

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياخشى بولغان يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ئادەمنى ساغلام قىلىپ ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ياردەم بېرىدۇ . ياشقا چوڭىيىپ قالغانلار تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بەرگەندە ، ئېسىل يېمەكلىكلەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماستىن يەنە ساغلام بولىدۇ .
1.ئاز يېيىش ، كۆپ قېتىم يېيىش ، پېچىنە - پىرەنىكلەر بىلەن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش . ئوزۇقلۇقشۇناسلار ياشانغانلارنىڭ كۈنىگە 5-6 قېتىم غىزالىنىشىنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ ، 3 ۋاق تاماقنىڭ ئوتتۇرسىدا ئازراق پېچىنە - پىرەنىكلەرنى يەپ بەرسە بولىدىكەن ، مەسىلەن ماي مىقدارى تۆۋەن بولغان سۈتلۈك پىرەنىك ياكى تۇخۇم قوشۇلغان دۇفۇ قاتارلىقلار ، يەنە مېۋە - چىۋىلەردىن سالات تەييارلاپ ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدىكەن .
2. كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا مېۋە يەپ بېرىش .بەزى يۇمشاق مېۋىلەر ، مەسىلەن : بانان ، تاۋۇز ، مانگو ، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلار ياشانغانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ . مېۋىلەرنى نېپىز توغراپ ياكى ئېزىپ بوتقا قىلىپ ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدۇ .
3. يېمەك - ئىچمەكتە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك : ماي ئاز بولۇش ، تۇز ئاز بولۇش ، تەم تەڭشىگۈچ ، جاڭيۇ ، لازا قاتارلىقلار ئاز بولۇش ،يېمەك - ئىچمەكتە مايسىز تاماقلارنى ئاساس قىلىش .
4. كۈندۈزى كۆپرەك سۇ ئىچىش . كەچتە سۇ ئىچىش ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئازراقلا ئىچسە بولىدۇ . ياشانغانلار سۇنى كۈندۈزى ئىچىپ بېرىشى كېرەك . بەدەنگە كېرەكلىك بولغان سۇ بىلەن تەمىنلەپ ، مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
5. ۋىتامىن B تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇش . ۋىتامىن B نىڭ ياشانغانلارنىڭ يۈرەك - قان تومۇر كېسەللىكرى ، بۆرەك كېسىلى ، مېڭە ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ، ھەمدە روھىي ساغلاملىقى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولۇپ ، قاتتىق پوستلىق مېۋىلەر بىلەن ۋىتامىن B تولۇقلاپ بەرسە بولىدۇ .
6. يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل تولۇقلاش . ياشانغانلارنىڭ تاماق تىزىملىكىدە ، ھەربىر تاماقنىڭ مىقدارىدىكى 170 مىللىگىرام يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل بولىشى كېرەك . گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار ياڭاق ، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە بولىدۇ .







