大数跨境
0
0

سۇنى بۇنداق ئىچسىڭىز يىگىرمە ياش ياشىرىسىز

سۇنى بۇنداق ئىچسىڭىز يىگىرمە ياش ياشىرىسىز aymehri
2018-10-14
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ





ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

سۇنى بۇنداق ئىچسىڭىز 20 ياش ياشىرىسىز...

سۇ ئىچىش،بىزنىڭ ھەر كۈنلۈك تۇرمىشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىش.بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ياز پەسلىدە،ناھايىتى ئاسانلا ئىغىز قۇرۇپ قالىدۇ،شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك سۇ ئىچىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز..

بۇنىڭدىن باشقا، ئىچىدىغان سۈيىمىزگە ئاز مىقداردا تۆۋەندىكى نەرسىلەردىن سىلىۋەتسەك، سالامەتلىكىمىزگە تىخىمۇ پايدىسى بار.تۆۋەندە سىلەرگە سۇنى قانداق ئىچسە تىخىمۇ ياخشى بولدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمىز.

 سۇ ئىچىشنىڭ بەش چوڭ رولى

 فىگورىڭىزنى ساقلاپ قالىدۇ

سۇ ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئادەمگە  تويۇپ كەتكەندەك تەسىر بىرىدۇ.ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان ئىچىملىك ئورنىغا سۇ ئىچسە تىخىمۇ ياخشى، تاماقتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچكەندە ئاسانلا تويغاندەك ھىس قىلىسىز.ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ سۇ ئىچىش مىتابولىزىم ھەركىتىنى تىخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.بولۇپمۇ مۇزدەك سوغۇق سۇ ئىچىش، چۈنكى تىنىمىز بۇ سوغۇق سۇنى ئىسسىتىش ئۈچۈن ،مەلەم ئىنىرگىيە سەرپ قىلىدۇ.

ئىنىرگىيەنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ

ئەگەر ناھايىتى چارچاش ،ئۆزىڭىزنى قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلسىڭىز، بۇ سۇسىزلىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالامەت، بۇنداق چاغدا دەرھال سۇ تولۇقلاش كىرەك.يىتەرلىك سۇ مىقدارى بولغاندا، يۈرەكنىڭ ھەركىتى تىخىمۇ جانلىق بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەندىكى سۇ قاننىڭ  ئوسىگىن ۋە باشقا ھۆجەيرىلەرنى توشىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

 بىسىمنى يەڭگىللىتىدۇ

ئادەم بەدىنىنىڭ %70~%80 سۇدىن تەركىب تاپقان.ئەگەر سۇسىزلىنىش يۈز بەرسە،بەدەن ۋە چوڭ مىڭە بىسىم ھىس قىلىدۇ.ئۇسسىغانلىقنى ھىس قىلغىنىڭىز بەدىنىڭىزدە مەلۇم مىقداردا سۇسىزلىنىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.شۇڭا سۇسىزلىنىشتىن كىلىپ چىققان بىسىمنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، ئىشخانىڭىزغا ئىستاكاندىن بىرنى قويۇپ قويۇش ياكى ئىلىپ يۈرۈش كىرەك.

 مۇسكۇلنى كۈچەيتىدۇ

مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ئىچىپ بەرگەندە مۇسكۇلنىڭ تارتىشىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ، سۈڭەك بوغىمىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ.بەدەندە يىتەرلىك سۇ بولغاندا، ھەركەتنى ياخشى ۋە ئۇزۇن قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا گۈزەل بەدەنگە ئىرىشىشمۇ تەس ئەمەس.

 تىرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ

سۇسىزلانغاندا،تىرىدىكى ئىنچىكە قورۇقلار سۇسلىشىدۇ. سۇ تەبئىي گۈزەللىك ساقلىغۇچى، سۇ  تىرە ھۆجەيرىلىرىنى يىتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەپ، ئادەمنى تىخىمۇي تاش كۆرستىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تىرىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى تازلاپ، قان ئايلىنىشنى ئىگىرى سۈرۈپ،تىرىنى تىخىمۇ پارقىراق قىلىدۇ.

ئەگەر ئىچىۋاتقان سۈيىڭىزگە تۆۋەندىكى بەش خىل نەرسىنى قوشسىڭىز ئۈنىمى تىخىمۇ ياخشى.

سۇغا قوشىدىغان بەش خىل يىمەكلىك


 ئاش تۇزى

ئاش تۇزى تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تەم تەڭشىگۈچ،مەيلى نىمىلا تاماق ئىتىڭ،ئەگەر تۇز سالمىسىڭىز تەمى بەكلا تەمسىز بولىدۇ،تۇز پەقەت تاماق ئىتىشكىلا ئىشلىتىلمەيدۇ.سۇغا ئازراق تۇز قوشساق، ياسىغان تۇزلۇق سۈيىمىزنىڭ سالامەتلىكىمىزگە ناھايىتى چوڭ پايدىسى بار.

جۇڭيى تېبابىتىدە تۇز ناھايىتى ياخشى ياكتىرىيە ئۆلتۈرگۈچ  دەپ قارىلىدۇ.ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇس تۇزلۇق سۇ ئىچكەندە، ئىغىز بوشلىقىدىكى باكتىريىلەرنى يوقۇتۇپ، ئىغىز بوشلىقىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ،ھەمدە ئاشقازاننىڭ لۆمىلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ،زەھەرنى ھەيدەپ، قەۋزىيەتنى ئوڭشايدۇ.

