

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
![]()
بەزى كىشىلەرنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىغا تۇخۇم يېيىشكە نىسبەتەن ئەندىشىسى بار بولۇپ ، تۇخۇمنىڭ قاندىكى ماينى يۇقىرلىتىۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ .لېكىن ناشتىدا تۇخۇم يېيىشنىڭ زىيىنىدىن پايدىسىنىڭ كۆپلىكىنى بىلمەيدۇ .
يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل پەيدا قىلىدۇ
![]()
ئاقسىل بولسا ھاياتلىقنىڭ ماددىي ئاساسى .بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ، تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىلنىڭ ئامىنو كىسلاتا قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ ، بىئولوگىيەلىك قىممىتىمۇ باشقا يىمەكلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ياخشى . ئۇنىڭدىن باشىقا تۇخۇمنىڭ سۈمۈرلۈش نىسبىتى باشقا يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا ياخشى .
قورساق تويغاندەك تۇيغۇ شەكىللەندۈرىدۇ
![]()
تۇخۇم بەدەندىكى ئەزالار ئۈچۈن يېتەرلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن ، ئاشقازاندا ئۇزاق ساقلىنىدىغان بولۇپ ، تاماقتىن كېيىن ئىتتىك قورساق ئېچىپ كەتمەيدۇ . تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە ناشتىدا تۇخۇم يېگەندە ،ئادەمدە ئاسانلا قورساق تويغاندەك تۇيغۇ شەكىللىنىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە ماي بەدەننى تەڭپۇڭ ساقلايدىغان ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ ، قورساقنى ئاسان ئاچۇرمايدۇ .
ئورۇقلاشقا پايدىلىق
![]()
ناشتىلىققا تۇخۇم يېگەندە پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئىسسىقلىق سۈمۈرلۈشنى ئازايتىپ ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش رولىنى ئوينايدۇ . تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە ، ناشتىلىققا كاربون بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ، ناشتىلىققا تۇخۇم يەيدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 56% تۆۋەن بولىدىكەن ، ھەمدە روھىي ھالىتى ناھايتى جۇشقۇن بولىدىكەن .
ئەستە تۇتۇشقا پايدىلىق
![]()
تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ناھايتى مول بولغان لېتسىتىن ،سېترول تۈرىدىكىلەر ۋە كالىتسىي ، سىنىك ، تۆمۈر ، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D ھەمدە Bتۈردىكى ۋىتامىنلار ناھايتى مول . تۇخۇم تەركىبىدىكى مول بولغان خولىن ماددىسىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىسى بار . شۇڭا كۆپرەك ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاق ياقىلىقلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناشتىلىققا تۇخۇم يېيىش ناھايتى مۇھىم .
سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرىدۇ
![]()
تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە تىروسىن ناھايتى مول بولۇپ ، ئۇ ئادەمنىڭ سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇشتا ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ .شۇڭا ماشىنا ھەيدەيدىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەتىگەنلىك ناشتىغا تۇخۇم يېيىش ئىنتايىن زۆرۈر.






