

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىر دېھقاننىڭ ئىككى چېلىكى بولۇپ ، ئۇ دېھقان ھەر كۈنى بۇ ئىككى چېلەكنى ئەپكەشلەپ ، دەريادىن سۇ توشۇيدىكەن ، ئەممابىر چېلىكى تۆشۈك بولغاچ ، ئازراق سۇ ئاقىدىكەن . شۇ سەۋەپتىن ھەر بىر يولدا دېھقان بۇ چېلەكتە پەقەت يېرىم چېلەكلا سۇ ئەكىلەلەيدىكەن . كۈنلەر ساق چېلەك ئۆزىنىڭ ساقلىقىدىن ماختىنىپ ، تۆشۈك چېلەك بولسا ئۆزىنىڭ كەمتۈكلىكىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ ئۆتىۋېرىپتۇ . ئىككى يىلدىن كېيىن تۆشۈك چېلەك ئاخىرى چىدىماي دېھقانغا : « مەن بەك خىجىل ، سېنىڭ ئەجرىڭگە چۇشلۇق پۈتۈن بىر چېلەك سۇ توشىيالمىدىم ...» دەپ يىغلاپتۇ . دېھقان كۈلۈپ تۇرۇپ : « دىققەت قىلدىڭمۇ ؟ قارا سەن تەرەپتىكى يول ياقىسىدا گۈللەر ئېچىلىپ كەتتى ، يەنە بىر تەرەپتە بولسا ھېچنەرسە يوق... مەن باشتىلا سېنىڭ تۆشۈك ئىكەنلىكىڭنى بىلگەن ، شۇڭا يول ياقىسىغا گۈل ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ قويغان ئىدىم ، بىز ھەركۈنى سۇ ئېلىپ قايتقاندا ، سەن يول بويىدىكى گۈللەرنى سۇغۇرۇپ ماڭدىڭ . مانا ئىككى يىل بولدى ، مەن دائىم بۇ گۈللەرنى ئۈزۈپ ، دەستۇرخانلىرىمنى بېزىدىم ،ئېيتقىنا ، ئەگەر سېنىڭ ئاشۇ كەمتۈكلىكىڭ بولمىغان بولسا ، مەن بۇنداق چىرايلىق گۈللەرنى نەدىنمۇ ئۈزەتتىم ؟ » دەپتۇ .
ھەر بىر كىشىنىڭ ئاشۇ تۆشۈك چېلەكتەك ئازدۇر -كۆپتۇر نۇقسانلىرى بولىدۇ ، ناۋادا بىز كىشىلەردىكى نۇقسانلارنى ئەپۇ قىلىۋېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولساق ، ھەم ئارتۇقچىلىقىنى جارىي قىلدۇرۇپ ، كەمچىللىكىنى تولۇقلىساق ، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىققا تولماسمۇ ؟






