

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىرىنجى: پەلەمپەيدىن چىقىپ سىناش. بىر قەدەمدە ئىككى پەشتاق مېڭىپ، 5-قەۋەتكە تېز چىقالىسا سالامەتلىكنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىر پەشتاق –بىر پەشتاقتىن مېڭىپ، 5- قەۋەتكە چىققۇچە ھاسىراپ كەتمىسە سالامەتلىكىنىڭ ھەر ھالدا ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر 3- قەۋەتكە چىققۇچە ھېرىپ دېمى تۇتۇلۇپ كەتسە بەدىنىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنىڭ بېشارىتى.
ئىككىنجى: چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئاندىن قىسىۋېلىش. بۇنىڭدا چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ئاندىن نەپەسنى قىسىۋېلىش كېرەك. ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى. ئاندىن نەپەسنى ئاستا قويۇپ بېرىش كېرەك. نەپەسنى قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئۈچ سېكونتتىن يۇقىرراق بولسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ. نەپەسنى قىسىۋېلىش ۋاقتى 20 ياشلىق كىشىلەرنىڭ بىر يېرىم مىنۇتتىن ئىككى مىنۇتقىچە، 50 ياشلىق كىشىلەرنىڭ 30 سېكونت ئەتراپىدا بولسا سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. نەپەس قىسىش ۋاقتى قانچە قىسقا بولسا ئۆپكە سىغىمچانلىقىنىڭ شۇنچە كىچىك ئىكەنلىكىنى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ شۇنچە ناچارلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئۈچىنجى: نەپەس ئېلىش رىتىمىنى ىسناش. تۆۋەندىكى رىتىم سانى ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى بولغان رىتىم سانى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كۆپ ياكى ئاز بولسا ئەھۋالىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. 20ياشلىقلارنىڭ مىنۇتىغا 34قېتىمدىن 40 قېتىمغىچە، 40 ياشلىقلارنىڭ مىنۇتىغا 20-30 قېتىمغىچە، 50 ياشلىقلارنىڭ مىنۇتىغا 15-20 قېتىمغىچە، 60 ياشلىقلارنىڭ مىنۇتىغا 10-20 قېتىمغىچە بولسا بولىدۇ.






