

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
كىشىلەر ئادەتتە بۆرەكنى ھاياتلىقنىڭ ئىشىكى دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى بۆرەك ئادەم بەدىنىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى زامان تېببىي ئىلمىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، بۆرەك ئادەم بەدىنىدە ماددا ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قان بېسىمنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى، قىزىل قان دانچىلىرىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى، سۆڭەكتىكى كالتىسىيلىق ماددىلىرىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى بۆرەكنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاجرىلىپ چىققان ماددىلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن.
بۆرەك ئادەتتە ئۈچ مىليوندىن كۆپرەك بۆرەك بىرلىكلىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر بىر بۆرەك بىرلىكى مۇستەقىل ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۆرەك مانا مۇشۇ بۆرەك بىرلىكلىرىگە تايىنىپ ھەر مىنۇتتا 1.2لىتىر قاننى سۈزۈپ تازىلىيالايدۇ، 5 مىنۇتتا پۈتۈن بەدەندىكى قاننى بىر قېتىم سۈزۈپ بولىدۇ، بۇنىڭدىن بۆرەكنىڭ بېسىمىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئەگەر بۆرەك بىرلىكلىرىدىن بىرى كاردىن چىقسا قايتا شەكىللەنمەيدۇ، بۇ دەرۋەقە بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۆرەكنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
ۋاقتىدا تەكشۈرۈتۈش كېرەك: بۆرەكتە كېسەللىك بايقالغاندا، مەسىلەن، بەدەن ئىششىغاندا، قان بېسىم يۇقىرى بولغاندا، سۈيدۈك يولى غىدىقلانغاندا، بەل ئاغرىغاندا قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈپ ئاكتىپ داۋالاش كېرەك.
ۋىتامىن تۈرىدىكى دورىلارنى ئاز ئىچىش كېرەك: چۈنكى ۋىتامىنلار ئادەم بەدىنىدە ماددا ئالمىشىش جەريانىدا چۆپ كىسلاتاسى ھاسىل قىلىپ، بۆرەكتە تاش شەكىللىنىشنى تېزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك: چۈنكى تۇز بىلەن كالتسىي ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، بۆرەكتە توسالغۇ پەيدا قىلىپ ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە داۋالايدىغان دورىلارنىڭ ئالمىشىش جەريانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك: ئەگەر ھەر كۈنى سەككىز ئىستاكاندىن ئون ئىستاكانغا قايناق سۇ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك مىقدارى زور دەرىجىدە كۆپىيىپ، بۆرەكنى تازىلاپ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئازراق، سۈپەتلىك ئاقسىل ماددىلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېستىمال قىلىش كېرەك. ئەگەر قەنت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، قاننىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ كېتىپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك: كالتسىي بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدىغان مۇھىم تەركىبلەرنىڭ بىرى، شۇڭا ھەر كۈنى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدىغان كالتىسىينىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولماسلىق كېرەك.
خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك: ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ بىر قىسىم يەڭگىل، يۇمشاق چېنىقىش ئۇسۇللىرىنى تاللاپ، ھەرىكەت بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش كېرەك.






