

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىرىنجى:ناشتا قىلماسلىق
ناشتا قىلماسلىق ئاشقازان-ئۈچەيگە زىيانلىق، ئادەمنى ھارغىن قىپ قويىدۇ، ئاشقازان بىئارام بولىدۇ، باش ئاغرىيدۇ. ئۆتكە تاش چۈشۈش خەۋپى بار. قېرىشنىمۇ تېزلىتىۋېتىدۇ.
ئىككىنجى:ئاچ قورساق يۈگرەش
ئاچ قوساق يۈگرەش يۈرەك ۋە جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. يۈرەك رېتىمسىزلىق، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق قورقۇنچلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۈچىنجى:قاينىغان چاي دەملەش
بەك قايناپ كەتكەن سۇدا چاي دەملەش چاي تەركىبىدىكى ۋىتامىنC نى خورىتىدۇ. شۇڭا 70~80 گىرادۇسلۇق سۇ بىلەن چاي دەملىگەن ئەڭ ياخشى، سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق.
تۆتىنجى:ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلىماسلىق.
ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلىماسلىقنىڭ سالامەتلىككە زىيىنى ناھايتى چوڭ. دائىم چىش چوتكىلىمىغانلار ئاسانلا زۇكام ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ. يەنە چىش چۈشۈش، چىش مىلىكى قاناش، چىش چىرىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
بەشىنجى: ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈز يۇيماسلىق.
يۇزدىكى يۇيۇلماي قالغان گىرىم بۇيۇملىرى ۋە چاڭ توزانلار يۈزنى غىدىقلاپ تەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ توسۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تېرە ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ.
ئالتىنجى:سىرلانغان چوكىدا تاماق يېيىش.
سىر تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق ماددىلار ناھايتى كۆپ. بۇنىڭ ئىچىدىكى نىترو رادىكالى بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن تەركىبىدە خىلور ئامىن بولغان ماددىلار بىلەن بىرلىشىپ كۈچلۈك راك قوزغاش تەسىرى بولغان نىتروزامىننى پەيدا قىلىدۇ.
يەتتىنجى:كانايغا بېلىق قىلتىرقى تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئاچچىقسۇ ئىچىش.
ئاچچىقسۇ بېلىق قىلتىرقىنى يوقاتمايلا قالماستىن يەنە شىللىق پەردە يارىسى ۋە قىزىل ئۆڭگەچ سۇلۇق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سەككىزىنجى:دورىلارنى پارچىلاپ ئىستىمال قىلىش.
دورىنى پارچىلاپ ئىستىمال قىلغاندا قىرلىرى قىزىل ئۆڭگەچ، ئاشقازانغازەخمە يەتكۈزىدۇ.
توققۇزىنجى:يالتىراق داستىخان ئىشلىتىش.
يالتىراق داستىخان تەركىبىدە زەھەرلىك ئەركىن تەنچە پولى ۋىنىل خلورىد سمولىسى بولۇپ، تاماق قاچىلىرى داۋاملىق بۇنداق ماددا بىلەن ئۇچىرشىپ تۇرسا ئادەمنى ئاستا خاراكتىرلىك زەھەرلەيدۇ.
ئونىنجى: ھاراقتىن كېيىن قېنىق چاي ئىچىش.
چاي تەركىبىدىكى كوففىئىن ئىسپىرت بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.















