大数跨境
0
0

ئاددىي بولغان تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئاددىي بولغان تۇرمۇش ساۋاتلىرى aymehri
2018-04-27
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ئاچچىقسۇ ئائىلىلەردە سەي، تاماققا سالىدىغان، كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە بولۇپلا قالماستىن، تۇرمۇشىمىزدىكى بەزى كاشىلىلارنى ئوڭشاشتىمۇ ئىشلەيدۇ.

ئەۋرەز يولى توسۇلۇپ قېلىپ، راۋانلاشتۇرغۇچ بولمىغان ئەھۋالدا، يېرىم ئىستاكان سۇدا سۈيى بىلەن بىر ئىستاكان ئاچچىقسۇنى توسۇلۇپ قالغان ئەۋرەز يولىغا تۆككەندە ئىككىسى ئۇچرىشىپ كۆپۈك چىقىرىدۇ. كۆپۈك چىقىرىش توختىغاندىن كېيىن، سۇ قۇيسا توسۇلۇپ قالغان يەر ئېچىلىدۇ.

پىلاستىك ماگېنتلىق لىنتىدا قالغان نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىشتا، ئاق ئاچچىقسۇنى چاپلىشىپ قالغان نەرسىنىڭ ئۈستىگە تېمىتىپ قويسا، ئازراق ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ نەرسىلەر ئاسانلا چىقىپ كېتىدۇ.

ئەخلەت ساندۇقى:

ئەخلەت ساندۇقىدا ھېچ نېمە بولمىسىمۇ بىرخىل ئېچىغان، چىرىگەن پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. بىر پارچە بولكىنى ئاچچىقسۇغا چىلىغاندىن كېيىن ئەخلەت ساندۇقىغا بىر ئاخشام قويۇپ قويسىلا، ئىككىنچى كۈنى ئەخلەت ساندۇقىدىكى پۇراقلار يوقايدۇ.

پاكىزلاش تۈرىدىكىلەر:

بازاردىكى پاكىزلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى بەك كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. ھازىر، ئازراقلا تەدبىر قوللانساق ھەممىباب پاكىزلاش سويۇقلۇقىنى ياسىيالايمىز.

بىر بوتولكىغا 3/1 قىسىم ئاچچىقسۇ، 3/2 قىسىم سۇ قۇيۇپ تەكشى ئېلەشتۈرسەكلا يۇقىرى ئۈنۈملۈك پاكىزلاش سۇيۇقلۇقىنى تەييار بولىدۇ.

پۈرلىشىپ كەتكەن كىيىمنى ئوڭشاش:

كىيىم-كېچەكلەر ئىشكاپتا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە پۈرلىشىپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا بوتولكىغا بىر ئۈلۈش ئاچچىقسۇ بىلەن ئۈچ ئۈلۈش سۇنى قۇيۇپ، پۈرلىشىپ كەتكەن كىيىمگە پۈركۈپ، ئازراقلا شامالداتساق پۈرلىشىپ كەتكەن يېرى ئوڭشىلىدۇ.

گۈلنى ئۇزۇنغىچە يېڭى پېتى ساقلاش:

كىشىلەر گۈلنىڭ يېڭى تۇرۇش ۋاقتىنىڭ بەك قىسقىلىدىن بىئارام بولىدۇ. ئەنسىرىمەڭ، گۈل قاچىسىغا ئازىراق ئالما ئاچچىقسۈيى قۇيۇپ قويسىڭىزلا گۈلنى ئۇزۇنغىچە يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ.




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624