

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
01
ۋۇزېتىيەن مۇۋەپپىقىيەتنىڭ جىنىس بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى.؛
جاڭزىيا مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ياش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى؛
جۇيۈەنجاڭ مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى؛
ناپالىئونمۇۋەپپىقىيەتنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى؛
مايۈن مۇۋەپپىقىيەتنىڭ تەقى –تۇرق بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى؛
لىجىياچېڭ مۇۋەپپىقىيەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى؛
روزۋېلت مۋەپپىقىيەتنىڭ سالامەتلىك بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى؛
بېل گايتىس مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئوقۇش تارىخى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئەمەلىيەت سىز تىرىشمىسىڭىز ھېچقانداق نەرسىنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
02
ئىقتىدارىڭىز يەتسە چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىڭ، ئىقتىدارىڭىز يەتمىسە كىچىك ئىشلارنى قىلىڭ.
ھوقۇقىڭىز بولسا ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ، ھوقۇقىڭىز بولمىسا ئەمەلىيەتكە يۈزلىنىڭ.
قولىڭىزدا يېتەرلىك پۇل بولسا خەيىر -ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىڭ. قولىڭىزدا يېتەرلىك پۇل بولمىسا باينىڭ خىيالىنى سۈرمەڭ.
ماغدۇرىڭىزنىڭ بار ۋاقتىدا كۆپرەك ئىشلەڭ، ماغدۇرىڭىزدىن قالغاندا خۇشاللىق ئىشلارنى ئەسلەڭ.
لېكىن ئىمكانقەدەر ئەخمەقلەرچە ئىش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، ھەرگىز ئەسكى ئىش قىلماڭ.
03
ھەر كۈننى بايرامدەك ئۆتكۈزۈڭ.
پىنسىيىنى ئىشلەۋاتقاندەك ئۆتكۈزۈڭ.
70 ياشنى 17 ياشتەك ئۆتكۈزۈڭ.
كوچا ئاپتۇبۇسىنى ئاۋدىنىڭ ئورنىدا كۆرۈڭ.
ئۆيىڭىزنى پارىژدەك كۆرۈڭ.
دوستلىرىڭىزنى ئۇرۇق –تۇققىنىڭىزدەك كۆرۈڭ.
سەپدىشىڭىزنى قېرىندىشىڭىزدەك كۆرۈڭ.
ئايالىڭىزنى رەھبىرىڭىزدەك كۆرۈڭ.
بالىڭىزنى سىردىشىڭىزدەك كۆرۈڭ.
ئۆزىڭىزنى دېرىكتوردەك كۆرۈڭ.
مانا بۇ خۇشال ياشاشنىڭ سىرى.







