

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
تارقىتىپ قويۇڭ | سىن قويغاندا ئاستىنى بىسۋەتسىڭىز قىتىۋالمايدۇ
ئەگەر ھايات قايتىلانسا ، سىزنى ئەمدى ھەرگىز سۆيمەيمەن ، چۈنكى مىنىڭ سۆيگۈم سىزنى بەكلا چارچىتىۋەتتى ، سىزنىڭ سۆيگۈڭىز مىنى قەرىزدار قىلىپ يۈرەكلىرىمنى لەختە – لەختە قىلىۋەتتى.
يىگىتنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ ، ئالىي مەكتەپنى ئاساسەن ئۆزى ئىشلەپ تاپقان پارچە –پۇرات پۇللار ۋە بەزىدە ئامالسىزلىقتىن قان سېتىپ پۇللىرى بىلەن ئوقۇپ تاماملىغان ئىدى .
قىز شەھەرلىك بولۇپ ئائىلىسى ئىنتايىن باياشات ئىدى ، ئۆيلىرىدە خىزمەتكارلار بار ئىدى. قىز بىرىنجى قېتىم يېزىغا بارغاندا ھەتتا بۇغداي بىلەن كۈدىنى ئايرىيالمايتتى .
يىگىت تۇنجى قېتىم قىز بىلەن مەكتەپ مەيداندا ئۇچىراشقان بولۇپ ، شۇ ۋاقىتتا شۇ بىر دەقىقىدە يىگىت قىزنىڭ يۈرىكىگە مەھكەم ئورناپ كەتكەن ئىدى .
تۆت يىللىق مۇھەببەتتىن كىيىن قىز ئۇنىڭغا ئۆلگىدەك چىڭ يېپىشقان بولۇپ ئاتا-ئانىسىنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يېزىغا توي قىلىپ كەتكەن ئىدى.
ئۇزاق ئۆتمەي قىز ھامىلدار بولدى ، ئۇنىڭ سېزىكى ئىنتايىن يامان بولۇپ توختىماي ياندۇراتتى.
يىگىت بۇ ھالنى كۆرۈپ تاققا بېرىپ ئۇنىڭغا تاغ ئۈرۈكى ئۈزۈپ كەلمەكچى بولۇپ چىقىپ كەتتى ، ئويلىمىغان يەردىن يىگىت ئېھتىياتسىزلىقتىن تاغدىن سىيرىلىپ كەتتى ، مۇشۇ بىر يىقىلغانچە يىگىت پالەچ بولۇپ قالدى .
قىز دائىم ئەگەر ئۇ تاققا بارمىغان بولسا بۇنداق بولۇپ قالمايتتى دەپ ئويلايتتى ، لىكىن بۇ تۇرمۇشتا ئەگەر دەپ گەپ بولمايدۇ ...
شۇنداق قىلىپ ئائىلىدىكى بارلىق ئېغىرچىلىق قىزغا يۈكلەنگەن ئىدى ، بۇ ھالنى بىلىپ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇنى ئېلىپ كىتىش ئۈچۈن كەلدى ، لىكىن قىز كەتكىلى ئۇنىمىدى ، لىكىن بۇ ھالدا كىممۇ بۇ بىر جۈپلەرنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالىسۇن ، لىكىن قىز مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى كىتىش پۇرسىتىنىمۇ رەت قىلدى .
يىگىتكە كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن قىز ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىللىرىنىمۇ سېتىۋەتتى ، ئاتا- ئانىسى بەرگەن پۇللارنىمۇ ئىشلەتتى .شۇنداق قىلىپ بۇلار بۇ كىچىك يېزىدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىدى ، قىز بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى ، يىگىت پالەچ بولۇپ قالغاندىن كىيىن ئۆيىدە يېتىپ بىر نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلاتتى .شۇنداق شارائىتتا قىزنىڭ شەھەرلىك سۈپىتى ، ھالى پۈتۈنلەي يوقالغان ئىدى ، ئۇ ئەڭ ئەرزان نەرسىلەرنى كىيەتتى ، كىچىك سودا – سېتىقتىمۇ باھا تالىشىپ تۇرۋالاتتى .
دوختۇر قىزغا يولدىشىنىڭ قايتا ئورنىدىن تۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى ، لىكىن قىز قەتتىي ۋاز كەچمەي يولدىشىغا ئۇۋلاپ بىرىشنى داۋاملاشتۇردى ، قىز يولدىشىنىڭ ئۆرە تۇرىشىنى ئۈمىد قىلمىسىمۇ ، لىكىن يولدىشىنىڭ پۇتىنىڭ پەيلىرىنىڭ كىرىشىپ كەتمەسلىكىنى تىلەيتتى ، كۆزنى يۇمۇر ئاچقۇچە 10 يىل مۇشۇنداق ئۆتۈپ كەتتى.
قىز 35 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ بىر دوختۇرنىڭ يىڭنە سانجىپ داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى ئاڭلاپ يولدىشىنى بىر قول ھارۋىسىغا سېلىپ دوختۇرنىڭ قېشىغا ئېلىپ ماڭدى. قار –شىۋرىغانلاردا قىز بەدىنىنى ئىگىپ ھارۋىنى ناھايىتتى تەسلىكتە سۆرەيتتى. يىگىت كۆز ئالدىدىكى ئايالىنىڭ ئىگىلگەن سىماسىغا قاراپ ئۈنسىز يىغلىدى ھەم كۆڭلىدە" ئەگەر ھايات قايتىلانسا ، سىزنى ئەمدى ھەرگىز سۆيمەيمەن ، چۈنكى مىنىڭ سۆيگۈم سىزنى بەكلا چارچىتىۋەتتى " دەپ يۈرەكلىرى ئازاپ تىن ئېچىشىپ كەتتى .
