大数跨境
0
0

بەش يۇمۇر، چوقۇم كۆرۈڭ

بەش يۇمۇر،  چوقۇم كۆرۈڭ aymehri
2018-04-14
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

بىر  باي ھەر  قېتىم  سىرتقا چىققاندا  ئۆيىگە  ئوغرى كىرىشىدىن  ئەنسىرەيدىكەن،  ئىتتىن بىرنى  بېقىۋېلىپ  ئۆيگە قارىتاي  دېسە  ئىتنى بېقىشقا  ياللايدىغان  ئادەمگە بېرىدىغان  پۇلغا  كۆزى چىدىمايدىكەن.   ئۇزاق  ئويلانغاندىن كېيىن  ئۇ  ئاخىر مۇنداق  ئامالدىن  بىرنى تېپىپ  چىقىپتۇ:  ھەر قېتىم  ئىشىكتىن  چىقىشتىن بۇرۇن  ئۇ  ئۆينىڭ  wifi سىنىڭ  مەخپىي نۇمۇرىنى  ئۆچۈرۋېتىدىكەن.  ئاندىن خاتىرجەم  ھالدا  ئىشىغا ماڭىدىكەن.  ھەر  قېتىم باي  ئۆيىگە  قايتىپ كەلگەندە  ئىشىكى  ئالدىدا نەچچە  ئون  ئادەم يەردە  زوڭزىيىپ  ئولتۇرۇپ تېلفون  ئويناۋاتقان.  شۇنىڭدىن كېيىن  باي  ئۆيىگە ئوغرى  كىرىشىدىن  غەم يىمەس  بوپتۇ. 

ئۆيگە  ئوغرى كىرىشتىن  ساقلىنىش  ئۈچۈن چوقۇم  ئىت  بېقىش بىھاجەت.

مەسىلىگە  باشقا بىر   نۇقتىدىن  قاراپ باقسىڭىز  ئوخشىمىغان   نەتىجىگە ئېرىشىپ  قېلىشىڭىز  مۇمكىن. 

بىر  بوۋاي سەي  بازىرىغا  كەپتۇ –دە، ئۈچ  تال   شوخلا ئېلىپ  ئۇنى  جىڭلىتىش ئۈچۈن  يايما  خوجايىنىنىڭ ئالدىغا  كەپتۇ،  خوجايىن ئۆلچىگەندىن  كېيىن  دەپتۇ:« بىر  يېرىم  جىڭ، ئۈچ  كوي  يەتتە مو.»

بوۋاي  دەپتۇ :«  شورپا  قىلىشقا  بۇنچە كۆپ  پەمىدۇر  كەتمىگۈدەك...»شۇنىڭ  بىلەن ئۇ  ئۈچ  تال شوخلىنىڭ  ئىچىدىكى  ئەڭ چوڭ بىرسىنى  ئېلىۋېتىپتۇ. خوجايىن  يەنە بىر  جىڭلىغاندىن  كېيىن دەپتۇ :«بىر  جىڭ  ئىككى سەر،  ئۈچ  كوي.»

بوۋاينىڭ  يېنىدا تۇرغان  ئادەم  بوۋاينىڭ جىڭغا  دىققەت  قىلىشىنى ئەسكەرتمەكچى  بولۇپ  تۇرغاندا، بوۋاي  يانچۇقىدىن  يەتتە موچەن  پۇلنى  چىقىرىپ خوجايىنغا  بېرىپتۇ –دە،  بايام ئۆزى  ئېلىۋەتكەن  ئەڭ چوڭ  شوخلىنى  كۆتۈرۈپ كېتىپ  قاپتۇ.

بەكمۇ  ئۆزگىچە ھېساپلاش  ئۇسۇلى، ئويلىمىغان  نەتىجە. 

