大数跨境
0
0

ئەرلەرنى ئەڭ قىينايدىغان سوئالنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟

ئەرلەرنى ئەڭ قىينايدىغان سوئالنىڭ نىمىلىكىنى بىلەمسىز؟ aymehri
2017-11-18
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ئاددىي  نۇسخىسى: ئاپىڭىز  بىلەن  مەن تەڭلا  سۇغا  چۈشۈپ كەتسەم  ئاۋال  كىمنى قۇتقۇزىسىز؟

نورمال  نۇسخىسى: ئەگەر  مەن  تۇغۇت ئوپىراتسىيىسىگە  كىرىپ  تۇغۇت خەتىرى  كۆرۈلسە  مېنى ساقلاپ قالامسىز  ياكى  بالىنىمۇ؟

قىيىن  نۇسخىسى: مەن  تۇغۇت  ئوپىراتسىيىسىگە  كىرىپ، تۇغۇت  خەتىرى  كۆرۈلسە ، دەل  شۇچاغدا  ئاپىڭىز سۇغا  چۈشۈپ  كەتسە، مېنى ساقلاپ  قالامتىڭىز  ياكى بالىنىمۇ  ياكى  ئاپىڭىزنى قۇتقۇزامتىڭىز؟

ئالاھىدە  قىيىن نۇسخىسى:  ئەگەر  مەن بىلەن  ئاپىڭىز  تەڭلا سۇغا  چۈشۈپ  كېتىپ، سىز  قايسىمىزنى  قۇتقۇزۇش ھەققىدە  ئويلىنىپ  تۇرغاندا، مېنىڭ  تۇيۇقسىز  تولغىقىم تۇتۇپ،  خەتەر  ئىچىدە قالسام، ئاپىڭىزنىڭ  سوقۇر  ئۈچەي ياللۇغى  قوزغىلىپ،  قاتتىق ئاغرىپ  كەتسە  ،سىز  ئەمدى  بىر ئامال  قىلاي،  دەپ تۇرغاندا  سىزنىڭ  بۆرىكىڭىزگە تاش  چۈشۈپ  قالسا زادى  قانداق  قىلاتتىڭىز؟

چىدىغۇسىز  قىيىن نۇسخىسى:  ئەگەر  مەن بىلەن  ئاپىڭىز  تەڭلا سۇغا  چۈشۈپ  كېتىپ، سىز قايسىمىزنى  قۇتقۇزۇش  ھەققىدە ئويلىنىپ  تۇرغاندا  مېنىڭ تۇيۇقسىز  تولغىقىم  تۇتۇپ خەتەر  ئىچىدە  قالسام، ئاپىڭىزنىڭ  سوقۇر  ئۈچەي ياللۇغى  قوزغىلىپ،  قاتتىق ئاغرىپ  كەتسە  سىز ئەمدى  بىر  ئامال قىلاي  دەپ  تۇرغاندا سىزنىڭ  بۆرىكىڭىزگە  تاش چۈشۈپ  قالسا،  بىئاراملىق ئىچىدە  ئەمدى  بىر نىيەتكە  كېلەي  دەپ تۇرغاندا، تاشقى  پىلانت  ئادىمى يەرشارىغا  ھۇجۇم  قىلىپ كىرىپ قالسا  سىز زادى  قانداق قىلاتتىڭىز؟

دېمەك،  ئاياللار تەسەۋۋۇرغا  ئەڭ  بار كىشىلەردۇر.





【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624