

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
يۈزدىكى قورۇقلارغا قاراپ سالامەتلىك ئەھۋالىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟
قورۇق قېرىغانلىقنىڭ بەلگىسى. نۇرغۇن ئاياللار كۆز ئەتراپىدىكى ، پېشانىسىدىكى ، ئېغىزىنىڭ ئەتراپىدىكى قورۇقلارغا قاراپ تولىمۇ جىددىيلىشىدۇ، «يەنە قېرىپتىمەن –دە!» دەپ ئۇھسىنىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قورۇق قېرىلىقتىن بەكرەك سالامەتلىك ۋە كېسەللىك ئەھۋالىدىن بېشارەت بېرەلەيدۇ.مۇتەخەسىسلەر شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، كۆپچىلىك ئەينەككە قاراپ، يۈزىدىكى قورۇق ئەھۋالىدىن ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ.
بىرىنجى : كۆز ئەتراپىدىكى كۈلسە پەيدا بولىدىەغان يايسىمان قورۇقلار بەدەندىكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلارنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ۋە ئاڭلاش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلاش مۇمكىنچىلىقىنىڭ ئىپادىسى، يەنە بوۋاسىر بولىشىمۇ مۇمكىن.
ئىككىنجى : كۆزنىڭ ئاستىدىكى يېرىم ئايسىمان قورۇق: بۆرەك، دوۋساق، ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ بېشارىتى.
ئۈچىنجى : بۇرۇندىكى كىرست بەلگىسى شەكىللىك قورۇق: ئومرۇتقا ۋە بۆرەكتە ئېغىر كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، بۇنداق قورۇقى بار كىشىلەرنىڭ ئومرۇتقىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
تۆتىنجى : بۇرنىدا، پېشانىسىدە قورۇق بار كىشىلەر : بۇنداق كىشىلەردە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغان ئەھۋال كۆپرەك كۆرىلىدۇ.
بەشىنجى : ئوڭ يۈزىدىكى قورۇق سول يۈزىدىكىدىن چوڭقۇر كىشىلەر : بۇ جىگەردە مەسىلە بارلىقىنىڭ ئىپادىسى بولىشى مۇمكىن.
ئالتىنجى : پېشانىسىدە بىر –بىرىگە ئۇلاشمىغان دولقۇنسىمان قورۇق بار كىشىلەر : بۇنداق كىشىلەردە كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، جىمغۇرلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.
يەتتىنجى : بۇرۇننىڭ پېشانىگە ئۇلاشقان قىسمىدا كىرىست بەلگىسى شەكىللىك قورۇق بار كىشىلەر : بۇنداق كىشىلەر ئىنتايىن ساغلام بولىدۇ، بەك ئاز ئاغرىپ قالىدۇ.
سەككىزىنجى : بۇرۇندىن باشلاپ كالپۇكقىچە بولغان قىسىمدىكى سىزىق يانتۇ شەكىلدە بولسا : بەلكىم يۈرەكنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىقى مۇمكىن.
توققۇزىنجى : جاۋغايدا ئورغاق شەكىللىك قورۇق بولسا پۇتتا كېسەل بولىشى مۇمكىن.
ئونىنجى : ئېڭەكتىكى مۈشۈك تىرنىقى شەكىللىك قورۇق تېرە ئاستى ماي قەۋىتىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرشى سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن.
ئون بىرىنجى : بويۇن قىسىمنىڭ يان تەرىپىدە يانتۇ سىزىقلىق قورۇقلار بولسا، قىسقا بولسا بۇ ئاشقازان ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى بولىشى مۇمكىن.
ئون ئىككىنجى : ئېغىزنىڭ ئەتراپىدا كىچىك قورۇقلار بولسا ئاشقازان كېسىلىنىڭ ئالامىتى.
ئون ئۈچىنجى : كالپۇكتا، بۇرۇننىڭ ئاستىدا قورۇقلار بولسا ھورمۇنلار ھەركىتىنىڭ ئاجىز بولىشىنىڭ ئالامىتى.
ئون تۆتىنجى : ئېڭەك قىسىمدا قورۇق پەيدا بولسا بوۋاسىرنىڭ ئالامىتى بولىشى مۇمكىن.
-END-









