

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىر ئايال بولغۇچى چوقۇم بەزى نەرسىلەرنى تاشلاشنى ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك . 25 ياش بىر قىزنىڭ قىزلىق دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ ئاياللىق بوسۇغىسىغا قەدەم باسىدىغان يېشىدۇر . بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىدىغان ، ئۆزىگە خاس بولغان بىر خاراكتىرنى يېتىلدۈرىدىغان ياش باسقۇچىدۇر . ئەڭ مۇھىمى بۇ ياش باسقۇچىدا ئاياللار چوقۇم قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىشنى توختىتىپ ، ئۆزىنىڭ كىيىم كىيىش ئۇسلۇبىنى يارىتىشى كېرەك.
ئاياللار 25 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ، چوقۇم بۇ نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىشى كېرەك :
1. يىرتىق پادىچىلار ئىشتىنى . بۇنداق پادىچىلار ئىشتىنى بەلكىم مودا ئېقىمنىڭ سىمۋولى بولىشى مۇمكىن . ئەمما پىشىپ يېتىلگەن بىر ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ، سىز ئەمدى بۇنداق مودا بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقىنى ئىپادىلەشكە ئېھتىياجلىق ئەمەس ، ھەم ئىشتىنىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى يىرتىقلار بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئەمەس . بۇ ۋاقىتتىكى سىز ياسىنىش جەھەتتە تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى سىزنىڭ كىيىمىڭىزنىڭ سۈپىتى.
بىر پادىچىلار ئىشتىنىڭ ئەڭ مۇھىم رولى بولسا سىزنىڭ مۇكەممەل پۇت شەكلىڭىزنى باشقىلارغا ئۆز ئەينى كۆرسىتىپ بېرىش. پادىچىلار ئىشتىنى كىلاسسىك مودا ئېقىمنىڭ سىمۋولى ، يىرتىق بولمىغان پادىچىلار ئىشتىنى سىزنىڭ ئىدارە – ئورگاغلاردا كىيىشىڭزىگە تولىمۇ ماس كېلىدۇ ، باشقىلارغا لاتاپەتلىك ھەم ئەركىن ئازادە تۇيغۇ بېرەلەيسىز.
2. كارتون ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن مايكىلار . سىز ئەمدى كىچىك قىز ئەمەس ، سىز پىشىپ يېتىلدىڭىز . ئاياللار ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ساددىلىقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك ، لېكىن كارتون ئوبرازى چۈشۈرۈلگەن بۇنداق مايكىلارنى كىيىپ كوچىغا چىقسىڭىز ، باشقىلارغا ساددا كۆرۈنگەندىن سىرت يەنە كالۋا ، ئەخمەقتەك كۆرىنىپ قالىسىز . سىزنىڭ لاتاپىتىڭىزگە ھەقىقىي ماس كېلىدىغىنى ، ئىنچىكىلىك بىلەن تاللانغان ئاددىي پاسونلار.
دۇنيا مودا ئېقىم ساھەسىدە ئەڭ كۆپ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشكەن بىر گەپ ئېسىڭىزدە بولسۇن : پاسون قانچە ئاددىي بولغانسىرى ، شۇنچە ئېسىل كۆرىنىدۇ.
3. بارلىق يالتىراق نۇر رەڭلىك كىيىملەر . سىز 25 ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ يەنە يالتىراق نۇر رەڭلىك كىيىملەرىدن مېھرىڭىزنى ئۈزەلمەي يۈرگەن بولسىڭىز ، ئۇنداقتا سىز چوڭ بولماپسىز . پىشىپ يېتىلگەن بىر ئايال چوقۇم ئاددىيلىقنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.
بۇنداق توق رەڭلىك ،يالتىراق نۇر رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىپ يۈرسىڭىز ، باشقىلارغا كىيىملىرىڭىزنى كەچلىك بازاردىن سېتىۋالغاندەك ياكى كەچلىك سورۇنلارنىڭ ئۇسلۇبىدىكى كىيىملەرنى كىيىۋالغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىسىز. بۇ ۋاقىتتىكى سىزنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنىڭىز ، ئاددىيلىق بىلەن پاكىزلىق بىرلەشتۈرۈلگەن لاتاپەت.












