

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
1. ناشتا قىلماسلىق
ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ئاشقازان ئۈچەيگە زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن ،كىشىنى ھارغىن قىلىدۇ . ئاشقازان بىئارام بولىدۇ ، باش ئاغرىيدۇ ھەمدە ئاسانلا ئۆتكە تاش چۈشىدۇ ، ئادەمنى ئاسان قېرىتىۋېتىدۇ .
2. ئاچ قورساق يۈگۈرۈش
ئاچ قورساق يۈگۈرۈش يۈرەك ۋە جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىپلا قالماستىن ،ئاسانلا يۈرەك رېتىمىنىڭ تەرتىپسىز بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .ھەتتا ئادەمنى تۇنجۇقتۇرۇپ قويىدۇ .
3.قايناۋاتقان سۇدا چاي دەملەش
يېڭى قاينىغان سۇدا چاي دەملىگەندە ،چايدىكى ۋىتامىن C بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ . شۇڭا 70-80 گىرادۇسلۇق قايناقسۇدا چاي دەملەش كېرەك . بۇنداق ئۇسۇلدا دەملەنگەن چاي سالامەتلىككە پايدىلىق بولىدۇ .
4. ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلماسلىق
ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلماسلىقنىڭ زىيىنى ناھايتى چوڭ . دا ئىم چىش چوتكىلمىغان ئادەم ئاسانلا زۇكام ۋە ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ . چىش چىرىش ، چىش مىلىكى قاناش ، ھەتتا چۈشۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ كېلىپ چىقىدۇ .
5. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۈزىنى يۇيماسلىق
يۈزدىكى گىرىم بۇيۇملىرى ۋە چاڭ - توزانلار تېرىنى غىدىقلايدۇ ،تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋالىدۇ . تېرە ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ .
6. سىرلانغان چوكىدا تاماق يېيىش
سىرنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق كۆپ خىل ماددىلار بار . نىترات ماددىلىرى سۈمۈرۋېلىنغاندىن كېيىن ئېتىلامىن خىلور ماددىلىرى بىلەن بىرىكىپ كۈچلۈك راك پەيدا قىلغۇچى نىتروزامىن پەيدا قىلىدۇ .
7. بېلىق قىلتىرقى گالدا تۇرۇپ قالسا ئاچچىقسۇ ئىچىش .
ئاچچىقسۇ بېلىق قىلتىرقىنى چىقىرالمايلا قالماستىن ،ئەكىسچە يەنە يېپىشقان پەردىنى كۆيدۈرۈپ ، قىزىلئۆڭگەچتە سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ .
8. دورىنى پارچىلاپ يېيىش
دورىنى پارچىلىغاندا قىر چىقىپ يۇتۇش تەسلىشىدۇ . قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازانغا ئاسانلا زىيان سالىدۇ .
9. تاماق ئۈستىلىگە سۇلياۋ داستىخان سېلىش
سۇلياۋ داستىخان زەھەرلىك ئەركىن ئىئونلۇق پولى ۋىنىل خلورد سىمولسىدىن تەركىپ تاپقان ، تاماق قاچىلىرى داۋاملىق بۇنداق زەھەرلىك ماددا بىلەن ئۇچىرشىپ تۇرسا ، ئادەمنى ئاستا خاراكتىرلىك زەھەرلەيدۇ .
10 . ھاراقتىن كېيىن قېنىق چاي ئىچىش
چاي تەركىبىدىكى كوفىن ئىشقار بىلەن ئىسپىرت رىئاكسىيەلىشىپ ، ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ .






