

ئېچىلىۋاتىدۇ سەل ساقلاڭ
بۇ ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە .
يايلاقتا ناھايتى كىچىك بىر مەھەللە بولۇپ ، پەقەت بىر نەچچە ئاھالىلىكلا ئادىمى بار ئىدى ، مانا مۇشۇ كىچىك كەنتتە مەن ئىككى بۆرىنىڭ بىر مەيدان ئۇلۇغ مۇھەببەت ھېكايىسىگە شاھىد بولدۇم .
ئۇ كۈنى ئوۋچى ئالات يايلاقتىن بىر ئەركەك بۆرىنى ئوۋلاپ كەلگەن ئىدى ،ئەمەلىيەتتە ئالات ھەقىقىي موڭغۇل ئەمەس بولۇپ ، ھەقىقىي موڭغۇللار بۆرىنى توتۇم قىلغاچقا بەك ئۇلۇغلايتتى ، ھەرگىز قالايمىقان ئوۋلىمايتتى .ئەمما ئالات ئۇنداق قىلمىدى . ئالات بۆرىنى ئىنتايىن پۇختا ياسالغان بىر تۆمۈر قەپەسگە سولاپ قويدى ، ئىنتايىن مۇستەھكەم بىر تۆمۈر سىم بىلەن بۆرىنىڭ ئاغزىنى تېڭىۋەتتى . بۇنداق بولغاندا بۆرىنىڭ ھۇۋلاپ باشقا بۆرە توپىنى چاقىرىپ كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى ، ئەگەر باشقا بۆرە توپلىرى كەلسە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى ، ئېغىر بولغاندا خۇن تۆكۈلىدىغان ئىشلارمۇ بولاتتى . بۇ ۋاقىتتا ئەتراپتىن بۆرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى ، نېمىشقىكىن ئەركەك بۆرە ئەنسىزلىنىشكە باشلىدى ...
چۈشتىن بۇرۇن كۈن پارقىراپ چىقىپ تۇرغان يايلاقتا ، چۈشتىن كېيىنلا قار - شىۋىرغان چىقىشقا باشلىدى . بۆرىنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازى ئۈزۈلدۈرمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى . مەن يەنە بۆرىنىڭ ئۆزىنى قەپەسگە ئۇرغان ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىدىم . ئالات : « بۇ ناھايتى نورمال ئىش ، موڭغۇللار ھەممىمىز مۇشۇنداق » دېدى . مەن بۆرىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم .
مېنىڭ پەرىزىمچە سىرتنىڭ تېمپۇراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ ،سۇمۇ مۇز تۇتۇشقا باشلىغان ئىدى .بۆرىنى توڭلاپ ئۆلۈپ قالارمۇ ، دەپ ئويلايتتىم ، توڭلاپ ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ بۇنداق قاتتىق شىۋىرغان بۆرىنى قارغا كۆمىۋىتەتتى ،بۇنداق بولغاندىمۇ بۆرە چوقۇم ئۆلۈپ قالاتتى ! تۇيۇقسىز بۆرىنى بەك بىچارىدەك ھېس قىلىپ قالدىم ، قانداقتۇر قىزىل بۆكلۈك قىزنى ، بۆرىنىڭ ھىيلىگەرلىكى ھەققىدىكى قاراشلارنى ئۇنتۇپ ،قەلبىمنى پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىق تۇيغۇسى چىرمىۋالدى ...
ئەتىسى ئەتىگەندە ، شىۋىرغان توختىدى ، مەن بۆرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆزۈمنى تېشىغا ئاتتىم ،كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرە مېنى ھاڭ – تاڭ قالدۇردى :
بۆرە قەپىسىنىڭ بىر تەرىپىگە قار پومزىكى دۆۋىلىنىپ قالغان بولۇپ ، بىرەر نەرسە قارنى توسۇپ ، قەپەس بىلەن قارنىڭ ئارلىقىدا بىر بوشلۇق پەيدا قىلغاچقا ، ئەركەك بۆرە ئۆلمەي ھايات قالغاندەك تۇراتتى . مەن ئالاتنى چاقىردىم ، قارنى يۆتكىۋەتكەندىن كېيىن ، يەنە بىر بۆرىنىڭ جەسىتى كۆرۈندى : بۆرە قەپەسنى قاردىن توسۇپ ئەركەك بۆرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆرە تۇرۇپلا ئۆلۈپ قالغان ئىدى ...
ئالات ئۇنىڭ بىر چىشى بۆرە ئىكەنلىكىنى دېدى . ئۇ يەنە :« بۇ چوقۇم قەپەستىكى بۆرىنىڭ ھەمراھى ، بولمىسا قانداقسىگە ئەركەك بۆرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بېرىدۇ » دېدى . مەن چىشى بۆرىگە تەپسىلىي قاراپ چىقتىم : ئۇكۆزى ئوچۇقلا كېتىپ قالغان ئىدى ... بەدىنى قاردەك ئاقىرىپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ كۈلرەڭ مويلىرىنى كۆرگىلىمۇ بولمايتتى . قەپەس ئىچىدە تۇرغان ھەمراھىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى : ئۆز بەدىنى ئارقىلىق شىۋىرغاننى توسۇپ ، ئۇنىڭ ھايات قېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئىدى .
مەن قايتا – قايتا تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاچقا ، ئالات ئەركەك بۆرىنىڭ ئاغزىدىكى تۆمۈر سىمنى ئېلىۋەتتى .لېكىن ئەركەك بۆرە ھۇۋلىمىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى چىشى بۆرىنىڭ جەسىتىگە تىكىلىپ قالغان بولۇپ ، جەسەتنى ئايلىنىپ ئۇيان - بۇيان ماڭاتتى . شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭ يۈرىكىدىن قان تامچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايتتىم .
ئالاتتىن ئۇ بۆرىنى قويىۋېتىشنى ئۆتۈندۈم ، لېكىن ئالات بۆرىنى قويىۋەتسە ، ئۇنىڭ چىشى بۆرە ئۈچۈم قىساس ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ 200 نەچچە تۇياق قويىنىڭمۇ ئاپەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۆرىنى قويىۋېتىشكە قوشۇلمىدى . ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ بۇ بۆرىنى ھەمراھىدىن تىرىك ئايرىۋەتكەنلىكىدىن كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا سەل ئۆچلۈكۈم كەلدى .
ئالات :« تۈنۈگۈن كەچ ھۇۋلىغان چوقۇم مۇشۇ چىشى بۆرە ، ئۇ ئەركەك بۆرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلگەن » دېدى ، يەنە چىشى بۆرىنىڭ جەسىتىنى يۆتكىمەي تۇرايلى ،ئۇنىڭغا چېقىلىپ قويساقلا ئەركەك بۆرە ھۇۋلاپ باشقا بۆرە توپىنى چاقىرىپ كېلىدۇ ، دېدى .
مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك پۈتۈن بىر كۈن بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە يۈردۈم ، ئادەملەرنىڭ نەقەدەر رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم ...
ئىككىنجى كۈنى ئەتىگەندە يەنە ئەركەك بۆرىنى كۆرگىلى چىقتىم : ئەركەك بۆرىمۇ ئۆلۈپ قالغان ئىدى ، ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى پەقەت بىر تۆمۈر قەپەسلا ئايرىپ تۇراتتى . بۆرە ياتقان يەردىكى قارلارمۇ مۇزغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى ؛ كۆز چانىقىدا بولسا مۇزغا ئايلانغان بىر تامچە ياش پارقىراپ تۇراتتى ...
كونىلار مۇنداق دەيدىغان : بۆرە ئەڭ سادىق ھەمراھ ، ھەمراھى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسە ، ئۇمۇ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ ، ھەمراھىدىن ۋاز كەچمەسلىك ـــ ئۇلارنىڭ مۇھەببەت پىرىنسىپى . شۇڭا بىر بۆرىنىڭ ھاياتىدا پەقەت بىرلا ھەمراھى بولىدۇ ...








