大数跨境
0
0

گىرىم ئۆيى:نېمىشقا قىزلارلەۋسۇرۇخى تۈگىمەي تۇرۇپ يەنە سېتىۋالىدۇ

گىرىم ئۆيى:نېمىشقا قىزلارلەۋسۇرۇخى تۈگىمەي تۇرۇپ يەنە سېتىۋالىدۇ aymehri
2017-04-26
1
导读:ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ نېمىشقا قىزلار لەۋسۇرۇخى


ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ

نېمىشقا  قىزلار   لەۋسۇرۇخى   تۈگىمەي تۇرۇپ   يەنە   بىرنى   سېتىۋالىدۇ؟ بۇ  ھەقتىكى  قىزىقارلىق جاۋاپلار:

1.سىز   بىر كىيىمنى  كىيىپ  يىرتىلىپ بولغاندا  ئاندىن  يەنە بىرنى  سېتىۋالامسىز؟

2.قىزلارنىڭ  نەچچە يۈز  خىل  لەۋسۇرۇخى ئىچىدە  كېيىنكىسى  ئەڭ  چىرايلىق.

3.مېنىڭ   بوۋام  90 ياشقىچە  ئۆمۈر  كۆرگەن، نېمىشقا  ،بىلەمسىز؟  ئارتۇق  ئىشقا   ئارلاشمايتتى.

4.لەغمەن  يېگەن ۋاقتىڭىزدا  ،  چۆپىنىڭ  ھەممىنى  يەپ  بولۇپ  ئاندىن  سەينى   يەمسىز؟

5.لەۋسۇرۇخنىڭ   تۈرلىرى  شۇنداق   كۆپ  تۇرسا، ئەلۋەتتە  ئالماشتۇرۇپ   ئىشلىتىش  كېرەك.

6.لەۋسۇرۇخنىڭ  يېڭسى  ئەڭ   چىرايلىق.

7.قىزلارنىڭ   نەزىرىدە يېڭى  لەۋسۇرۇخ  سېتىۋېلىش يېڭى   كىيىم   سېتىۋالغان بىلەن   ئوخشاش   ئىش.

8.سېتىۋالمىسام   مۇشۇنچىۋالا گۈزەل  رەڭلىك  لەۋسۇرۇخلارغا   قانداق  يۈز  كېلەلەيمەن؟

9.   چۈنكى  مېنىڭ   گۈزەل   بولغۇم بار.

ئۇنداقتا   لەۋسۇرۇخ   ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە  دىققەت  قىلىش كېرەك؟

ئالدى  بىلەن  لەۋسۇرۇخ سۈرگەندە  چوقۇم  سورۇنغا  دىققەت   قىلىش   كېرەك. لەۋسۇرۇخنىڭ  رەڭگى   تېرىڭىزنىڭ  رەڭگى  بىلەن ماسلاشقاندىن   سىرت  يەنە سىزنىڭ  شۇ  كۈندىكى گىرىمىڭىز   ، زىبۇ- زىننەتلىرىڭىز   بىلەن ماسلىشىشى   كېرەك. سىز   تاللىغان  لەۋسۇرۇخنىڭ   رەڭگى  ئەمەلىيەتتە  سىزنىڭ   خاراكتىرىڭىزنى   بەلگىلەيدۇ ،  ھەمدە   باشقىلارنىڭ  سىزگە  بولغان  كۆز-قارىشىنى بەلگىلەيدۇ.

ئوچۇق  رەڭلەر: قىزغىن، ئىشەنچلىك، سالماق، مېھرىبان، ئوماق، دوستانە، چىرايلىق،جەلىب  قىلىش كۈچى  بار.

ھال  رەڭ:  رايىش، چىقىشقاق،دوستانە، ئالاقىگە  ماھىر،قىزىقارلىق،چىرايلىق، ئوماق، جەلب  قىلىش  كۈچى بار.

