

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بىر قىز پويىزغا چىقىپ ئۆزىنىڭ ئورنىدا بىر ئەرنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ -دە ، ئۆزىنىڭ بېلىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن تۈزۈي قىلغان ھالدا ھېلىقى ئەرگە دەپتۇ :« ئەپەندىم ، سىز ئورۇندا خاتا ئولتۇرۋالدىڭىزمۇ قانداق ؟» . ئەر بېلىتىنى چىقىرىپ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپتۇ :« كۆزۈڭ كورمۇ سېنىڭ ، كۆرمىدىڭمۇ ، بۇ مېنىڭ ئورنۇم .» قىز ئۇنىڭ بېلىتىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۈندىمەي ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇپتۇ . بىر دەمدىن كېيىن پويىز قوزغىلىپتۇ ، بۇ چاغدا قىز ئاستا بېشىنى ئېگىپ ھېلىقى ئەرگە دەپتۇ : « ئەپەندىم ، سىز ئورۇندا خاتا ئولتۇرۋالماپسىز ، بەلكى پويىزغا خاتا چىقىۋاپسىز »
كىشىلەردە بىر خىل سەۋىر تاقەت بولىدۇ ، ۋاقتى كەلگەندە پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيسىز . شۇڭا ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىشنى ئۈگىنىڭ ، ۋارقىراش بىلەن ئىش ھەل بولغان بولسا ، ئېشەك دۇنياغا خوجىدارلىق قىلغان بولاتتى .






