大数跨境
0
0

جەمئىيەتتە ياشاش ئۈچۈن، بۇ قائىدىلەرنى چوقۇم بىلمىسىڭىز بولمايدۇ

جەمئىيەتتە ياشاش ئۈچۈن، بۇ قائىدىلەرنى چوقۇم بىلمىسىڭىز بولمايدۇ aymehri
2018-03-30
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ



01

باشقىلارنىڭ قىلغىنىنىڭ ھەممىسى سىزگە خاتا تۇيۇلسا، دېمەك ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ خاتا.

02

يارىنىڭ  ئۈستىگە بىر  تامچە  ياشنى  ئېقىتقان  بىلەن  بىر  چىمدىم  تۇزنى  سەپكەننىڭ نەتىجىسى  ئوپئوخشاش.


03

كىشىلەرنىڭ  ھەسەت  قىلىدىغىنى  يات  كىشىلەر  قۇچقان  شان -شەرەپ   ئەمەس  بەلكى  ئەڭ  يېقىنلىرى  ئېرىشكەن نەتىجە.



04

تىك تۆت بۇلۇڭدەك  بولىۋالماڭ،  چەمبەردەكمۇ  بولىۋالماڭ،  چۈنكى  ئالدىنقىسى  باشقىلارنى  يارىلاندۇرۇپ  قويىدۇ،  كەينىدىكىسى  بولسا  يېقىنلىرىڭىزنى  سىزدىن  يىراقلاشتۇرىدۇ،  شۇنىڭ  ئۈچۈن  ئادەم  ئېللىپىستەك  بولىشى  كېرەك .


05

سىزنىڭ نەتىجىڭىز  باشقىلارنىڭ  قانچىلىك  ھەۋىسىنى  كەلتۈرگەن  بولسا،  سىزگە  شۇنچىلىك  ھەسەت  قىلىدىغان  كىشىلەرمۇ  شۇنچە  كۆپ  بولىدۇ.


06

باشقىلار  تەرىپىدىن  پايدىلنىپ  كېتىشتىن  قورقماڭ،  پايدىلىناي  دېسە  پايدىلانغۇدەك  يېرىڭىزنىڭ  بولماسلىقىدىن  قورقۇڭ.



07

سىز  نەتىجە  قازىنالمىغاندا  كۆزگە  كۆرۈنمەسلىك  سەۋەبىدىن  دوستىڭىز  بولمايدۇ،  سىز  نەتىجە   قازانغاندا  بولسا  سىزنىڭ  نەتىجىڭىز ئۇنىڭكىدىن  ياخشى  بولۇش  سەۋەبىدىن  دوستىڭىز  سىزدىن  يىراقلىشىدۇ. 


08

سىزگە  ئاسماندىن  قۇيماق  ياغقان  ۋاقىتتا،  شۇ  ئېسىڭىزدە  بولسۇن،  يەردە  بىر  توزاق  سىزنى  ساقلاۋاتىدۇ. 


09

كىشىلەر  ئۆتكۈزىدىغان  ئەڭ  چوڭ  خاتالىق  مېھىر - مۇھەببىتىنى  يات  كىشىلەرگە،  قەھىر  - غەزىپىنى  بولسا  ئەڭ  يېقىىن  كىشىلىرىگە  بېرىشىدۇ. 



10

باشقىلارنىڭ  سىزگە  قانداق  باھا  بېرىشى  بىلەن  ھېساپلىشىپ  ئولتۇرماڭ،  ئەكىسچە  يۈرىكىڭىزنى  تۇتۇپ  بېقىپ ئويلىنىڭ :  ئۆز  ۋاقتىدا  مەن  ئۇنىڭغا  قانداق  باھا   بەرگەن ؟


11

ئۆزىنى  دۇنيادا  بىر  دەپ  قارايدىغان  بەزى  كىشىلەر،  ياسالمىلىققا  كەلگەندىمۇ  دۇنيادا  بىر  بولىدۇ.


12

كىشى  كەينىدىن  قىلىنغان  سۆز -چۆچەك  خۇددى  سۇ  ئۈستىگە  يېزىلغان  خەتكە  ئوخشايدۇ:  ئۇزاق  ۋاقىت  تۇرالمايدۇ،  لېكىن  تېز  تارقىلىدۇ.



13

نا  ئۇستا  ئۇستىدىن  قورقىدۇ،  ئۇستا  كامالەتكە  يەتكەندىن  قورقىدۇ،  كامالەتكە  يەتكەن  بولسا  قىلدىن  كېتىش  سەۋەبىدىن  قېرىقتىنمۇ  كېتىشتىن  قورقىدۇ.


14

سىزنىڭ  قايغۇڭىزدىن  خۇشاللانغان  ئادەم ــدۈشمەن؛سىزنىڭ  خۇشاللىقىڭىزدىن  خۇشاللانغان  ئادەم  ــ  دوست؛ سىزنىڭ قايغۇڭىزدىن  قايغۇرغان  ئادەم ـــ  سىز  چىن  يۈرىكىڭىزدىن  چىقىرىپ  مۇئامىلە  قىلىشقا  تېگىشلىك  ئادەم .


15

سىزنى  ئەخمەق قاتارىدا   كۆرۈپ  مۇئامىلە  قىلغان  كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ  ساق  بولىشىغا  ئانچە  ئىشىنىپ  كەتمىسىڭىزمۇ  بولىدۇ. 


16

پەقەت  سىز   ئۆزىڭىزنى  زىيان  تارتمىدىم  دەپ   قارىغانلا  بولسىڭىز،  باشقىلارنىڭ  سىزدىن  پايدا  ئېلىپ  كەتكەن  بولىشى  ناتايىن . 

     








【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624