

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
پېشانە قىسىمدا ئاق چاچ بولسا تال ئاشقازاننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.پېشانە قىسىمنىڭ ماس رايونى تال ئاشقازان بولۇپ، ئادەمنىڭ تال ئاشقازىنى ياخشى بولمىسا داۋاملىق قورسىقى كۆپۈش، ئاغرىش، ئاشقازىنى ئېچىشىش،پۇت –قولى مۇزلاش، يەنە بەزى كىشىلەردە ئېغىزى پۇراش، ئىشتىھاسى زىيادە ئېچىلىپ كېتىش، ياكى پۇت –قولى ئىششىپ قېلىش، ئاشقازىنى سوۋۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. تال ئاشقازانغا نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ بارغاندا پېشانە قىسىمدىكى ئاق چاچنىڭ ئازىيىشىغا پايدىسى بار.
ئىككى چېكىدە بولسا جىگەرنى ئىسسىق قاپلاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ. ئىككى چېكىنىڭ ماس رايونى بولسا جىگەر. جىگەرنى ئىسسىق قاپلاپ كەتكەن، مىجەزى ئىتتىك، ئاسان ئاچچىقلايدىغان كىشىلەردە داۋاملىق ئاغزى قۇرۇيدىغان، ئاغزى ئاچچىق بولىدىغان، كۆزى ئېچىشىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى جىگەرنى ئىسسىق قاپلاپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ. داۋاملىق داۋاملاشسا تال ئاشقازانغىمۇ زىيىنى بار.
باشنىڭ كەينى تەرىپىدە ئاق چاچ كۆپ بولسا بۆرەكتە مەسىلە چىققانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئارقا مېڭىنىڭ ماس رايونى دوۋساق بولۇپ، دوۋساقتا مەسىلە بار كشىلەردە سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولۇش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، كىچىك تەرىتى راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىللەر كۆرۈلىدۇ. چۈنكى دوۋساقنىڭ ئاساسلىق فونكىيىسى سۈيدۈك ساقلاش ۋە سۈيدۈكنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىش. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر سۈيدۈكنى قىسىۋالسا ياخشى بولمايدۇ. دوۋساقنىڭ سۈيدۈكنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش فونكىيىسى بىلەن بۆرەكنىڭ چېكىنىشىنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار.








