇر نەپەس سۈمۈرگەندىن كېيىن ، ئاندىن نەپەسنى تېشىغا چىقارسىڭىز ، ئەگەر 3 سېكونت ئىچىدە چىقىرىپ بولالىسىڭىز ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . ( 50 ياشلىقلار تۆت سېكونت ، 60 ياشلىقلار 5 سېكونت ) ئوتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلارنىڭ 6 سېكونتتىن ئېشىپ كەتسە ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
يۈرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش
بىرىنجى : ئۆز ئورنىدا بىر ئاز يۈگۈرۈش
( ئازراق ھاسىرغۇچە يۈگۈرسە بولىدۇ ) ھەركەتنى توختاتقاندىن كېيىن ، 5-6 مىنۇت ئىچىدە تومۇرنىڭ سوقۇشى نورمال ھالەتكە قايتسا ،يۈرەك ئىقتىدارى نورمال بولىدۇ . ئەگەر 8 مىنۇتقىچە ئەسلىگە كەلسە يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ سەل ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . 8 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە يۈرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنجى : پەلەمپەيگە چىقىش
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار 3-5 قەۋەتلەرگە چىقىپ بولغۇچە يۈرەك سوقىشى تېزلىشىپ كەتسە ۋە 10 مىنۇتتا نورمال ھالەتكە قايتسا ، يۈرەك ئىقتىدارى ياخشى بولىدۇ ، 20-30 مىنۇتقىچە ئارام ئالسىمۇ يەنە بىئارام بولسا ، نەپەش ئېلىش قىيىنلاشسا ھەتتا يۈرەك سوقىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتسە يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
ئارتىرىيە قېتىشىشنى تەكشۈرۈش
ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئالدىغا ئېگىلىش . يەردە ئولتۇرۇپ ، پۇتىڭىزنى ئالدىڭىزغا سوزۇڭ ، بارماقلىرىڭىز ئۈستىگە قاراپ تۇرسۇن . ئاندىن قولىڭىزنى جۈپلەپ پۇتىڭىز بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ئالدىغا سوزۇڭ . ئەگەر بارمىقىڭىز پۇت بارماقلىرىڭىزغا يەتمىسە ياكى پۇت بارمىقىڭىزغا يەتكۈزۈش جەريانىدا نەپىسىڭىز سىقىلىپ ، يۈرىكىڭىز ئاغقاندەك بولسا بۇ ئارتىرىيىدە قېتىشىش بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
دىئابىتنى تەكشۈرۈش
كۆز قاپىقى ساڭگىلاش . ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا تۇيۇقسىز بىر كۆزىنىڭ ئۈستۈن قاپىقى ساڭگىلاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە بۇ دىئابىت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كۆزنى ھەركەتلەندۈرگۈچى نېرۋىنىڭ پالەچلىنىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ . ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاستا خاراكتىرلىك دىئابىت كېسىلى ئورگانىزىملاردىكى مىتابولىزىم قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇنىڭدىن قىل قان تومۇرلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ ئۈستى قاپاقنىڭ ساڭگىلاپ قېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ .
گىلاۋكومانى تەكشۈرۈش
كۆزنىڭ قارچۇقىنى كۆزىتىش . كۆز قارچۇقى نورمال ئەھۋالدا دىئامېتىرى 2-5 سانتىمېتىرغىچە ، يۇمىلاق ھالەتتە بولىدۇ . ئەگەر كۆز قارچۇقى ئېللىپىس شەكىلدە كۆرۈنسە بۇ گىلاۋكومانىڭ بېشارىتى بولىدۇ .
قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تەكشۈرۈش
تىلغا قاراش . ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ تىلىڭىزنى چىقىرىپ قاراپ بېقىڭ ، ئەگەر تىلىڭىزنىڭ رەڭگى سۆسۈن رەڭدە بولسا قاننىڭ يېپىشقاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەگەر سۆسۈن بولغاننىڭ سىرتىدا يەنە سۆسۈن رەڭلىك داغ پارچىلىرى بولسا ، قاننىڭ زىيادە يېپىشقاقلىقىنى ، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ھەمدە قاندا ئۇيۇشۇش بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
سۆڭەك شالاڭلىشىشنى تەكشۈرۈش
ئىككى ئوتتۇرا بارمان ئارىسىدىكى ئارلىقنى ئۆلچەش . قولنى ئىككى تەرەپكە گورىزىنتال ھالەتتە سوزۇپ ئاندىن ئىككى ئوتتۇرا بارماق ئارىسىدىكى ئارلىقنى ئۆلچەڭ ، ئاندىن بوي ئېگىزلىكىڭىزنى ئۆلچەڭ .ئەگەر بوي ئېگىزلىكىڭىز ئىككى بارمىقىڭىز ئارىسىدىكى ئارلىقتىن كىچىك بولسا سىزدە سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۆڭەكنىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەش ئەھۋالى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
بەل ئارلىق تەخسىسى چىقىپ قېلىشنى تەكشۈرۈش .
ئىككى قولىڭىزنى بىر - بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ ، دۈمبە ۋە ئىككى پۇتىڭىزنى تىرەش نۇقتىسى قىلىپ ، بەل قىسمىڭىزنى يەردىن ئۇزۇپ قورسىقىڭىزنى ئۈستىگە كۆتۈرۈڭ . ھەمدە يۇقىرقىدەك ھالەتنى ساقلاپ 10 -20 سېكونتقىچە نەپىسىڭىزنى قىسىپ تۇرۇڭ ، نەپىسىڭىزنى يۈز قىسمىڭىز قىزارغىدەك بولغىچە قىسىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ ، ئەگەر بېلىڭىز ئاغرىسا ھەمدە ئاستى بەدىنىڭىزنىڭ موسكۇللىرى ئاغرىسا سىزدە بەل ئارلىق تەخسىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
توققۇز كۆز - يانپاش بوغۇم ياللۇغىنى تەكشۈرۈش
بەداشقان قۇرۇش تەجىربىسى .ئوڭدىسىغا قاراپ يېتىپ ، بىر پۇتىڭىزنى يەنە بىر پۇتىڭىزنىڭ ئۈستىگە بەداشقان قۇرغان شەكىلدە ئېلىڭ ، بىرەرسى ياردەملىشىپ بىر قولىدا داس سۆڭىكىڭىزنى ، يەنە بىر قولىدا ئېگىلگەن تىزىڭىزنى پەسكە بېسىپ تۇرسۇن ، ئەگەر ساغرا قىسمىڭىزدا ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولسا سىزدە توققۇز كۆز - يانپاش بوغۇم ياللۇغى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
بۆرەكتىكى كېسەللىكنى تەكشۈرۈش
سۈيدۈكتىكى ئاقسىلنى تەكشۈرۈش . 100 مىللىگىرام سۈيدۈكنى ئالغاندىن كېيىن قاچىغا قۇيۇپ قايناتسىڭىز سۈيدۈكتە دۇغ پايدا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە 5- 10 تامچە ئاق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ ، يەنە بىر قېتىم قىزدۇرۇڭ ، دۇغ يوقىغان بولسا نورماللىقنى ئىپادىلەيدۇ ، ئەگەر دۇغ يوقىمىسا سۈيدۈكتە ئاقسىل بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ .















