大数跨境
0
0

ساقلىقنى ساقلاشتىكى 12خىل ناچار ئادەت

ساقلىقنى  ساقلاشتىكى 12خىل  ناچار  ئادەت aymehri
2018-02-21
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ساقلىقنى ساقلاش  تىلغا  ئېلىنغاندا نۇرغۇن  كىشىلەر  بۇنى ياشانغانلار  قىلسىلا  بولدى، دەپ  ئويلىشىدۇ.  ئۆيۈم، تۇرمۇشۇم،  بالام  دەپ تۆت  تەرەپكە  قاتراپ يۈرگەن  ياشلارغا  نىسبەتەن ئېلىپ  ئېيتقاندا  بىر  قاچا  ئىسسىق  تاماقنى دەل  ۋاقتىدا  يېيىشنىڭ ئۆزى  چوڭ  بەخىت ھېساپلىنىدۇ.


لېكىن كېسەل  قېرى –ياش  دەپ ئايرىپ  ئولتۇرمايدۇ،  ئۆزىڭىزدىكى بەزى  ناچار  ئادەتلەرنى تاشلىسىىڭىزلا  ساغلام  بەدەننىڭ ئىگىسى  بولالايسىز.



قېرىغاندا ئاندىن ساقلىقنى ساقلاش


نۇرغۇن كىشىلەر  ساقلىقنى  ساقلاشنى ياشانغانلارنىڭ  ئىشى،  ياش ۋاقىتتا  بۇلارغا  كۆڭۈل بۆلمىسىمۇ  بولىدۇ،  دەپ ئويلايدۇ.  ئەمەلىيەتتە  ساقلىقنى ساقلاشنى  بالا  ۋاقىتلاردىن باشلاپ  ئېلىپ  بېرىش كېرەك.  خۇددى  ماشىنىنىمۇ يېڭى  ۋاقتىدىن  باشلاپ ئاسرىغانغا  ئوخشاش.  ئەگەر  بىرەر  زاپچاستىن چاتاق  چىقىپلا  قالسا، ئەمدى ئاسراي  دېسىڭىزمۇ  كېچىكىسىز. تېخىمۇ  كۆپ  زىيانلارغا ئۇچرىشىڭىز  مۇمكىن.

ئاغرىپ بولالمىغاندا ئاندىن داۋالىنىش


يەنە نۇرغۇن  كىشىلەر  ئاغرىپ قالمىسا  بەدىنىنى  تەكشۈرتمەيدۇ. دوختۇرغىمۇ  كۆرۈنمەيدۇ.  ئەمەلىيەتتە ساقلىقنى  ساقلاشتا  ئالدىنى  ئېلىشنى ئاساس  قىلىش  كېرەك. قەرەللىك  ھالدا  سالامەتلىك تەكشۈرتۈش،  بەدەننى  ئاسراش كېرەك.

قورسىقى ئاچقاندا ئاندىن تاماق يېيىش


كىشىلەر ناشتا  قىلماسلىققا  ياكى ۋاقتىدا  غىزالانماسلىققا  كۆنۈپ كەتتى.  ئەمەلىيەتتە  يېمەكلىك ئاشقازاندا   تۇرۇپ  4-5 سائەتتىن كېيىن  پۈتۈنلەي  ھەزىم بولۇپ  بولىدۇ.  سىز قورسىقىڭىز  ئاچقاندەك  ھېس قىلغان  ۋاقتىڭىزدا  ئاشقازان سۇيۇقلىقى  ئاشقازان  شىللىق پەردىسىنى  پارچىلاشقا  باشلايدۇ. قانۇنىيەتلىك  تاماقلىنىش،  ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ  بولۇش،  ساقلىقنى ساقلاشنىڭ  كەم  بولسا بولمايدىغان  ئالدىنقى  شەرتىدۇر.

ئۇسسىغاندا ئاندىن سۇ ئىچىش


ئادەتتە سۇ  ئىچمەسلىك،  ئۇسسىغاندىلا ئاندىن  ئىچىش  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  ئادىتىگە  ئايلاندى. ئەمەلىيەتتە  سۇ  ئادەم بەدىنىگە  نىسبەتەن  يېمەكلىكتىنمۇ مۇھىم.  سىز  ئۇسساش ھېس  قىلغان  ۋاقتىڭىزدا بەدىنىڭىز  سۇسىزلىنىپ  مەلۇم دەرىجىگە  بېرىپ  بولغان بولىدۇ.  كېلىنىكىدا  ئىسپاتلىنىشىچە  دائىم سۇ  ئىچمەيدىغان  كىشىلەرنىڭ قەۋزىيەت،  سۈيدۈك  يولىدا تاش  پەيدا  بولۇش نىسبىتى  دائىم  سۇ ئىچىدىغان  كىشىلەردىن    كۆپ يۇقىرى  ئىكەن.

قىستىغاندا ئاندىن  تەرەت قىلىش


نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  چوڭ  كىچىك تەرەت  قىلىش  ۋاقتى قانۇنىيەتلىك  ئەمەس.  ھەتتا بەزىدە  قىستاپ  بولالمىغانغا قەدەر  قىسىپتۇرىۋالىدۇ.بۇنداق  قىلىش  سالامەتلىككە بەكمۇ  زىيانلىق.  چوڭ- كىچىك تەرەتنىڭ  بەدەن  ئىچىدە ساقلىنىش  ۋاقتى  ئۇزىراپ كەتسە،  ئاسانلا  قەۋزىيەتنى پەيدا  قىلىدۇ،  چىقرىندى ماددىلار  تەركىبىدىكى  زەھەرلىك ماددىلار  بەدەنگە  قايتا سۈمۈرلۈپ،  بەدەننىڭ  ئۆزىدىن زەھەرلىنىشىنى  كەلتۈرۈپ  چىقىرىدۇ.

مۈگدىگەندە ئاندىن ئۇخلاش


ئادەم ھاياتىنىڭ  ئۈچتى  بىر قىسىم  قىسمى  ئۇخلاش ئىچىدە  ئۆتىدۇ.  ئۇخلاش بولسا  ئادەم  بەدىنىنىڭ مىتابولىزىم  ئېلىپ  بېرىشىدىكى مۇھىم  بولغان  فىزىئولوگىيەلىك  جەريان. پەقەت  ياخشى  بولغان ئۇخلاش  ئادىتىنى  يېتىلدۈرسە، ھەركۈنى  يەتتە  سائەت ئۇخلاپ  بېرىشكە  كاپالەتلىك قىلسىلا،  بەدەننىڭ  نورمال ئايلىنىشىغا  كاپالەتلىك  قىلغىلى بولىدۇ.  لېكىن  بەزى كشىلەر  ئاخشىمى  ۋاقتىدا ئۇخلىمايدۇ،  مۈگدەپ  ھالى قالمىغاندا  ئاندىن  ئۇخلايدۇ، ئۇيقۇسى  كەلسىمۇ  چىداپ كۆزىنى  ئېچىپ   ئولتۇرىدۇ. بۇنداق  قىلىش چوڭ  مېڭىگە  زىيانلىق.

چارچاپ بولمىغاندا ئاندىن ئارام ئېلىش

چارچاپ بولالماي  قالغاندا  ئاندىن ئارام  ئېلىش  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  كۈندىلىك  ئادىتى. چارچاش  ھېس قىلغان  ۋاقتىدا  بەدىنىڭىزدىكى چارچاش  ئەڭ  يۇقىرى پەللىگە  يەتكەن  بولىدۇ، بۇ  ۋاقىتتا  ئالغان ئارام  بەدەن  ئۈچۈن تولىمۇ  كېچىككەن  بولىدۇ. چارچىمىسىڭىزمۇ  ئارام   ئالىدىغان ئادەتنى  يېتىلدۈرۈڭ،  بەدەننى ، چوڭ مېڭىنى  زىيادە  چارچىتىۋېلىشتىن  ساقلىنىڭ. 

سەمرىگەندە ئاندىن ئورۇقلاش

ھەددىدىن زىيادە  كۆپ  يېيىش، بەدەنگە  قوبۇل  قىلىنغان ئېنىرگىيە  ۋاقتىدا  سەرپ بولماسلىق،  ھەركەت  كەمچىل بولۇش  قاتارلىقلار  سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ  چىقىرىدىغان  ئاساسلىق سەۋەپتۇر.  بۇلارنىڭ  ئالدىنى ئالغىلى  بولىدۇ.  ھازىر نۇرغۇن  كىشىلەردە  چوڭ يەپ چوڭ  ئىچىش،  تاماقتىن كېيىن  ھەركەت  بولماسلىق سەۋەبىدىن  يوغان  قورساقلار تولىمۇ  كۆپ  كۆرىلىدۇ. سېمىزلىك  نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  شۇڭا،  ئورۇقلاشقا قارىغاندا  سېمىزلىكنىڭ  ئالدىنى ئېلىش  بىر  قەدەر مۇھىم.  

يول ماڭغاندا بېشىنى ئېگىپ مېڭىش

يول ماڭغاندا  بېشىنى  ئېگىپ مېڭىش  چارچاشنى  پەيدا  قىلىپلا  قالماستىن يەنە  ئۆپكە  ئىقتىدارىغا تەسىر  كۆرسىتىدۇ.

تۇرۇش ھالىتى توغرا بولماسلىق

ئىچكى ئەزالارنىڭ  ئورنىدا تۇرۇش  ھالىتىنىڭ  ئۆزگىرىشىگە  ئاساسەن  ئۆزگىرىش  پەيدا بولىدىغان  بولۇپ، تۇرۇش  ھالىتى توغرا  بولمىسا  ئىچكى ئەزا  سېستىمىسىنىڭ  نورمال مىتابولىزىمىغا  تەسىر يېتىدۇ.

  
ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا بولماسلىق

نۇرغۇن بويۇم  ئومرۇتقا  كېسەللىكى، مۆرە،  بەل  پۇت ئاغرىقلىرى ، ۋىنانىڭ  كېڭىيىپ  كېتىشى، كۆز  قىسمى  كېسەللىكىرىنىڭ  ھەممىسىنى خاتا  بولغان  ئولتۇرۇش ھالىتى  كەلتۈرۈپ  چىقارغان.

تۈگۈلۈپ  ئۇخلاش

يېتىپ  تۇرۇپ  تېلىۋېزور  كۆرۈش، كىرىسلودا  تۈگۈلۈپ  يېتىش، پاقىدەك  تۈگۈلۈپ  يېتىۋېلىش... بۇلارنىڭ  ھەممىسى  نەپەسنىڭ راۋان  بولماسلىقىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئىچكى  ئەزا،  موسكۇللارنىڭ يۈكىنى  ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ،  ئۇيقۇ سۈپىتىگە  تەسىر  كۆرسىتىدۇ.

قاراپ بېقىڭ،  بۇ  ناچار بولغان  تۇرمۇش  ئادەتلىرى سىزدە  بارمىكەن- يوقمىكەن.  ئەگەر بار  بولسا  دەرھال ئۆزگەرتىش  ئۈچۈن  ھەركەت قىلىڭ.



【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624