大数跨境
0
0

بوۋاقنىڭ ئويغانغاندىكى تۇنجى ئىنكاسىدىكى سىرلارنى بىلەمسىز

بوۋاقنىڭ ئويغانغاندىكى تۇنجى ئىنكاسىدىكى سىرلارنى بىلەمسىز aymehri
2018-10-21
2
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭئانا بولغۇچى بوۋىقىدىكى ھەربىر


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

ئانا بولغۇچى بوۋىقىدىكى ھەربىر ئۆزگىرىش ۋە ھەربىر ئىنكاسقا دىققەت قىلىدۇ، بولۇپمۇ بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. بەزى ئانىلار بوۋىقىنىڭ ئويغانغاندا جىدەل قىلماي، خۇشال-خۇرام ئويناقشىپ تۇرغىنىنى كۆرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ناھايىتى نورمال بىر ئىش، بوۋىقىنىڭ بۇنداق خۇشال ئويغانغانلىقىنى كۆرگەن ئانا بالىسى بىلەن تەڭلا شادلىققا چۆمىدۇ. بىراق بەزى بوۋاقلار ئويغانغاندا يىغلاپ ھۇجرىسىنى بېشىغا كىيىدۇ، ئاتا-ئانىسى كېلىپ ئۇنى قولىغا ئېلىپ بەزلىمىگىچە يىغىسى توختىمايدۇ. ئەمدىلا ئانا بولغان لى لى قىرقىدا بالىسى بىلەن بىللە ئۇخلىغان. نەچچە كۈن ئاۋال لى لى بالىسىنىڭ ئويغانغاندا يىغلاپ توختىمايدىغانلىقى، بەزلەپ ئويناتقاندىن كېيىن يىغىدىن توختايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما يېقىندىن بۇيان بالىسى ئويغىنىپ غەلۋە قىلمايلا ئۇياق-بۇياققا ئۆمىلەپ، ئويناپ يۈرگەن. بۇنداق بولسىغۇ ياخشى ئىش، ئەمما لى لى ئويلىغانسېرى غەلىتىلىك ھېس قىلغان. بوۋاقلار ئويغانغاندا يىغلاپ غەلۋە قىلسا نورمال ئىش ھېسابلىنىدىكەن، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ بوۋىقىنىڭ بۇنچە ياۋاشلىقىنى، يەنە تېخى ئويغىنىپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ ئوياناپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ بالىسىنى ئاغرىپ قالغانمىدۇ، دەپ گۇمان قىلغان. ئۇ دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن بالىسىنىڭ ئىنتايىن نورمال ئىكەنلىكىنى، ئەنسىرىشىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ھەربىر بوۋاقنىڭ بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمايدىغان بولۇپ، ئۇخلاپ ئويغانغاندىكى ئىنكاسىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن. ئەمەلىيەتتە بوۋاقنىڭ ئۇخلاپ ئويغانغاندىكى تۇنجى ئىنكاسىغا نۇرغۇن سىرلار يوشۇرۇنغان ئىكەن. ئانىلار بۇنى بىلەمسىلەر؟

1.ئويغىنىپلا غەلۋە قىلماي، ئەتراپنى كۆزىتىش

ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى مىسالدىكى لى لىنىڭ بالىسىغا ئوخشاش ئويغانغاندىن كېيىن يىغلاپ غەلۋە قىلماي، ئەتراپنى كۆزىتىدىغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسى بىر قەدەر ھەرىكەتچان تېتىك ھالەتتە بولغاچقا، ئويغانغاندىن كېيىنكى ئىنكاسى مانا مۇشۇنداق ئەتراپنى كۆزىتىش بولىدىكەن. ئانىلار دىققەت قىلىپ باقسا بولىدۇ، ئەگەر بوۋىقىڭىز يىغلىماي، كۆز قارىچۇقىنى ئۇيان-بۇيان ھەرىكەتلەندۈرسە، بۇ دەل بوۋىقىڭىزنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئەتراپنى كۆزىتىۋاتقانلىقى ئىكەن. بۇنداق بوۋاقلار ئادەتتە مىجەز-خاراكتېر جەھەتتە ئېغىر-بېسىق، تەپەككۇر قىلىشقا ئامراق كېلىدىكەن. ئەلۋەتتە، يەنە بەزى بوۋاقلار قارىماققا ئويغىنىپ ئەتراپنى كۆزەتكەندەك قىلسىمۇ، بىر دەمدىن كېيىن يەنە ئۇخلاشقا باشلايدىكەن. شۇڭا بوۋىقىڭىزدا بۇنداق ئالامەت كۆرۈلسە، بوۋىقىڭىزنى ئويغىتىۋېتىشكە ئالدىرىماڭ، ئادەتتە بوۋىقىڭىز ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇيقۇ ھالىتىگە ئۆتۈپ بولغان بولىدىكەن.

