大数跨境
0
0

قىزلار نېمىشقا ھالقا تاقاشقا ئامراق؟

قىزلار نېمىشقا ھالقا تاقاشقا ئامراق؟ aymehri
2018-05-06
1


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ





ھالقا  _ مېتال ياكى قاشتېشىدىن ياسالغان، قۇلاق يۇمشىقى ئۈستىگە  تاقىلىدىغان   زىننەت بۇيۇمى . ئومۇمەن ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسىلىدۇ  . پاسونى  ھەرخىل  ، ئاساسلىقى ئاياللار  تاقايدۇ   ، ئاز  سانلىق  ئەرلەرمۇ  تاقايدۇ . قىزلار ھەر خىل پاسوندىكى  ھالقىلارنى  تاقىۋالسا   ،  گۈزەل، لاتاپەتلىك  كۆرىنىدۇ.  ئۇنداقتا  سىز  ھالقا  تاقاش  ئادىتىنىڭ  قانداق  پەيدا  بولغانلىقىنى  بىلەمسىز  ؟   



بۇ  ھەقتە  مۇنداق  بىر  ھېكايە  بار  :



رىۋايەت قىلىنىشىچە ، قەدىمكى زاماندا كۆز كېسىلى  بار  بىر   قىز بولۇپ ، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ  كۆزى كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ . كېيىن  ئۇ بەختكە يارىشا   بىر تېۋىپقا ئۇچراپ  قاپتۇ  ، بۇ  تېۋىپ  ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى   بولىدۇ ،  دەپ  قارايدىكەن . ئۇ  قىزنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ،پارقىراپ  تۇرغان  كۈمۈش يىڭنە بىلەن قىزنىڭ   ھەر  ئىككى قۇلىقىنىڭ  قۇلاق  يۇمشىقىغا  سانجىپتۇ ، مۆجىزە يۈز بېرىپتۇ   , قىز قايتا يورۇقلۇقنى  كۆرەلەيدىغان  بوپتۇ  . قىزچاق  تېۋىپتىن   بەكمۇ  مىننەتدار بوپتۇ، تېۋىپنىڭ  شەپقىتىنى  مەڭگۈ  ئېسىدىن  چىقارماسلىق  ئۈچۈن  ،   زەگەرگە  كۈمۈشتىن  بىر  جۈپ  ھالقا  سوقتۇرۇپ  ئۇنى  قۇلىقىغا  تاقىۋاپتۇ . قىز كۈمۈش ھالقىنى تاقىغاندىن  كېيىن  تېخىمۇ  چىرايلىق  بوپ  كېتىپتۇ  .  تېۋىپنىڭ  نامىمۇ  ئېغىزدىن  -  ئېغىزغا  كۆچۈپ  ،  تىللاردا  داستان بوپتۇ .



قۇلاق تېشىپ    كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش مۆجىزىسى  ھەر  جايغا  تارقالغاندىن كېيىن ، نۇرغۇن باي ئائىلىنىڭ  قىزلىرى قۇلىقىنى  تەشتۈرۈپ  ھالقا  سالىدىغان  بولغان  ھەمدە  بۇ  ئادەت  ھازىرغىچە  داۋاملىشىپ  ،ئالىيجاناپلىقنىڭ    سىمۋولىغا  ئايلانغان  .




بۇنىڭ    ئىلمى  ئاساسى  بولسا  جوڭگو  قەدىمكى  زامان  تىبابىتىدىكى  قۇلاقنى  تېشىپ  داۋالاش  ئۇسۇلى  بولۇپ  ،  كىچىك  يىڭنە  بىلەن  قۇلاق  پەللىسىنى  تېشىش  ئارقىلىق  داۋالاش  ئېلىپ   بېرىلىدۇ  .



جوڭيى  تىبابىتىدە  ھالقا  تاقاشنىڭ  كۆرۈش  قۇۋۋىتى  ئاجىزلىشىشنى  داۋالاش  ۋە  ئالدىنى  ئېلىش  رولى  بار  دەيدىغان قاراش  بار  .  چۈنكى  ئادەمنىڭ  قۇلاق  قىسمىدا  ماس  پەللىلەر  بار  بولۇپ  ،قۇلاقنى  تېشىپ  ھالقا   ئېسىش  ئەمەلىيەتتە  قۇلاق  قىسىمغا  جايلاشقان  كۆز  پەللىلىرىگە  نىسبەتەن  ئۇزۇن  مەزگىللىك  يېنىك  غىدىقلاش  ئېلىپ   بېرىپ ،  كۆز   كېسەللىكلىرىنىڭ  ئالدىنى  ئېلىش  رولىنى  ئۆتەيدىكەن  . ئۇنىڭدىن  باشقا    داۋاملىق  ھالقا  تاقاشنىڭ  سەمرىپ  كېتىشى  توسۇش  رولى  بار  بولۇپ    ،  سېمىزلىكنىڭ  ئالدىنى  ئالىدىكەن  .