بىر  بېلىق كۆلچىكى  يېڭىدىن تىجارەت  باشلىغان  بولۇپ، بېلىق   تۇتۇش  ھەققى 100  يۈەن  ئىكەن. لېكىن  نۇرغۇن  كىشىلەر بىر  كۈن  كەچكىچە كۆلچەكنىڭ  بويىدا  ئولتۇرغان بولسىمۇ  بىر  تالمۇ بېلىق  تۇتالماپتۇ،  شۇنىڭ بىلەن  خوجايىن  پۇل تۆلەپ  كىرىپ  كۆلچەكتىن  بېلىق   تۇتالمىغان  ھەربىر ئادەمگە  بىردىن  توخۇ  سوۋغا  قىلىدىغانلىقىنى  ئېيتىپتۇ. نۇرغۇن  كىشىلەر  كۆلچەككە بېلىق   تۇتقىلى   بېرىپ  قايتىشىدا  بىردىن  توخۇنى كۆتۈرۈپ  كەپتۇ،  يەنە خوجايىننى  لەۋزىدە  تۇرىدىغان كىشىكەن  دەپ   ماختىشىپتۇ. كېيىن  بېلىق تۇتۇش  مەيدانىدىكى  ئىشىككە قارايدىغان  بوۋاي  كۆپچىلىككە مۇنداق  بىر  مەخپىيەتلىكنى ئېيتىپ  بېرىپتۇ: ئەسلى  ھېلىقى خوجايىننىڭ  مەخسۇس  توخۇ باقىدىغان  فېرمىسى  بار ئىكەن،  بۇ  كۆلچەكتە بولسا  بىر  تالمۇ  بېلىق   يوق  ئىكەن.

يېڭى  دەۋىردە تىجارەت  قىلىشتا  چوقۇم كونا  تەپەككۇر  ئۇسۇلىنى چۆرۈپ  تاشلاش  كېرەك. 

بالا  دادىسى بەرگەن دەرستىن  سىرتقى  تاپشۇرۇقنى ئىشلەشنى  خالىماپتۇ،  شۇنىڭ بىلەن  دادىسى  ئۇنىڭغا مۇنداق  دەپتۇ:«  ئوغلۇم، تاپشۇرۇقنى  مەن  ئىشلەي، سەن  تەكشۈرسەڭ  قانداق؟» بالا  خۇشاللىق  بىلەن ماقۇل بوپتۇ.  ھەمدە  دادىسى ئىشلىگەن  تاپشۇرۇقنى  ناھايتى ئەستايىدىللىق  بىلەن  تەكشۈرۈپتۇ. يەنە  تېخى فورمۇلالارنى  يېزىپ دادىسىغا  چۈشەندۈرۈپتۇ.  لېكىن بالا  ھەرقانچە  قىپمۇ دادىسىنىڭ  شۇنچە  يامان تۇرۇپ  ھەممە  مىسالنى خاتا  ئىشلىگەنلىكىنىڭ  تېگىگە زادىلا  يېتەلمەپتۇ.

بەزى  ۋاقىتتا كەينىگە  بىر  قەدەم چېكىنىش  ئەمەلىيەتتە  باشقا بىر  خىل  ئالغا ئىلگىرلەش  بولۇپ  قېلىشى مۇمكىن. 

بىر  پىروفېسسور توپتىكى  كىشىلەردىن مۇنداق بىر  سوئالنىسوراپتۇ:«بىر  تامچە  سۇ ئىنتايىن ئېگىزدىن  ئەركىن  ئېقىپ چۈشۈپ ئادەمنىڭ  بېشىغا چۈشسە  ئادەمنى  ئۆلتۈرۈپ قويامدۇ  ياكى  يارلاندۇرامدۇ؟»  بۇ ۋاقىتتا  توپتىكى  كىشىلەر بەس-بەستە  مۇنازىرە  قىلىشقا باشلاپتۇ،  ھەرخىل  فورمۇلا، ھەرخىل  قىياسلار،  قارشىلىق كۈچى،  ئېغىرلىق   كۈچى، تېزلىك  قاتارلىقلار  ئوتتۇرغا چىقىپتۇ،  مۇنازىرە  بىر سائەت   داۋاملىشىپتۇ.  بۇ ۋاقىتتا  توپقا  خاتا كىرىپ  قالغان  بىر ئادەم  ئۇلاردىن  سوراپتۇ:« ئەجىبا  سىلەر  يامغۇردا قېلىپ  باقمىغانمۇ؟»

كىىشلەرنىڭ  ئىدىيىسى ئاسانلا  ئاتالمىش قائىدە  -پىرىنسىپلار  تەرىپىدىن كونتىرول  قىلىنىپ، ئەڭ  ئاددىي  ئەڭ بىۋاستە  ھەل  قىلىش ئۇسۇلىنى  ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ. 






【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读169
粉丝0
内容624