2.ئويغانغان پېتى يىغلاپ توختىماسلىق

ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ ئويغىنىپلا يىغلاپ غەلۋە قىلىشىنى نورمال ھادىسە، دەپ قارايدۇ، ھەقىقەتەنمۇ بوۋاقلاردا ئويغانغاندىن كېيىن يىغلاپ غەلۋە قىلىدىغان ئادەت بار. بۇ، بوۋاقلارنىڭ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقى ياكى تەرىتى قىستىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغانلىقى ئىكەن. لېكىن بوۋاق بۇ ئىككى سەۋەبتىن باشقا سەۋەب بىلەن يىغلاپ غەلۋە قىلسا، بوۋاقتا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكى، ئانىسىغا زىيادە تايىنىشچانلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق يىغلاش ئارقىلىق ئانىسىنى ئۆزىگە قاراتماقچى بولغانلىقى، يەنى ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇنداق بوۋاقلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتى بىرقەدەر سەزگۈر ئىكەن. ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇنداق بالىغا ھەمراھ بولۇشنى بىلىشى، بوۋاقنىڭ قەلبىدىكى كەم تەرەپلەرنى تولۇقلاشقا ماھىر بولۇشى، پۈتۈن مۇھەببىتىنى بېرەلىشى كېرەككەن. بۇنداق يىغلاڭغۇ بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئاتا-ئانا بولغۇچى ھەرگىزمۇ قولىغا ئېلىشقا ئالدىرىماي، ئويۇنچۇق ئارقىلىق بالىنى بەزلەپ، تەمكىنلىك بىلەن يېنىك ئاۋازدا پاراڭلىشىپ بېرىشى، بوۋاقنىڭ دۈمبىسىنى يېنىك ئۇرۇپ بېرىشى كېرەككەن، مانا مۇشۇنداق بالا بىلەن ئىللىقلىق ئورنىتالىغاندىلا بوۋاق تېزلا ئۇيقۇغا كىرىشەلەيدىكەن.

3.ئويغانغاندىن كېيىن جىممىدە يېتىپ ئەتراپتىكى مۇھىتنى ھېس قىلىش

بەزى ئانىلار باشقا ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، قولىدىكى ئىش تۈگىگەندە «بالامغا قاراپ باقايچۇ» دەپ قېشىغا كەلگەندە،ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن ئويغىنىپ قولىنى شوراپ ياتقانلىقىنى كۆرىدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا بالىسىنىڭ كارىۋات ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى كۈچەپ تارتىپ ئويناۋاتقانلىقى ياكى پۇتى بىلەن تېپىشلەپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ خۇشلۇقىدا كۈلۈپ كېتىدۇ ۋە ئامراقلىقى كېلىپ كۆتۈرۈۋالىدۇ. ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ بالىنى كۆتۈرۈۋېلىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى بۇنداق قىلسا بالىنىڭ ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى كۆزىتىش، ھېس قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى شۇنى بىلىش كېرەككى، بوۋاقلار ئۆزىدىكى كۆزىتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئەتراپتىكى مۇھىتنى ھېس قىلىۋاتقاچقا مۇشۇنداق قىلىدۇ، مېڭىسىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى دەل ئاشۇنداق تېزلىكتە ئەركىن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولىدۇ. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ بالىڭىزغا دەخلى قىلماڭ، ئويغانغاندىن كېيىن يىغلىماستىن مۇشۇنداق ئىپادە بىلدۈرگەن بالىلار چوڭ بولغاندا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئەقىللىق بولىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بوۋاقلارنىڭ ئويغانغاندىن كېيىنكى ئىپادىلىرى ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، شۇڭا ئانىلار چوقۇم ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ بىر قىسىم خۇراپىي كۆز قاراشلارغا ئاساسەن بالىڭىزغا مۇئامىلە قىلماڭ، دەخلى قىلماڭ. ئۇنداقتا، قېنى دەپ بېقىڭچۇ، سىزنىڭ بوۋىقىڭىز ئويغىنىپ نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟

 


【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读315
粉丝0
内容624