 ھەسەل

ھەسەل تۇرمىشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان قۇۋۋەت يىمەكلىكى، يىيىشلىك ھەم قۇۋەتلىك . كەچلىكى ئازراق ھەسەل يەپ بەرگەندە ئۈنىمى ناھايىتى ياخشى.سۇغا بىر قوشۇق ھەسەل قوشۇپ ئىچكەندە ، ئىچىشلىك بولۇپلا قالماي ئەڭ موھىمى ھەسەل تەركىبىدىكى قۇۋۋەت سۇدا ئىرىپ، بەدەنگە سۈمۈرلىشى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەچتىكى ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس، نورمال ۋاقتىدا ئۇخلىيالمايدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەسەل سۈيى ئىچىپ ياتقاندا قان بىسىمنى تەڭشەپ،نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ،يۈرەكنى ئاسرايدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.

 ئاچچىق كاۋا

ئاچچىق كاۋا بىزگە ناتونۇش ئەمەس،تەمى قىرتاق.لىكىن بىلىشىمىز كىرەككى ئاچچىق كاۋىنىڭ سالامەتلىكىمىزگە ناھايىتى چوڭ ياردىمى بار. ئاچچىق توغراپ ، سۇغا چىلاپ سۈيىنى ئىچكەندە، ئۈنىمى ئالاھىدە ياخشى. 

 ئاچچىق كاۋا تەركىبىدە ناھايىتى مول بولغان ۋىتامىن C بولۇپ، دەملەپ ئىچكەندە بەدەنگە ۋىتامىن C تولۇقلىغىلى بولىدۇ،بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ،بەدەننىڭ كىسەللىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.ھەمدە ئۈنۈملۈك بولغان زەھەر قايتۇرۇش رولىمۇ بار،ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ،مەيلى قايسى پەسىل بولسۇن، بۇنى ئىچىپ بەرگەندە، زەھەر قايتۇرۇش ئۈنىمى بەك ياخشى.

ئالىقات 

ئالىقات بولسا بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان دورىلىق ئۆسۈملۈك.نۇرغۇن كىشىلەر قۇرۇق ئالىقاتنى چايناشنى ياخشى كۆرىدۇ،چۈنكى ئۇ تاتلىق ھەم يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتى بار،شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر بىكار چاغلىرىدا نەچچە تال ئالىقاتنى ئىغىزىغا سىلۋىلىپ ئالدىرماي چايناشنى ياخشى كۆرىدۇ.ئالىقاتنى سۇغا دەملەپ ئىچكەندە ،ئۈنىمى قۇرۇق چاينىغاندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.ئالىقات تەركىبىدىكى قەنىتنىڭ جىگەر يۈرەكنى ئاسراش رولى بار، ھەم يەنە قان زەردابى گلۇتامىك پرۇۋىك ترانسىئامىنازانى تۆۋەنلىتىپ، جىگەرنىڭ نورمال خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

لېمون

ھەممىمىزگە ئايان، لېمون ئەلا سۈپەتلىك تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورا، لېمون سۈيى تەييارلاش ناھايىتى ئاددىي، پەقەت لىمۇننى كىسىپلا سۇغا سىلىپ نەچچە سائەتتىن كىيىن ئىچسە كۇپايە.

 قانداق سۇنى ئىچىشكە بولمايدۇ

 قاينىمىغان سۇ

مۇتەخەسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە،قاينىمىغان سۇنى ئىچىش نىسبىتى %21~%38 ئىكەن. سۇ 100سىلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندە، سۇ تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار ھورغا ئايلىنىپ چىقىپ كىتىدۇ،يەنە داۋاملىق 3 مىنۇت قايناتقاندا تىخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.

 بەك ئۇزۇن قاينىغان سۇ

ئىچ سۈرمەك , قورساق كۆپۈش , ھوشسىزلىنىش ، تارتىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بەك ئۇزۇن قاينىغان سۇ دىگىنىمىز بىر كىچە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن قاينىغان سۇنى كۆرسىتىدۇ، توكلۇق سۇ ئىسسىتقۇچنىڭ ئىچىدىكى قايتا - قايتا قاينىغان سۇ. بۇنداق سۇلار بەك ئۇزۇن قاينىغانلىقتىن سۇدىكى  پارلانماس ماددا ، مەسىلەن ، كالتسىي ، ماگنىي قاتارلىق ئېغىر مېتال تەركىبى ۋە نىترىت مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى .بۇنداق سۇ ئاشقازان ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىچى  سۈرۈشنى ،قورساق كۆپۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛زەھەرلىك نىترىت كىسلاتا تۇزى ئورگانىزىمغا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئىغىرراق بولغاندا ھوشىدىن كىتىشى ھەتتا ئۈلۈپ كىتىشى مۇمكىن .

 قازان سۈيى

بالدۇر قىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.قازان سۈيى دىگىنىمىز ھورنان پىشۇرۇپ قازاندا ئىشىپ قالغان سۇ، نەچچە قىتىم قايناتقان سۇنىڭ تەركىبىدە نىترىت كىسلاتا تۇزىنىڭ قويۇقلىقى ناھايىتى يۇقىرى .بۇ خىل سۇنى كۆپ ئىچكەندە ياكى بۇخىل سۇدا تاماق ئەتكەندە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەم ھەزىم قىلىش ، نىرۋا، سۈيدۈك ۋە قان ئايلىنىش سىستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا بالدۇر قىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ 


    


【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624