ھەممە ئادەم ھاياتنىڭ يەنە بىر قايتىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ، لىكىن يىگىت ھايات قايتا كەلسە ئەمدى ھەرگىز ئۇنى سۆيمەسلىكنى ئۈمىد قىلدى .
مۆجىزە بىر يىلدىن كىيىن يۈز بەردى ، يىگىتنىڭ پۇتىدا سېزىم پەيدا بولۇشقا باشلىدى ، ئاستا –ئاستا يىگىت ئۆرە تۇرۇپ ماڭالايدىغان بولدى .ياخشى ئىشلار قوشلاپ كىلىشكە باشلىدى ، يىگىت يازغان ماقالە خەلىقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى ، نۇرغۇن كىشلەر كىلىپ ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى ، يىگىتمۇ ھەر يانغا چېپىپ لىكسىيە سۆزلەشكە باشلىدى .
ئۇ ئۆزىنىڭ پالەچ ئۆتكەن ھاياتىنى ھەم ئۆزىنى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئارقىسىدىكى قەيسەر ئايالنى سۆزلەپ باشقىلارنى ئىلھاملاندۇراتتى .شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، فىرانسىيە تەرەپ ئۇنى ئۈچ يىللىق لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى ، بۇ ۋاقىتتا يىگىت ئىككىلەندى ، لىكىن قىز قەتتىي تۈردە ئۇنىڭغا بېرىش كېرەكلىكىنى بۇنىڭ تېپىلماس ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .
بۇ ۋاقىتتا 36 ياشلىق بۇ ئايال ھەقىقەتەن تۇرمۇشنىڭ جاپالىرىدا قېرىشقا باشلىغان ئىدى ، چاچلىرىغىمۇ ئاق كىرىپ ، يۈزلىرىدە قورۇق پەيدا بولغان ، بەدەن شەكلى ئۆزگەرگەن ئىدى.
فىرانسىيە ! نىمىدىگەن رومانىتىك دۆلەت ، گۈزەللەر توپلاشقان ، ئازدۇرۇش ئىنتايىن كۆپ بىر جاي ئىدى ، نۇرغۇن كىشلەر قىزغا يولدىشىنىڭ نىيتىنىڭ بۇزۇلىشىدىن ئەنسىرمەمسىز دەپ سورىسا ئۇ پەقەت كۈلۈپ قويۇپ :"بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز شۇنچە جاپالارنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرغىچە شۇنچە مۇستەھكەم تۇرۇپتۇ ، ئەگەر مۇشۇنچىلىك ئىش ئۈچۈن مۇھەببىتىمىز بۇزۇلسا ، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى چوقۇم مۇھەببەت ئەمەس " دەپلا جاۋاپ بېرەتتى .
ئۈچ يىلدىن كىيىن يىگىت ئۆز ۋاقتىدا قايتىپ كەلدى ، بېيجىڭدىن ئۆي ئالدى ، بىرىنجى بولۇپ ئايالىنى شەھەرگە ئەكىلىۋىلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قاراپ ماڭدى ، ئۇ ئايالىغا بىر خوشاللىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قاچان قايسى پويىزدا كېلىدىغانلىقىنى دىمىگەن ئىدى ، كىم بىلسۇن ئۇ پويىزدىن چۈشۈپلا ئۆزىنى ساقلاۋاتقان ئايالىنى كۆردى ، ھەم ھەيرانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا كېلىدىغانلىقىنى قانداق بىلگەنلىكىنى سورىدى ، ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ :"بېيجىڭدىن كەلگەن ھەر بىر قېتىملىق پويىزنىمۇ قولدىن بېرىپ قويماي بۇ يەردە ساقلاۋاتقىنىمغا نەچچە كۈن بولدى "دىدى ، يىگىتنىڭ كۆزىدىن ئىغتىيارسىز ياش سىرغىپ چۈشتى ھەم ئايالىنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ :" ئەگەر ھايات قايتىلانسا ، سىزنى ئەمدى ھەرگىز سۆيمەيمەن ، چۈنكى مىنىڭ سۆيگۈم سىزنى بەكلا چارچىتىۋەتتى ، سىزنىڭ سۆيگۈڭىز مىنى قەرىزدار قىلىپ يۈرەكلىرىمنى لەختە – لەختە قىلىۋەتتى "دىدى .
ئايال ئۇنىڭغا قاراپ :"مۇھەببەت ئەزەلدىن ئاچچىق بولىدۇ ، ئەگەر مۇھەببەتنى نىلوپەر گۈلى دىسەك ، ھەقىقىي مۇھەببەت چوقۇم ئۇنىڭ گۈل بەرگى ، پەقەت ئاچچىقلىقى بەرگىگە يەتكەندە ئاندىن ئەڭ گۈزەل نىلوپەر ئېچىلىدۇ " دىدى .
