ئاپىلسىن  رەڭ:  ئاپىلسىن  رەڭگە قىزىل   رەڭدىكى  قىزغىنلىق  ۋە  سېرىق  رەڭدىكى ئوچۇقلۇق   مۇجەسسەم،  ئاپىلسىن  رەڭلىك  لەۋسۇرۇخ  سۈرىۋالسىڭىز،كىشىگە  قىزغىن، تېتىك تەسىر  بېرىسىز،   يېشى  كىچىك   شوخ  قىزلارنىڭ  ئىشلىتىشىگە  ئەڭ  ماس  كېلىدۇ.

قىزىل   رەڭ:  ئىجادچانلىققا   ئىگە،باتۇر ،  ئۆزىگە   ئىشىنىدىغان ،  سەل ياۋايى ، شىجائەتچان، تىرىشچان خاراكتىرنى  ئىپادىلەيدۇ.

قىزغۇچ سۆسۈن  رەڭ:  مۇستەقىل، ئىشەنچلىك، سالماق، سەل  ياۋايى، شىجائەتچان، تەربىيە  كۆرگەن، لاتاپەتلىك، چىرايلىق، جەلب  قىلىش كۈچىگە  ئىگە.

لەۋسۇرۇخنىڭ   رەڭلىرى   بىلەن   تونۇشۇپ  بولدۇق ، ئەمدى  ئۆزىمىزگە   قايسى   خىل   رەڭدىكى   لەۋ سۇرۇخنىڭ  ماس  كېلىدىغانلىقىغا   قاراپ باقايلى:

تېرىنىڭ  رەڭگىگە ئاساسەن  تاللاش:

تېرە  رەڭگى  سېرىققا  مايىل   بولغانلار  تاللىسا  بولىدىغان   رەڭلەر  :  تېرە   رەڭگى   سەل  سېرىق   بولغانلار   ئاپىلسىن   رەڭ   ياكى   قوڭۇر  رەڭگە   سەل   مايىل  رەڭلىك   لەۋلىكلەرنى   تاللىسا  بولىدۇ.   لەۋلىكنى  كۆپ قەۋەت   سۈرۈپ   سىناپ باقسا  بولىدۇ. لېكىن  شۇنىڭغا دىققەت  قىلىش  كېرەككى: يۈزنى   كۆرۈمسىز  كۆرسىتىپ  قويىدىغان   سوغۇق  رەڭلىك لەۋسۇرۇخلارنى   ئالدىراپ  ئىشلەتمەسلىكى   كېرەك.   

مەڭزى   قىزىل  كەلگەنلەر تاللىسا  بولىدىغان  رەڭلەر:    چېچىنىڭ  رەڭگىگە  ماسلاشتۇرۇپ   ، ئوچۇق   رەڭلىك  لەۋلىكلەرنى  تاللىسا   ياخشى   بولىدۇ. سۈرگەن   ۋاقتىدا  لەۋنىڭ   ئەتراپىغا   سىزغان  ئىزنا   سىزىقنى   غۇۋالاشتۇرمىسىمۇ     بولىدۇ، لەۋنى   تېخىمۇ ئېنىق   گەۋدىلەندۈرسە   ياخشى  بولىدۇ.

                                 تېرىسى   ئاق  كەلگەنلەر  تاللىسا بولىدىغان  رەڭلەر:ئوچۇق  رەڭلەر، مەسىلەن  ئاپىلسىن  رەڭ، ياكى نازۇك  كۆرىنىدىغان   ھال  رەڭلەرنى  تاللىسا   بولىدۇ.  لېۋىنىڭ  ئوتتۇرسىغا   سەل  قېنىق،  ئەتراپىغا   سۇسراق  سۈرسە  مۇۋاپىق   بولىدۇ.  رەڭگى  بەك   سۇس لەۋلىكلەر   ئاق  تېرىلىكلەرنى  بەك   روھسىز   كۆرسىتىپ   قويىدۇ،   شۇڭا   ئالدىراپ  بۇنداق   رەڭلىك  لەۋسۇرۇخلارنى   ئىشلەتمەسلىكىنى   تەۋسىيە قىلىمىز.


