

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
ئايالىمنىڭ ئۆي ئىشى قىلىشقا ئامراقلىقىنى يېقىن – يىراقتىكى ھەممىسى بىلىدۇ.
بىر كۈنى دوستۇم سالپايغىنىچە كېلىپ مەندىن سورىدى:« ئاداش، كىيىملىرىڭنى قىرلاپلا كىيىسەن جۇمۇ، نىمىدېگەن پاكىز، رەتلىك. چوقۇم ئايالىڭ قولى بىلەن يۇيۇپ، دەزماللاپ بەرگەندۇ. نىمىدېگەن ئىشچان ئايال. مېنىڭ ئايالىمچۇ؟ كىر يۇيىدىغاننى ئاڭلىسىلا بېشى ئاغرىيدۇ، باھانە تېپىپ مەن بىلەن ئۇرۇشۇپلا تۇرىدۇ. يۇيۇش توغرا كەلسىمۇ ئىچ كىيىمنىمۇ كىر ئالغۇدا يۇيىدۇ، بەزىدە ھەتتا مېنى يۇيغىلى سالىدۇ. ماڭا بىر ئۈگىتىپ قويغىنا، قانداق قىلسام مېنىڭ ئايالىممۇ كىر يۇيۇشقا ئامراق بولار؟»
كۈلۈپ تۇرۇپ دېدىم:« بۇ دېگەن مەخپىيەتلىك، ساڭا دەپ بەرسەم بولمايدۇ.»
نەچچە كۈندىن كېيىن بىر خىزمەتدېشىم كېلىپ مەندىن سورىدى:« بىر ئىشتا سىزدىن مەسلىھەت سوراي دېگەن ئىدىم. سىز كۈندە ئۆيىڭىزدىن ئوخشىغان تاماقلارنى ئېلىپ كېلىسىز، ئايالىڭىز بەكلا ئىشچانكەن. لېكىن مېنىڭ ئاشۇ ئايالىمچۇ، ئاشخانىغا پۇتىنى ئالدىمۇ بولدى ئاغزىمۇ تەڭ ئېچىلىدۇ، بىردەم ئىسلىشىپ كەتتىم دېسە، بىردەم مايلىشىپ كەتتىم، دەيدۇ، دەپ بېرىڭە ، قانداق قىلسام مېنىڭ ئايالىممۇ تاماق ئېتىشكە ئامراق بولار؟»
ئۇنىڭغىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ دېدىم:« بۇ دېگەن مەخپىيەتلىك، سىزگە دەپ بەرسەم بولمايدۇ.»
نەچچە كۈن بۇرۇن ئىدارىدىكى بىر رەھبىرىمىز ئۆيىمىزگە مېھمان بولۇپ كەلدى، ئۆيگە كىرىپلا ئۆينىڭ پاكىزلىقىنى ماختاشقا باشلىدى:« تەلەيلىككەنسىز جۇمۇ! نىمىدېگەن پاكىز ئۆي بۇ. بۇ ئۆينىڭ پاكىزلىقىدا ئادەم پولغا قارىسا ئۆزىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئۈستەل ئۈستىنىڭ پاكىزلىقىغىغۇ گەپ كەتمەيدۇ. بۇ چوقۇم سىزنىڭ ئايالىڭىزنىڭ تۆھپىسىغۇ دەيمەن. ماڭا دەپ بېرىڭە، قانداق قىلىپ ئايالىڭىزنى ئۆي يىغىشتۇرۇشقا مۇنچە ئامراق قىلىۋەتتىڭىز؟ بىزنىڭ خوتۇنچۇ، قولىغا سۈپۈرگىمۇ ئالمايدۇ...»
رەھبىرىمگە يالغان گەپ قىلىشقا كۆڭلۈم قويمىدى:« ئەمەلىيەتتە ناھايتى ئاددىي، مەن كۈندە دوستلار چەمبىركىگە ئايالىمنىڭ ئۆي ئىشى قىلىۋاتقان رەسىمىنى يوللايمەن. پاكىز يۇيۇلغان كىيىملەرنى، ئايالىم ئەتكەن ئوخشىغان تاماقلارنى يوللايمەن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئىشچان پەزىلەتلىك ئايال دەپ ماختىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۇ مېنى دوستلۇرۇم ئالدىدا يۈزىنى قىلدى، دەپ ئويلايدىكەن. ئايال كىشى دېگەنچۇ، بەزىدە ئەرلەردىنمۇ بەك يۈزىنى ئايايدىغان كېلىدۇ...»