ھازىرقى  زامان  تىبابىتىدە  ئىسپاتلىنىشىچە  ،  قۇلاق  يۇمشىقىنىڭ  دەل مەركىزىگە  كۆز  پەللىسى  جايلاشقان  بولۇپ  ،  ئۇنى  غىدىقلاش  ئارقىلىق   يىڭناسقۇ  ،  جىددىي  خاراكتىرلىك  بىرىكتۈرگۈچى    پەردە  ياللۇغى  ،ياشانغانلاردىكى  كۆزگە  ئاق  چۈشۈش  ،  كۆرۈش  پەردە  ياللۇغى  قاتارلىق  كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ   ئالدىنى  ئالغىلى  بولىدىكەن  ،  بولۇپمۇ  يىراقنى  كۆرەلمەسلىك  كېسىلىگە  گېرىپتار  بولغانلارغا  نىسبەتەن  ياخشى  بولغان  داۋالاش  ئۈنىمى   بار  ئىكەن  .  ھالقا  تاقاشنىڭ  بۇنداق  پايدىلىق  تەرىپىنىڭ   بارلىقىنى  بەلكىم  ھازىر  ھالقىنى  مودا  ئۈچۈنلا  تاقاۋاتقان  بەزى  خانىم  -  قىزلىرىمىز  بىلمەسلىكى   مۇمكىن  .




ئۇزۇن  مەزگىل   قاشتېشى  ياكى  ساپ   كۈمۈشتىن  ياسالغان  ھالقىلارنى  تاقاپ  بەرسە  ،  كۆزى  غۇۋالىشىشقا  نىسبەتەن  پايدىسى  بولۇپلا  قالماستىن    يەنە  بەدەننىڭ  سەمرىپ  كېتىشىنىڭ  ئالدىنى  ئالىدىكەن  ،  ئادەمنى  روھلۇق  قىلىدىكەن  .



جوڭيى  تىبابىتىدە  قاشتېشىنى  ئادەم  بەدىنىنى  ياشارتىدىغان  ماددا  دەپ  قارايدۇ  .  قاشتېشىنى  ئېغىزغا  ئېلىپ  چىشلەپ  بەرسە  ،    ئۇساشنى  توختىتىش  ،  ئاشقازاندىكى  ئىسسىقلىقنى  يوقىتىش  ،  يۈرەك ئۆپكىنى  ياشارتىش  ،  چاچنىڭ  ئۆسىشىگە  ياردەم  بېرىش ، كاناينى  سىلىقلاشتۇرۇش  رولىنى  ئوينايدىكەن  .   دورا  يەپ  ساقايتقىلى  بولمايدىغان  كېسەللەرنى  قاشتېشى   ۋە  كۈمۈش  زىبۇ  -  زىننەتلەرنى  تاقاش  ئارقىلىق  داۋالاپ  ساقايتقىلى  بولىدۇ  دېگەن  قاراش  بەلكىم  مۇشۇنىڭدىن  قالغان  بولسا  كېرەك  .





 


ئايمېھرى سالونىمىزدىكى نادىر تېمىلار


چەكسىڭىزلا شۇ تىمىنى كۆرەلەيسىز


ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ سىزنى ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ

قورساق ئېچىپ ئۆتۈپ كەتكەندە...

ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﺶ

گۈزەل قىزلار ئۈچۈن بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش  گىمناستىكىسى

بۇرۇن ياللۇغىغا خوش دەڭ

بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلىقى  خاراكتىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ

ئاجايىپ دۇنيا رېكورتلىرى ،  ھەيران قالىسىز

مىكرو  ھېكايە  :  قىممەت

يارلانغان  دەرەخ

يامغۇرلۇق  كۈن  ـــــ   سېغىنىش   كۈنىدۇر

ئوقۇش پۈتتۈرۈش سوۋغىسى

يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى تۇخۇمنىڭكىدىن يۇقىرمۇ




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624