

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىرىنجى : ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كىشىنى باتۇرلۇق بىلەن قوغلىشاتتىم، ھەرگىز توخۇ يۈرەكلىك قىلمايتتىم
ئىككىنجى : ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتەپ مۇدىرى ياكى سىنىپ مەسئۇلىنى تېپىپ ئوبدان پاراڭلىشاتتىم
ئۈچىنجى : يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقان كىشىگە كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلاتتىم، بۇنىڭدىن كېيىن ئادەتتىكى دوستلاردىن بولۇش-بولالماسلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر.
تۆتىنجى : ئۈچ كېچە -كۈندۈز كارۋاتتىن چۈشمەي ئۇخلايتتىم
بەشىنجى : بار ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ يىغلىۋالاتتىم
ئالتىنجى : ئادەم يوق كوچىدا ئاۋازىمنى بولىشىغا قويىۋېتىپ ناخشا توۋلاپ ماڭاتتىم.
يەتتىنجى : بولىشىغا يەپ -ئىچەتتىم.
سەككىزىنجى : بىر چېلەك سۇنى ئېلىپ بېشىمدىن قۇياتتىم ، بىرلا ئېغىز سۆز :پەچەت
توققۇزىنجى : تورخانىغا بېرىپ ھەپتە ئىچىدىن چىقماي تورغا چىقاتتىم
ئونىنجى : ئالدى -كەينىمگە قارىمايلا ساياھەتكە چىقاتتىم، ھەمراھ بولىدىغان ئادەم بولمىسىمۇ مەيلىتى.
ئون بىرىنجى : مېنى بوزەك قىلغانلارنى ئالدىمدا تىزلاندۇرۇپ قويۇپ تۆۋەنامە يازغۇزاتتىم
ئون ئىككىنجى : تۇيۇقسىز يوقاپ كېتەتتىم، بىر ھەپتە...ياكى بىر ئاي...بېرىپ ئۆزۈم قىلىشنى خالايدىغان ئىشلارنى قىلاتتىم.
ئون ئۈچىنجى : تاغ چوققىسىغا كۈچۈمنىڭ بارىچە يامىشاتتىم، چىقىپ تاغ چوققىسىكى شامالنىڭ يەلپۈشىدىن ھۇزۇرلىناتتىم.
ئون تۆتىنجى : يامغۇردا چىلىشىپ باقاتتىم، ئەتىسى ئاغرىپ قالساممۇ مەيلى، جىسمىم روھىم ئازراق ئارام تېپىپ قالىدىغانلا ئىش بولسا
ئون بەشىنجى : ياخشى كۆرگەن ئادىمىمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ كۈن چىققاندىن كۈن پاتقۇچە بىللە ماڭاتتىم.
ئون ئالتىنجى : ئۇنىڭغا شۇنداق دەيتتىم : قايتىپ كەل، مەن ھېلىھەم سېنى ياخشى كۆرىمەن
سىزچۇ، ئەگەر سىزنى ئۆز مەيلىڭىزگە قويۇپ بەرسە سىز قانداق
قىلىشنى تاللىغان بولاتتىڭىز؟
ئىنكاس رايونىدا كۆرىشەيلى





















ئىنكاس رايونىدا كۆرىشەيلى
