大数跨境
0
0

سىز بايمۇ نامراتمۇ؟

سىز  بايمۇ  نامراتمۇ؟ aymehri
2017-11-06
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بىر  كۈنى بىر  باي  دادا ئوغلىنى  يېزىغا  زىيارەتكە ئاپىرىپتۇ.  چۈنكى  ئۇ دادىنىڭ  ئوغلىغا  نامراتلىقنىڭ قانداق  بولىدىغانلىقىنى  كۆرسىتىپ قويغۇسى  بار  ئىكەن.شۇنىڭ بىلەن  ئۇلار  يېزىدىكى بىر  كەمبەغەل  ئادەمنىڭ ئۆيىدە  ۋاقىت  ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاندىن  دادىسى  ئوغلىدىن سوراپتۇ:«  بالام،  نامرات بولسا  قانداق  بولىدىغانلىقىنى  ھېس قىلدىڭمۇ؟  بۇ  يەردىن نىمىلەرنى  ئۈگەندىڭ؟»

ئوغلى  دەپتۇ:« بىزنىڭ  بىرلا  ئىتىمىز بار،  بۇلارنىڭ  بولسا تۆت  ئىتى  باركەن؛ بىزنىڭ  سۇ  ئۈزۈش كۆلچىكىمىز  بار،  ئۇلارنىڭ دەريالىرى  بار  ئىكەن؛ بىزنىڭ  ئاسما  چىراغلىرىمىز بار،  ئۇلارنىڭ  بولسا ئاسماندا  يۇلتۇزلىرى  بار  ئىكەن؛  بىز يېمەكلىكنى  سېتىۋالىمىز،  ئۇلار بولسا  ئۆزلىرى  تېرىپ ئۆستۈرىدىكەن؛  بىزنىڭ  بىزنى قوغدايدىغان  تاملىرىمىز  بار، ئۇلارنىڭ  بولسا  دوستلىرى بار  ئىكەن.  دادا، ماڭا  بىزنىڭ  قانچىلىك نامرات  ئىكەنلىكىمىزنى  كۆرسىتىپ قويغىنىڭىزغا  كۆپ  رەھمەت.»

روھىي  جەھەتتىكى تويۇنۇشلا  سىزگە  ئۆزىڭىزنىڭ بايلىقىنى  ھەقىقىي  ھېس قىلدۇرالايدۇ.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624