تېرە   رەڭگى   سەل قارا  بولغانلار  تاللىسا  بولىدىغان   رەڭلەر:  ياكى  بەك   قېنىقنى ، ياكى  بەك سۇسنى   تاللاپ  ئىشلەتسە  ئاندىن   روھلۇق  كۆرىنىدۇ. ئۇنىڭدىن  باشقا ،پارقىرايدىغان   لەۋلىكلەرنى   ئىشلەتسە  خاسلىقىنى  نامايان  قىلالايدۇ.  يا    قېنىق   ئەمەس  يا  سۇس  ئەمەس رەڭلەرنى   ئالدىراپ  تاللىماسلىقى  كېرەك.


سورۇنغا  قاراپ تاللاش:

زىياپەت   سورۇنلىرىدا : زىياپەتكە   قاتناشقاندا، پىشقان، ئېغىر  بېسىق كۆرسىتىدىغان   رەڭلەرنى  ئىشلەتسىڭىز، لاتاپىتىڭىزنى     تېخىمۇ   نامايان قىلالايسىز.

دالا  پائالىيەتلىرىدە :ئېقىمغا   ماسلىشىدىغان، پارقىراپ  تۇرىدىغان لەۋسۇرۇخلار   سىزنىڭ ھاياتىي   كۈچىڭىزنى  ئۇرغۇتىدۇ.

ھەرخىل  كۆڭۈل  ئېچىش، ئۇسۇل كېچىلىكلىرىدە:مەرۋايىتتەك   پارقىرايدىغان   ئوچۇق رەڭدىكى  لەۋسۇرۇخلارنى   سۈرگەن  لېۋىڭىز   سىزنى   پۈتۈن مەيداندىكى  قىزىق  نۇقتىغا  ئايلاندۇرىشى  مۇمكىن.ئەگەر  لېۋىم  تېخىمۇ پارقىراق   بولسۇن   دېسىڭىز، لېۋىڭىزگە  ئازراق   پارقىرايدىغان   قاپاق  سۈرمىسى    سۈرىۋالسىڭىز    بولىدۇ.

لەۋنىڭ  شەكلىگە  ئاساسەن  تاللاش:

لېۋى  سەل  ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ  كەتكەن  لەۋ شەكلىدىكىلەر:  بىر  خىل رەڭ  سېستىمىسىدىكى  ئىككى خىل  رەڭنى  تاللاپ ئىشلەتسە  بولىدۇ.ئۈستۈن    لېۋىگە  كىشىگە   لېۋى   كۆتۈرلۈپ  چىققاندەك  تۇيغۇ  بېرىدىغان  سۇس  رەڭنى.  ئاستىنقى  لېۋىگە   لېۋى   كىچىكلەپ قالغاندەك   تۇيغۇ  بېرىدىغان قېنىق  رەڭنى ئىشلەتسە  مۇۋاپىق.  

لېۋى  سەل  ئۈستىگە كۆتۈرلۈپ  چىققان ،  ھەم سەل  قېلىن  بولغانلار:  رەڭگى  سەل  قېنىق ، ئىللىق  رەڭلىك  لەۋسۇرۇخلارنى   تاللاپ  ئىشلەتسە  بولىدۇ  ،  بۇنداق  بولغاندا   باشقىلارنىڭ نەزىرىنى   لېۋىدىن  باشقا چىرايلىق  جايلىرىغا  يۆتكىگىلى  بولىدۇ.    مەسىلەن،   كۆزى، بۇرنى   دېگەندەك.

ئەگەر   لېۋى  ھەددىدىن زىيادە   نېپىز   قىزلار  بولسا،   قېنىق   رەڭلىك  لەۋسۇرۇخ   ئىشلەتمەسلىكى   كېرەك ،  بەلكى  كۆركەم  ھەم  ئوچۇق   رەڭدىكى   لەۋسۇرۇخلارنى   ئىشلىتىشى كېرەك ،  بۇنداق  قىلغاندا  لېۋى   تېخىمۇ  تولغاندەك كۆرىنىدۇ. 




【声明】内容源于网络
0
0
aymehri
ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
内容 624
粉丝 0
aymehri ئاي مىھرى خەلىقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
总阅读0
粉丝0
内容624